Jump to content

ئەركىن سوپوكوف

ئورنى Wikipedia

ئەركىن سوپوكوف قىرغىزىستاننىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى .

ئەركىن سوپوكوف، 10‏-نويابىر كۈنى ئىستانبۇلدا ئەركىن سەمەت ئىسىملىك ئۇيغۇر تىجارەتچىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىگە چېتىلىپ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان. ئەركىن سەمەت 10‏-نوئايبىر كۈنى كەچ سائەت 8:00 لەردە ئىستانبۇلنىڭ فاتىھ رايونىدىكى بىر مېھمانخانىنىڭ چايخانىسىدا چاي ئېچىپ ئولتۇرغاندا قوراللىق ئىككى كىشى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. گۇماندارلارنىڭ قاتىللىق قىلمىش مۇددىئاسى ھازىرغا قەدەر سىر بولسىمۇ، لېكىن ئەركىن سەمەتنىڭ قىرغىزىستان بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتى، شۇنداقلا ئۇ ئۆلتۈرۈلگەن جىنايەت مەيدانىنىڭ ئەتراپىدىن قىرغىزىستان كونسۇلخانىسىغا ئائىت توختىتىپ قويۇلغان بىر ئاپتوموبىلنىڭ تېپىلىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغانىدى.

مەنبەلەر

[تەھرىرلەش]