ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى (ئۇيغۇرچە)RFA

ئورنى Wikipedia


RFA توغرىسىدا ۋە كىملىكىمىز[تەھرىرلەش]

بىزنىڭ مەقسەت ، نىشانىمىز خەۋەر، ئۇچۇر ۋە ئوبزورلارنى توغرا ھەم دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شۇنداقلا ئاسىيادىكى شۇ دۆلەتلەردىكى ھەر خىل پىكىرلەر ۋە ئارزۇلار ئۈچۈن مۇنازىرە سەھىپىسى يارىتىپ بېرىش. بىزنىڭ تور بېتىمىز مۇشۇ مەقسەت ئۈچۈن خەلقئارالىق مەيدان ھازىرلىدى. RFA نىڭ خەۋەرلەر پروگراممىسىدىن باشقا يەنە، بىز شۇ دۆلەتلەردە چەكلەنگەن ئەدەبىي ئەسەرلەر ۋە رېئال مەزمۇن خاراكتېرىدىكى بەدىئىي ئەسەرلەرنىمۇ رادىئو دولقۇنلىرىمىزدا ئاڭلىتىمىز. RFA خۇسۇسي ئىگىلىكتىكى، پايدا تېپىشنى مەقسەت قىلمىغان ئورگان بولۇپ، ئۇ ئاساسلىقى ئاسىيادىكى، ئەركىن خەۋەر ئاڭلاش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئاڭلىغۇچىلارنى خەۋەر ۋە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيدۇ. RFA ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ تەستىقى بىلەن قۇرۇلغان شۇنداقلا ئۇنىڭ يىللىق چىقىمىنى فېدېرال ھۆكۈمەت ئاجرىتىدىغان بولسىمۇ، RFA ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئورگىنى ئەمەس ھەمدە RFA نىڭ خىزمەتچىلىرىمۇ فېدېرال ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى ھېسابلانمايدۇ.
بىزنىڭ مەقسەت ، نىشانىمىز  خەۋەر، ئۇچۇر ۋە ئوبزورلارنى توغرا ھەم دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شۇنداقلا ئاسىيادىكى شۇ دۆلەتلەردىكى ھەر خىل پىكىرلەر ۋە ئارزۇلار ئۈچۈن مۇنازىرە سەھىپىسى يارىتىپ بېرىش. بىزنىڭ تور بېتىمىز مۇشۇ مەقسەت ئۈچۈن خەلقئارالىق مەيدان ھازىرلىدى. RFA نىڭ خەۋەرلەر پروگراممىسىدىن باشقا يەنە، بىز شۇ دۆلەتلەردە چەكلەنگەن ئەدەبىي ئەسەرلەر ۋە رېئال مەزمۇن خاراكتېرىدىكى بەدىئىي ئەسەرلەرنىمۇ رادىئو دولقۇنلىرىمىزدا ئاڭلىتىمىز.
RFA ئاخباراتچىلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەملىرىدە چىڭ تۇرۇپ، تەھرىرلەنگەن مەزمۇننىڭ توغرىلىقى، تەرەپسىزلىكى ۋە ھەقچىللىقى ئۈچۈن قاتتىق تىرىشىدۇ.
ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىزنىڭ ئاڭلىتىشىمىزنى ، ئاممىباپ خەنزۇ تىلى، گۇاڭدۇڭ تىلى، ئۇيغۇر تىلى ۋە ۋۇ دىئالېكتى؛ تىبەت ( ئۇكې، ئامدو ۋە كخام) تىلىدا؛ بېرما تىلى ۋە كامبودژا تىلى؛ كورىيە تىلى (شىمالىي كورىيىگە قارىتا) ؛ لائۇس تىلى؛ شۇنداقلا ۋېيتنام تىللىرىدا ئاڭلىيالايدۇ. ھەر بىر تىلدىكى مۇلازىمەت بۆلۈملىرىمىزنىڭ خىزمەتچىلىرى شۇ يەرلىك تىلدا سۆزلەيدىغان مەخسۇس خادىملاردىن تەركىپ تاپقان.

ئاڭلىغۇچىلار ئۈچۈن سۆزلەش پۇرسىتى يارىتىلغان[تەھرىرلەش]

RFA نىڭ يەنە ئالتە تېلېفون قوبۇل قىلىش پروگراممىسى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تۆتى خەنزۇچە، بىرى كخمېرچە، يەنە بىرى تىبەتچىدىن ئىبارەت. ئاڭلىغۇچىلىرىمىز ھەقسىز تېلېفون نومۇرى ئارقىلىق  رادىئومىزنىڭ خادىملىرى بىلەن بىۋاستە سۆزلىشەلەيدۇ. كۈندىلىك ئاڭلىتىشلىرىمىز ، مۇخبىرلىرىمىز ۋە ئىختىيارى مۇخبىرلىرىمىزنىڭ ئاسىيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن بەرگەن خەۋەر - مەلۇماتلىرىدىن تەركىپ تاپقان. بىزنىڭ باڭكوك، خوڭكوڭ، فنوم-پەن، تەيبېي، ۋە توكيولاردا تارماقلىرىمىز بار، ھەمدە سىئول، ئەنقەرە، دارامسالالاردا ئىش بېجىرىش ئىشخانىلىرىمىز بار.
بارلىق ئاڭلىتىشلىرىمىز RFA نىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش شىتابىدىن تارقىتىلىدۇ.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئورگان تور بېكىتى

Rfa.org