ئەخەت تۇردى

ئورنى Wikipedia

ئەخەت تۇردى 1940-يىلى قەشقەر شەھىرىدە قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1959-يىلىدىن 1964-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىگە تەقسىم قىلىنىپ، «تارىم» ژورنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە مۇھەرىر، مۇئاۋىن باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1989-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپى يازغۇچىسى بولغان.

ئەخەت تۇردىنىڭ ھازىرغىچە «ئۇنتۇلغان كىشىلەر»، «ھايات شۇنداق»، «ئاي يامغۇرى»، «يىراقتا قالغان مۇھەببەت»، «سەرسان روھ»، «بەختسىز سەئىدىيە»، «قاباھەت» قاتارلىق رومانلىرى؛ «قىيانلىق دەريا»، «قەترە»، «ئەلۋىدا، كۆز يېشىم» قاتارلىق پوۋېست توپلاملىرى؛ «گۈلخان»، «گىرىمسەن يوللار»، «خەيرى-خوش توققۇز كۈنلۈك ماكان»، «بىر ئەۋلىيا ھەققىدە قىسسە» قاتارلىق ھېكايە ۋە ئەدەبىي ئاخباراتلار توپلىمى؛ «ئەۋلادتىن ئەجدادقىچە»، «دەۋر ساداسى»، «ئەدەبىي ئىجادىيەت توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم» قاتارلىق ئون نەچچە پارچە ئەدەبىي ۋە ئوبزورلار توپلىمى نەشر قىلىنغان. «سەرسان روھ» ناملىق رومانى مەملىكەتلىك «تۇلپار» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

ئەخەت تۇردى ھازىر جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى. شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ پەخرىي پىروفېسسورى.

مەنبە[تەھرىرلەش]

جوڭگو ئۇيغۇرچە رادئىيو تورى https://web.archive.org/web/20170727155041/http://www.uycnr.com/lssc/xs/zz/201012/t20101207_70046.html {{|url=https://web.archive.org/web/20170727155041/http://www.uycnr.com/lssc/xs/zz/201012/t20101207_70046.html |date=2017-07-27 }}