ئەدۇنىس

ئورنى Wikipedia

ئەدۇنىسنىڭ ئەسلىي ئىسمى ئەلى ئەھمەد سەئىد ئىسپور (ئەيبۇ ياقۇپ) بولۇپ، 1930-يىلى سۈرىيەدە تۇغۇلغان. 1956-يىلى لىۋانغا كۆچۈپ بارغان ۋە ئەدەبىي ئىجادىيىتىنى باشلىغان.

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە ئىسمى :ئەدۇنىس

باشقا نامى :ئەلى ئەھمەد سەئىد ئىسپور

دۆلەت تەۋەلىكى :سۈرىيە

تۇغۇلغان ۋاقتى :1930-يىلى

كەسپى :يازغۇچى، شائىر

شەخس ئانكىتى[تەھرىرلەش]

ئەدۇنىسنىڭ ئەسلىي ئىسمى ئەلى ئەھمەد سەئىد ئىسپور (ئەيبۇ ياقۇپ) بولۇپ، 1930-يىلى سۈرىيەدە تۇغۇلغان. 1956-يىلى لىۋانغا كۆچۈپ بارغان ۋە ئەدەبىي ئىجادىيىتىنى باشلىغان. 1980- يىللاردىن باشلاپ ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدا ئوقۇتۇش، يېزىقچىلىق ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولغان.

مۇندەرىجە[تەھرىرلەش]

  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
  • شەخس ئانكىتى
  • شان-شەرەپلىرى
  • تەسىرى
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

شان-شەرەپلىرى[تەھرىرلەش]

ئۇ بىر « يۇسسېل» ئەدەبىيات مۇكاپاتى، «تۈركىيە» ھېكمەت ئەدەبىيات مۇكاپاتى، «ماكېدونىيە» ئالتۇن تاج شېئىرىيەت مۇكاپاتى، «فىرانسىيە »چەت ئەل ئەدەبىياتى مۇكاپاتى ۋە «چەت ئەل كىتاب مۇكاپاتى» قاتارلىق خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇ «نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى» نىڭ نامزاتلىرىدىن بىرى.

تەسىرى[تەھرىرلەش]

ئەدۇنىس مول ھوسۇللۇق شائىر، مۇتەپەككۇر ۋە ئەدەبىيات نەزەرىيەچىسى. ئۇ بۈگۈنكى دۇنيادا ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئەرەب شائىرى دەپ تەرىپلىنىدۇ، ئۇنىڭ شېئىرنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا بولغان ئاكتىپ تەشەببۇسى، ئەرەب مەدەنىيىتىگە بولغان چوڭقۇر ئويلىنىشى ئەرەب مەدەنىيەت ساھەسىدە كەسكىن بەس – مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولغان ھەم چوڭقۇر تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن، ئۇنىڭ ھازىرغىچە 22 شېئىرلار توپلىمى، مەدەنىيەت ۋە ئەدەبىيات نەزەرىيەسىگە ئائىت ئون نەچچە ئىلمىي كىتابى نەشر قىلىنغان.