ئەخمەت ئىگەمبەردى
Appearance
ئەخمەت ئىگەمبەردى 1936-يىلى گۇچۇڭدا تۇغۇلغان، ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە ئۈرۈمچىگە كۆچۈپ كېلىپ ئۈرۈمچىدە ئىككىنچى دارىلمۇئەللىمىنى ۋە ئارقىدىن شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنى، 1957-1962-يىلى تاشكەنتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئوقۇپ پۈتتۈرگەن. «تارىم» ژۇرنىلىدا تەھرىر بولغان، ئەمما 1979-1969-يىللىرى «ئەكسىلئىنقىلابچى» دېگەن ئاتالمىش جىنايەت بىلەن 10 يىللىق تۈرمە ۋە ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىنى باشتىن كەچۈرگەن، 1985-يىلى ئاۋسترالىيەگە كۆچۈپ كېلىپ ۋەتەنسىزلىك، مۇھاجىرەت ھاياتىنى باشلىغان. ئۇنىڭ تۇنجى شېئىرى 1954-يىلى ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ژۇرنال «شىنجاڭ ئەدەبىيات سەنئىتى» دە ئېلان قىلىنىش بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە رەسمىي كىرگەن.