ئەردىشىر

ئورنى Wikipedia

ئالتىنچى ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى (1780-يىلىدىن 1813-يىلغىچە تەختتە ئولتۇرغان) . چيەنلوڭنىڭ 45-يىلى (1780-يىلى) 11-ئايدا ئىسھاقنىڭ چوڭ ئوغلى ئەردىشىر ئىنانچىخان دەرىجىلىك دوروبېلىلىق مەرتىۋىسىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ.

چيەنلوڭنىڭ 46-يىلى (1781-يىلى) 1-ئايدا ، چىڭ ھۆكۈمىتى قۇمۇل، تۇرپان قاتارلىق جايلارنىڭ ھەممىدىن بۇرۇن ئەل بولغانلىقى ۋە ھەربىي جەھەتتە خىزمەت كۆرسەتكەنلىكىنى ئېتىبارغا ئېلىپ، ئۇ يەرلەردە "ۋاڭلىق ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا مىراس قېلىش" نى رەسمىي تەستىقلايدۇ.

بۇ چاغدا چىڭ ھۆكۈمىتى شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ بولغان، ۋەزىيەت مۇقىملاشقانىدى. جايلاردىكى ۋاڭ-گۇڭلار نۆۋەت بىلەن بېيجىڭغا بېرىپ، خاننى زىيارەت قىلىپ تۇراتتى. ئەردىشىر چيەنلوڭنىڭ 55-يىلى (1790-يىلى). چيەنلوڭنىڭ 60-يىلى(1795-يىلى)،جياچىڭنىڭ 7-يىلى(1802-يىلى) ، جياچىڭنىڭ 14-يىلى (1809-يىلى) بولۇپ تۆت قېتىم بېيجىڭغا بېرىپ، خاننى زىيارەت قىلىدۇ. ئەردىشىرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىدىن تارتىپ دۆلەتكە تۆھپە قوشقانلىقتىن، رېنزۇڭ خان ئۇنىڭ بىلەن كۆپ قېتىم زىياپەتلەردە بىللە بولۇپ كۆڭۈل ئاچىدۇ. بۇ، زىيارەتكە بارغان باشقا ۋاڭ-گۇڭ ئاقسۆڭەكلەر ئاسانلىقچە ئېرىشەلمەيدىغان ئالاھىدە شان-شەرەپ ئىدى.

جياچىڭنىڭ 18-يىلى (1813-يىلى) 2-ئايدا ئەردىشىر قازا تاپىدۇ. چىڭ ھۆكۈمىتى ئۇنى دەپنە قىلىشقا 300سەر تەڭگە بېرىدۇ.