ئەركىن تۇنىياز
كۆرۈنۈش
ئەركىن تۇنىياز Erkin Tuniyaz ![]() | |||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
ۋەزىپە | ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكىمىتىنىڭ رەئىسى | ||||||||||
پارتكوم سېكرېتارى | چېن چۈەنگو ← ما شىڭرۇي | ||||||||||
ئۇندىن ئالدىن | شۆھرەت زاكىر | ||||||||||
تۇغۇلغان ۋاقتى | 1961 دېكابر (ئاقسۇ) | ||||||||||
مىللىتى | ئۇيغۇر | ||||||||||
مائارىپ سەۋىيىسى | ماگىستېر ئاسپىرانت | ||||||||||
ئوقۇش تارىخى | سانجى پىداگوگىكا مەكتىپى شەنشى پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسېتىتى |
ئەركىن تۇنىياز (خەنچە: 艾尔肯·吐尼亚孜)، 1961 - يىلى 12 - ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ ئاقسۇدىن، 1983 - يىلى 7 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، 1983 - يىلى 8 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي-ئىقتىساد كەسپىنىڭ ئاسپىرانتلىق بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپىنى پۈتكۈزگەن، ئىشلەۋېتىپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان، ماگىستىر، لېكتور. ھازىر جوڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزى كوممىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى. ئۇ 2021 - يىلى 09 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن باشلاپ، ئىستىپا بەرگەن رەئىس شۆھرەت زاكىرنىڭ ئورنىنى بېسىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى بولغان.
ئۆز كەچمىشى
[تەھرىر]- 1980 - يىلى 9 - ئايدىن — 1983 - يىلى 8 - ئايغىچە — سانجى پېداگوگىكا ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ ماتېماتىكا كەسپى مەخسۇس كۇرسىدا ئوقۇغان.
- 1983 - يىلى 8 - ئايدىن — 1984 - يىلى 9 - ئايغىچە — كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى سانجى پېداگوگىكا ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش ئىنستىتۇتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى بولغان.
- 1984 - يىلى 9 - ئايدىن — 1987 - يىلى 6 - ئايغىچە — كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى سانجى پېداگوگىكا ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش ئىنستىتۇتى كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 1986-يىلى 9 -ئايدىن 1987-يىلى 1-ئايغىچە شەنشى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئالىي مەكتەپ باشقۇرۇش بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان).
- 1987 - يىلى 6 - ئايدىن — 1991-يىلى 11-ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى سانجى پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 1988-يىلى 8-ئايدىن 1990-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپى تولۇق كۇرسىدا ئوقۇغان).
- 1991-يىلى 11-ئايدىن 1992-يىلى 8-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار نازارىتى سىناش، ۋەزىپىگە تەيىنلەش-ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش، مۇكاپاتلاش-جازالاش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.
- 1992-يىلى 8-ئايدىن 1993-يىلى 11 -ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى كادىرلار ئۇنىۋېرسال باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.
- 1993-يىلى 11-ئايدىن 1998-يىلى 3-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى زىيالىيلار خىزمىتى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان.
- 1998-يىلى 3-ئايدىن 1999-يىلى 10-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم ئىشلىرى ئەزاسى بولغان (1997-يىلى 9-ئايدىن 1999-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي-ئىقتىساد كەسپى ئاسپىرانتلىق بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپىدا ئوقۇغان).
- 1999-يىلى 10-ئايدىن 2005-يىلى 2-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.
- 2005-يىلى 2-ئايدىن 2008-يىلى 1-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى بولغان.
- 2008-يىلى 1-ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو كومپارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 7-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.
- 2021-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىپى تەرىپىدىن ئاپتونۇم رايوننىڭ مۇۋەققەت رەئىسلىكىگە سايلانغان.
- 2022 - يىلى 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ش ئۇ ئا ر رەئىسى سايلاندى. شۇ يىلى 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ج ك پ 22 - نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان.