ئەرتۇغرۇل ئوغلى ئوسمان

ئورنى Wikipedia

ئۆز ھاياتىدا يۇقىرى شان-شەرەپكە نائىل بولالىغانلار كۆپ، لېكىن بۇ شان-شەرەپنى بالىلىرىغا مىراس قالدۇرالىغانلار ئاز ئۇچرايدۇ، بولۇپمۇ بۇ شان-شەرەپنى ئەۋلادلىرى ئىچىدە نەچچە ئەسىر داۋاملاشتۇرالىغانلار تېخىمۇ ئازدۇر. ئوسمانىيلار دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەرتۇغرۇل ئوغلى ئوسمان ئەنە شۇلارنىڭ قاتارىدىندۇر. ئۇنداقتا ئۇشبۇ ئوسمان زادى كىم؟

ئۇ بولسىمۇ سۇلايمان شاھ ئوغلى ئەرتۇغرۇل ئوغلى ئوسمان تۈركمەن بولۇپ، “ئوسمان بىرىنچى” دەپ تونۇلغان، نەسەبى موڭغۇللارنىڭ دەستىدىن يۇرت-ماكانلىرىنى تاشلاپ قاچقان كۆچمەن تۈركمەنلەرگە تۇتىشىدۇ.(1)

ئۇ ھىجرىيە 656-يىلى جامادىيەلئەۋۋەل ئېيىنىڭ 4-كۈنى، (م 1258-يىلى) ماي ئېيىنىڭ 99-كۈنى پەيشەنبە تۇغۇلغان. بۇ باغداد (يەنى ئابباسىيلار خەلىپىلىكى) موڭغۇللارنىڭ قولىدا يىقىلغان يىل ئىدى. ئاللاھ تائالا ئابباسىيلارنىڭ ئاخىرقى خەلىپىسى ئۆلتۈرۈلگەن كۈندە، قېرىپ، ئاجىزلاپ كەتكەن خىلاپەتنى نەۋقىران ياشلىقىغا قايتۇرىدىغان بىر كىشىنىڭ تەۋەللۇت تېپىشىنى تەقدىر قىلغان بولسا كېرەك. ئۇ “سۆگۈت” شەھىرىدە ياكى “پاسىن”دا تۇغۇلغان.

ئوسمان ئائىلىسىنىڭ بۇ جايغا كېلىپ، ھۆكۈمرانلىق تەختىگە چىقىپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى بولسا، سالجۇقىلار موڭغۇل پادىشاھى چىڭگىزخاننىڭ زۇلۇمى تۈپەيلى، ئۆزلىرىنىڭ يۇرتىنى تاشلاپ، رىم دۆلىتى تەرەپكە كەلگەن، ئەرتۇغرۇلمۇ ئەنە شۇلار بىلەن بىرگە كەلگەن. ئۇ باتۇر كىشى بولۇپ، ئۇنىڭ قەبىلىسىدىن 340 چە كىشى ئۇنىڭغا ھەمراھ ئىدى. كېيىن ئۇ قارامان دىيارىنىڭ سۇلتانى سۇلتان ئالائىددىن كەيكۇباد بىن كەيخۇسرەۋ بىن قىلىچ ئارسلان بىن توغرۇل سالجۇقىيغا خىزمەت قىلغان. سۇلتان ئالائىددىن ئۇنىڭ باتۇرلۇقىنى ياقتۇرۇپ قېلىپ، ئۇنى ئۆز يېنىغا تارتىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭ قولىدا نۇرغۇن ئەللەر پەتھى قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنى كۆپ سوۋغا-ئىنئاملار بىلەن تارتۇقلايدۇ.(2)

ئېيتىلىشىچە، ئەرتۇغرۇلنىڭ دادىسى موڭغۇللاردىن قېچىپ، بىر دەريادىن ئۆتۈۋاتقان چاغدا، سۇغا غەرق بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەن، شۇنىڭدىن كېيىن ئەرتۇغرۇل ئەجەم يۇرتى يەنى ئىران ۋە ئۇنىڭ ئەتراپلىرىغا كېتىۋېتىپ، گىرەلىشىپ كەتكەن ئىككى قوشۇننى كۆرىدۇ ۋە ئېگىزرەك يەرگە چىقىپ، ئۇرۇشقاق كۆچمەن قەبىلىلەردىكى بۇ كۆنۈك مەنزىرىنى كۆزىتىدۇ. ئىككى قوشۇننىڭ بىرىنىڭ ئاجىزلىقىنى، مەغلۇبىيىتىنىڭ مۇقىملىشىپ قالغانلىقىنى ۋە ياردەمسىز قالغانلىقىنى كۆرگەن ئەرتۇغرۇلنىڭ ئۇرۇش قىزغىنلىقى تۇتۇپ، مەغلۇپ بولغان قوشۇنغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، چەۋەندازلىرى بىلەن جەڭگە ئاتلىنىدۇ، ھەمدە يەنە بىر قوشۇنغا ناھايىتى باتۇرلۇق بىلەن كۈچلۈك ھۇجۇم قىلىدۇ، نەتىجىدە غەلىبىگە ئېرىشەي دەپ قالغان قوشۇننىڭ قەلبىگە قورقۇنچ چۈشىدۇ، ئەرتۇغرۇل ئۇلارنى قىلىچ-نەيزىلەر بىلەن قىرىپ تاشلاپ، ئېچىنىشلىق ھالدا مەغلۇب قىلىدۇ.

ئەرتۇغرۇل ياردەم بەرگەن بۇ قوشۇننىڭ قوماندانى ئەمىر سۇلتان ئالائىددىن كەيكۇباد ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ئەمىر ئالائىددىن ئۇنىڭ بۇ كاتتا تۆھپىسى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا بىر نەچچە رايون ۋە شەھەرلەرنى سۇيۇرغال قىلىپ بېرىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىنكى قوشنا ئەللەر بىلەن بولغان ئۇرۇشلاردا ئەرتۇغرۇل ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە تايىنىدىغان بولىدۇ. ھەر قېتىملىق غەلىبىنىڭ ئارقىسىدا ئۇنىڭغا يېڭى زېمىنلارنى سۇيۇرغال قىلىپ بېرىدۇ ۋە كۆپ پۇل-مال تارتۇق قىلىدۇ، ئۇنىڭ قەبىلىسى دائىم قوشۇنلارنىڭ ئالدىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ قەبىلىسىگە «سۇلتاننىڭ ئاۋانگارت قىسمى» دېگەن نامنى بېرىدۇ.

ئەرتۇغرۇل شۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆمرىنى جىھاد ۋە جىھاد تەييارلىقى بىلەن ئۆتكۈزگەن بولۇپ، تارىخىي مەنبەلەردە «چېگرا غازىسى» دەپ ئاتالغان.

تەخمىنەن ھىجرىيە 6977-يىلى ئەرتۇغرۇل ۋاپات بولغاندىن كېيىن، سۇلتان ئالائىددىن ئۇنىڭ ئوغلى ئوسمانغا دادىسىدىن كېيىن ئەمىر بولۇشى توغرىسىدا خەت يازىدۇ، ھەم ئەمىرلەرنى مەنسەپكە قويغاندىكى ئادىتى بويىچە، ئۇنىڭغا بىر شەرەپ تونى ۋە بىر قىلىچ ئەۋەتىدۇ.(3)

ئوسمان دادىسىنىڭ ياخشى ئىزباسارى ئىدى، ئۇ ئۆز قەبىلىسىگە قوماندانلىق قىلىپ، جىھادلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. مىلادىيە 1289-يىلى، ھىجرىيە 688-يىلى ئاللاھ ئۇنىڭغا قارا قەلئەسىنى پەتھى قىلىشنى مۇيەسسەر قىلىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن سۇلتان ئالائىددىن ئۇنىڭغا «بەگ» دېگەن نامنى بېرىپ، ئۇ پەتھى قىلغان بارلىق يەرلەرنى ئۇنىڭغا سۇيۇرغال قىلىپ بېرىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆز نامى بىلەن پۇل بېسىشىغا، جۈمە خۇتبىسىدە ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ تىلغا ئېلىنىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوسمان-بەگ دېگەن نامىنى ئېلىپ ئېيتمىغاندا-ئەمەلىيەتتە بىر پادىشاھقا ئايلىنىدۇ.

ئوسمان پەتھىلىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇپ، ئىينە كۆلى، يېنى شەھەر، كۆبرۈ ھىسار، بىلجىك قاتارلىق شەھەرلەرنى پەتھى قىلىدۇ.

شۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن ئۇنىڭغا سۇلتان ئالائىددىننىڭ پۈتۈن مەملىكىتىگە سۇلتان بولۇش شارائىتى ھازىرلىنىدۇ. م 1300-يىلى، ھىجرىيە تەخمىنەن 699-يىلى موڭغۇللار كونيە شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىدۇ، بۇ ھۇجۇمدا سۇلتان ئالائىددىن ۋە ئۇنىڭ ئوغلى غىياسىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئوسمان كۈچلۈك ۋە قابىلىيەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن باشقا سۇلتان ئالائىددىنغا ئىزباسار بولغۇدەك ئادەم قالمايدۇ. نەتىجىدە ئۇنىڭغا سۇلتانلىقنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىپ، سۇلتان ئالائىددىن ئىلگىرى ئىگىدارچىلىق قىلىپ كەلگەن زېمىنلارنىڭ ھەممىسىگە ئىگە بولىدۇ ۋە ئۆزىنى «ئوسمانىيلار پادىشاھى» دەپ ئاتايدۇ. يېڭى شەھەرنى پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى قىلىپ، شەھەرگە مۇداپىئە ئورنىتىپ، شەھەرنى گۈللەندۈرىدۇ.

ئېيتىلىشىچە، سۇلتان ئالائىددىن سالجۇقى كونيەدە ۋاپات بولۇپ، ئۇنىڭ ھېچبىر پەرزەنتى قالمىغاندىن كېيىن، ۋەزىرلەر ۋە ئەمىرلەر كېڭەش ئۆتكۈزۈپ، سەلتەنەتكە ئوسمان غازىدىن باشقا بىرىنىڭ لايىق كەلمەيدىغانلىقىنى قارار قىلىپ، ئۇنىڭغا سۇلتان بولۇش تەكلىپىنى بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئوسمان ئۇلارنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ سۇلتان بولۇپ، يېڭى شەھەرنى سەلتەنىتىنىڭ قارارگاھى قىلىدۇ.

ئوسمان سەلتەنەت تەختىدە ئولتۇرغاندىن كېيىن، جۈمە نامىزى ئوقۇشقا بۇيرۇق قىلىدۇ. ئەھلى ئىلىملەردىن تۇرسۇن ئىسىملىك بىر فەقىھ كىشى ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن خۇتبە ئوقۇيدۇ، ئاندىن كېيىن باشقا بەگلىكلەرنىڭ ئەمىرلىرى ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇنىڭ ھىمايىسى ئاستىغا كىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوسمان ئۇلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنى مۇستەھكەملەشكە تىرىشىپ، ئۇلارنى ھۆرمەتلەيدۇ ۋە بالىسى ئورخاننى نىلوفەر خانلىقى دەپ ئاتىلىدىغان يار ھىسار قەلئەسىنىڭ ئەمىرىنىڭ قىزىغا ئۆيلەپ قويىدۇ.

شۇنىڭدىن كېيىن ئوسمان غازى ئۆز مەملىكىتىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە ھەرىكەت قىلىپ، ئىزمىت، ئىزنىك قاتارلىق ئىككى قەلئەنى پەتھى قىلىشقا ئاتلىنىدۇ، لېكىن بۇ ئىككى قەلئەنى پەتھى قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغاندىن كېيىن پايتەختىگە قايتىپ كېتىدۇ. ئاندىن بىر مەزگىل ئۆز ئېلىنىڭ ئىشلىرىنى تەرتىپكە سېلىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ، ئەلنىڭ مۇقىمسىزلىقى تۈگەپ خاتىرجەم بولغاندىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلىنىپ، كىچىك ئاسىيا ئەللىرىدىكى مۇسۇلمان بولمىغان رىم بەگلىكلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئەلچى ئەۋەتىدۇ، ئۇلارغا مۇسۇلمان بولۇش، ياكى جىزيە تۆلەش، ياكى ئۇرۇش ئېچىشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل تاللاشنى بېرىدۇ، نەتىجىدە ئۇلارنىڭ بەزىسى مۇسۇلمان بولۇپ، ئۇنىڭ سېپىغا قوشۇلىدۇ، يەنە بەزىسى جىزيە تۆلەشنى قوبۇل كۆرىدۇ.

قالغانلىرى ئىلگىرى سۇلتان ئالائىددىنغا قىلغاندەك، ئوسمانغا قارشى موڭغۇللاردىن ياردەم سورايدۇ. لېكىن ئوسمان ئۇلارغا پەرۋا قىلماي، ئۇلار بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن، ئوغلى ئورخاننىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا چوڭ قوشۇن ھازىرلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئارسلان سان جەھەتتە رىم بەگلىكلىرىدىن قېلىشمىغۇدەك زور قوشۇن بىلەن يۈرۈش قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا (كېيىنچە) مۇسۇلمان بولۇشنى تاللىغان ئوسماننىڭ دوستى كۆسە مىخائىلمۇ بار ئىدى.

ئورخان قوشۇنلىرى بىلەن ئۆزىگە قارشى توپلانغان موڭغۇل سەپلىرىنى ئوڭۇشلۇق يىمىرىپ تاشلايدۇ. بۇ تىز غەلىبە ئۇنى بۇرسە شەھىرىنى دەرھال پەتھى قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ م1317 / ھ717-يىلى بۇرسەگە قاراپ ئاتلىنىپ، بۇرسەنى 10 يىلچە قامال قىلىدۇ. ئورخان بۇرسەنىڭ ئەتراپىدىكى پۈتكۈل قەلئە-قورغانلارنى پەتھى قىلغاندىن كېيىن، ئاخىرىدا بۇرسە ئەھلى ئۇنىڭغا ئۇرۇشسىزلا تەسلىم بولىدۇ، ئورخانمۇ ئۇلارغا ھېچقانداق يامانلىق يەتكۈزمەيدۇ.

بۇرسە ھاكىمى ئافرانۇس يېڭى فاتىھلاردىكى ياخشى مۇئامىلە ۋە ئېسىل ئەخلاقلارنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئوسمان ئۇنىڭغا «بەگ» دېگەن نامنى بېرىدۇ. كېيىن ئۇ ئورخاننىڭ يېڭى دۆلىتىنىڭ مەشھۇر قوماندانلىرىدىن بىرىگە ئايلىنىدۇ.(4)

ئاندىن ئورخان ئاتىسىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن قوشۇنلىرىنى باشلاپ، ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسىگە تەۋە جايلارغا ئىچكىرلەپ كىرىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇنىڭغا بىر جەھەتتىن ئۇنىڭ جىھادقا بولغان قىزىقىشى، يەنە بىر جەھەتتىن ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى تۈرتكە بولىدۇ.

ئورخان بۇ جايلارغا قارا دېڭىز بىلەن مەرمەرە دېڭىزى ئارقىلىق ئىچكىرلەپ كىرىدۇ، ئاندىن ئۇ جايلارنىڭ مۇداپىئەسىنىڭ ئاجىز بولۇپ، پەتھىسىنىڭ ئوڭاي بولۇشى ئۈچۈن، ئۇ جايلارنى بىر-بىرىدىن ئايرىپ، ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ.

ۋىزانتىيە دۆلىتىگە ئىچكىرلەپ كىرىشتىكى ئوسماننىڭ سىياسىتى بولسا، ھەر بىر رايونغا ئايرىم تاقابىل تۇرۇش، ئۇزۇن مۇددەت قامال قىلىش ئۇسلۇبىنى قوللىنىش، ئاندىن ئىسياننىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، پەتھى قىلىنىپ بولغان رايونلاردا ھەربىي مۇھاپىزەتچى قىسىملارنى تۇرغۇزۇش، ئاندىن پۇقرالار ئارىسىدا ئىسلامنى تارقىتىش، ھەمدە ياخشى مۇئامىلە قىلىش قاتارلىقلارنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئوسمان ئۆزىنىڭ قولىدا يىقىلغان ھەر بىر رايون خەلقىگە ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى.

ئۇنىڭ تىز قولغا كەلگەن پەتھىلىرى كۆپىنچە دۈشمەنلىرىنى ئۆزىگە قارشى ئىتتىپاقلىشىشقا قىستايتتى. ئۇنىڭ قوشۇنلىرى كۆبرۈ ھىسار شەھىرىنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ، شەھەرنىڭ ھاكىمى تەسلىم بولۇپ، ئاندىن ئىزنىك قەلئەسىگە قىستاپ كەلگەندىن كېيىن، بۇرسەنىڭ ھاكىمى “ئەترەنۇس ياكى ئىدربانۇس” شەھىرى ۋە “كۇستەل ۋىكتە” شەھىرىنىڭ ھاكىملىرى بىلەن ئوسماننىڭ دۆلىتىنى پۈتۈنلەي يوقىتىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ يېڭى پايتەختى بولغان يېنى شەھەرگە ھۇجۇم قىلىشقا پۈتۈشىدۇ. لېكىن ئوسمان ئەھۋالنى تۇيۇپ قېلىپ، ئۇلار ھۇجۇم قىلىپ كېلىشتىن بۇرۇن، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىدۇ ۋە قوشۇنغا ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۇلارغا يۈرۈش قىلىدۇ ۋە ئۇلار بىلەن قۇيۇن ھىسار قەلئەسى يېنىدا ئۇچرىشىدۇ، ئوسمان ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپلا قالماي، بەلكى ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلاپ، دىمبۇز دەپ ئاتىلىدىغان جايدا ئۇلار بىلەن يەنە بىر قېتىم تۇتىشىدۇ، ھەمدە ئۇلارنى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىدۇ. بۇ مەغلۇبىيەتتە كۇستەل شەھىرىنىڭ ئەمىرىنى ئۆلتۈرىدۇ، ئەترەنۇس ئەمىرى بىلەن بۇرسە ئەمىرى بولسا، قېچىپ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ.

مۇشۇ غەلىبىلەردىن كېيىن، ئوسمان دۆلىتىگە قايتىپ، ئاز ۋاقىت دەم ئالىدۇ. ئاندىن ھ 717-يىلى بۇرسا شەھىرىگە يېقىن جايغا ئىككى قەلئە سالىدۇ، بىر قەلئەگە قېرىندىشىنىڭ ئوغلى ئاق تېمۇرنى، يەنە بىرسىگە ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكىلىرىنىڭ بىرىنى ئەمىر قىلىدۇ.

شۇنىڭدىن كېيىن دۆلەت ئىشلىرىغا ئورخاننىڭ مەسئۇل بولۇشى ئۈچۈن، ئۇنى ئورنىغا ئىزباسار قىلىدۇ، ئاندىن ئۆزى “لەبلەبىجى” ۋە “لەفكە جادىرلىق” قەلئەسىگە يۈرۈش قىلىپ، قەلئەنى ئۇرۇشسىزلا قولغا چۈشۈرىدۇ ۋە شۇنىڭدىن كېيىن “يېكىچە ھىسار”، “ئاق ھىسار” ۋە “تەكفۇر بەكارى” قاتارلىق جايلارنىمۇ ئۇرۇشسىزلا ئۆزىگە ئەل قىلىپ، ھەممىسىنى ئۆز زېمىنىغا قوشىدۇ.

ئاندىن پايتەختكە دەرھال قايتىپ، ئوغلى ئورخان ۋە بەزى قوماندانلىرىنى “قارا جەيش” قەلئەسىگە ئەۋەتىدۇ، ئۇلار قەلئەنى قورشاپ ئىگىلەيدۇ ۋە قەلئەنىڭ ھاكىمىنى ئەسىرگە ئالىدۇ، ئاندىن كېيىن يەنە ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ، مەزكۇر قەلئەگە قوشنا جايلارنى پەتھى قىلىدۇ، ئۇلار “تۇز بازىرى” شەھىرى ۋە “قارا تېكبە” قەلئەسىنى ئىگىلەيدۇ، شۇنداقلا “ئىزمىت” تەرەپلىرىدىكى بىر قانچە جايلارنى پەتھى قىلىپ، ئىشلىرىنى “ئىزنىك” شەھىرىنى پەتھى قىلىش بىلەن ئاخىرلاشتۇرىدۇ.

ئۇلار پەتھىلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ۋە ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان پەيتتە، ئوسمان ئاغرىپ قالغان ئىدى، ئورخانغا ئۇنىڭ ئاغرىپ قالغانلىق خەۋىرى كەلگەندىن كېيىن دادىسىنىڭ قېشىغا ئالدىراپ قايتىدۇ. ئورخان ئۇنىڭ ئالدىغا ھازىر بولغاندىن كېيىن، ئوسمان ئوغلىغا مەملىكەتنى ياخشى قوغداش، پۇقرالارغا ياخشىلىق قىلىش، پۇقرالارغا ئادىل مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلىدۇ. رىۋايەتلەردە كېلىشىچە، ئۇ ۋەسىيىتىدە مۇنداق دېگەن: ” ئى ئوغلۇم! ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ بۇيرۇمىغان ئىشلار بىلەن ئاۋارە بولۇشتىن ساقلانغىن، ھاكىمىيىتىڭدە بىرەر قىيىن مەسىلىگە يولۇقساڭ، دىنى ئالىملارنىڭ مەسلىھەتىنى ئالغىن. ئى ئوغلۇم! ساڭا ئىتائەت قىلغانلارنى قەدىرلىگىن، ئەسكەرلىرىڭگە ئىنئام قىلىپ تۇرغىن، شەيتان سېنى قوشۇنۇڭ ۋە مال-مۈلكىڭ بىلەن ئالداپ قويمىسۇن، شەرىئەت ئەھلىدىن يىراقلاشمىغىن. ئى ئوغلۇم! سەنمۇ بىلىسەن، بىزنىڭ غايىمىز ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھنى رازى قىلىشتۇر، دىنىمىزنىڭ نۇرى پۈتۈن ئالەمگە جىھاد بىلەن تارىلىدۇ، شۇندىلا ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى قولغا كېلىدۇ. ئى ئوغلۇم! بىز ھۆكۈمرانلىق ياكى كىشىلەرنى ئىدارە قىلىش ھەۋىسى ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدىغانلاردىن ئەمەسمىز. بىز ئىسلام بىلەن ياشايمىز، ئىسلام ئۈچۈن ئۆلىمىز. ئى بالام! سەنمۇ مۇشۇ غايە ئەھلىدىنسەن”.(5)

ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغاي! ئۇ سەلتەنەت تەختىدە 26-277 يىل ئارىلىقىدا ھۆكۈم سۈرۈپ، غازات ۋە جىھادقا تولغان ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ۋاپات تاپتى.

ئۇ ئۆز دۆلىتىنى كىچىك بىر بەگلىكتىن قۇدرەتلىك بىر دۆلەتكە ئايلاندۇردى. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭ دۆلىتىنىڭ ئىسلامنىڭ ھامىيسى ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئۈمىد مەنبەسى بولۇشىنى تەقدىر قىلدى. شۇ جەھەتتىن ئوسمانىيلار دۆلىتىنىڭ ھەممە سۇلتانلىرى ئۇنىڭدىن پەخىرلىنەتتى، ھەم دۆلەتلىرىنى ئۇنىڭغا نىسبەت بېرىشنى ياخشى كۆرەتتى.

ئۇ دۇنيا نېسىۋىسى بىلەن ئاخىرەت نېسىۋىنى جەملەشنى ئىستەيدىغان ھەر بىر ھۆكۈمران ئۈچۈن گۈزەل ئۈلگە قالدۇرغان ئىدى، شۇنداقلا ئۇ ئادالەت ئۈلگىسى ئىدى، ھەتتا ئۇ توغرۇلۇق مۇنداق دېيىلگەن: ئۇنىڭ دادىسى ئەرتۇغرۇل م1285/ھ684-يىلى “قاراجا ھىسار” شەھىرىنى ۋىزانتىيەلىكلەردىن تارتىپ ئالغاندىن كېيىن، ھايات ۋاقتىدا ئوسماننىڭ ئۇ شەھەرنىڭ قازىلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى ۋەسىيەت قىلغان، (كېيىن ئوسمان قازىلىق قىلىۋاتقان مەزگىلدە) ئوسماننىڭ ئالدىغا ئىككى ئادەم ئەرز قىلىپ كەلگەن، بىرى تۈرك مۇسۇلمان، يەنە بىرى ۋىزانتىيەلىك ناسارا. شۇنىڭ بىلەن ئۇ-تۈرككە قارشى ۋىزانتىيەلىككە پايدىلىق ھۆكۈم چىقارغان، ۋىزانتىيەلىك ھەيران قېلىپ ئۇنىڭدىن: مەن سېنىڭ دىنىڭدا بولمىسام، نېمىشقا ماڭا پايدىلىق ھۆكۈم قىلىسەن؟ دەپ سورىغاندا، ئۇ جاۋابەن: نېمىشقا ساڭا پايدىلىق ھۆكۈم قىلمىغۇدەكمەن؟ ۋەھالەنكى بىز ئىبادەت قىلىۋاتقان ئاللاھ بىزگە دەيدۇكى: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى ئامانەتلەرنى ئۆز ئىگىلىرىگە تاپشۇرۇشقا، كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغىنىڭلاردا ئادىل ھۆكۈم چىقىرىشىڭلارغا بۇيرۇيدۇ» دېگەن.(6) نەتىجىدە ۋىزانتىيەلىك بۇ ئىشتىن تەسىرلىنىپ، مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئۇ يەنە پېقىر-مىسكىنلەرگە كۆپ ياخشىلىق قىلاتتى. بۇ توغرۇلۇق مۇنداق دېيىلگەن: ئۇ پېقىر-مىسكىنلەر ئۈچۈن تۈرلۈك تائاملارنى ۋە ھەر خىل تاتلىق تۈرۈملەرنى توپلايتتى ۋە ئۇلار ئۈچۈن ھەر ئۈچ كۈندە بىر كاتتا داستىخان سالاتتى، چاقىرىلغان ۋە چاقىرىلمىغان ھەممە كىشى ئۇنىڭدىن يەيتتى.

ئۇنىڭ خەير-ئېھساننى ياخشى كۆرۈشى شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى، ئۇ ئۆلگەندە بىر ئات، بىر قىلىچ، بىر ساۋۇت ۋە كىيىم-كېچەك، كۆرپە قاتارلىق نەرسىلەردىن باشقا ھېچقانداق نەرسىسىنى قالدۇرمىغان،(7) شۇنداقلا ئۇنىڭ ئات، قوي ۋەخپىلىرى ئۇزۇن ئەسىر كۆپىيىپ داۋاملاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى ۋەخپىلەرنى تەۋەررۈك ۋە يادنامە سۈپىتىدە ساقلىغان ئىدى.

مەنبە: ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى

تەرجىمىدە: ئەبۇ زەكەرىيا

(1)خلاصة الأثر في أعيان القرن الحادي عشر: 1/8.

(2) سمط النجوم العوالي في أنباء الأوائل والتوالي: 2/312.

(3) سمط النجوم العوالي في أنباء الأوائل والتوالي: 2/312.

(4)تاريخ الدولة العثمانية لمحمد فريد: ص 119 وما بعدها.

(5) سۈرە “نىسا”: 58-ئايەت

(6) العثمانيون في التاريخ والحضارة، د.محمد حرب، ص16.

(7) سمط النجوم العوالي في أنباء الأوائل والتوالي: 2/312.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى