ئەزان

ئورنى Wikipedia

ئەزان ئوقۇش قائىدىسى: بىر مەھەللىدە ئەزان ئوقۇسا ھەممىگە كۇپايە، ئايرىم ئەزان ئوقۇمىسىمۇ بولىدۇ. مەھەللىدە ئەزان ئوقۇلمىغان ياكى سەپەر ئۈستىدە مەھەللىدىن يىراق يەرلەرگە ئەزان ئوقۇپ ناماز ئوقۇلىدۇ.

ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر؛

ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر؛

ئەشىھەدۇ ئەللە ئىلەھە ئىللەللاھ،

ئەشىھەدۇ ئەللە ئىلەھە ئىللەللاھ؛

ئەشىھەدۇ ئەننە مۇھەممەدە ررەسۇلۇللاھ،

ئەشىھەدۇ ئەننە مۇھەممەدە ررەسۇلۇللاھ؛

ھەييە ئەلەسسالەھ، ھەييە ئەلەسسالەھ؛

ھەييە ئەلەل فەلەھ، ھەييە ئەلەل فەلەھ؛

ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر؛

لەئىلەھە ئىللەللاھ.

تەكبىر: تەكبىر بىلەن ئەزاننىڭ پەرقى تەكبىر ناماز باشلاش ۋاقتىدا تېز سۈرئەتتە ئوقۇلىدۇ ھەمدە، سۈننەت نامازلارغا تەكبىر ئوقۇلمايدۇ. پەرزىنى ئوقۇغاندا، ”ھەييە ئەلەل فەلەھ، ھەييە ئەلەل فەلەھ“ دېيىلگەندىن كېيىن، ”قاددى قامەتسالەھ، قاددى قامەتسالەھ (نامازغا تۇرۇڭلار )دىيىلىدۇ. بامدات پەرزىنى ئۈچۈن ئەزان ئوقۇغاندا، "ئەسسالەتۇ خايرۇممىنەننەۋىم،ئەسسالەتۇ خايرۇممىنەننەۋىم"( ناماز ئۇيقۇدىن ئەۋزەل، ناماز ئۇيقۇدىن ئەۋزەل)“ دېيلىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئەزان:

ئاللاھ ئۇلۇغ، ئاللاھ ئۇلۇغ؛

ئاللاھ ئۇلۇغ، ئاللاھ ئۇلۇغ؛

گۇۋاھمەنكى، ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق،

گۇۋاھمەنكى، ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق؛

گۇۋاھمەنكى، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر،

گۇۋاھمەنكى، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر؛

تېز كېلىپ ناماز ئوقۇڭلار، تېز كېلىپ ناماز ئوقۇڭلار؛

تېز كېلىپ غەلبە قىلىڭلار، تېز كېلىپ غەلبە قىلىڭلار؛

ئاللاھ ئۇلۇغ، ئاللاھ ئۇلۇغ؛

ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق.

ئەزان دۇئاسى: ئاللاھۇممە راببە ھەزىھىددەﺋ ۋەتىت تەممەھ ۋەسسالەتىل قائىمەھ؛ ئەتى مۇھەممەدەنىل ۋەسىيلەتە ۋەلفەدىيلەتە؛ ۋەبئەسھۇ مەقامەممەھمۇدەنىللەزى ۋە ئەدتە.

اللّٰهُمَّ رَبَّ هٰذِهِ الدَّعْوَةِ التَّامَّةِ وَالصَّلاةِ الْقَائِمَةِ آٰتِ مُحَمَّدُاً الْوَسِيلَةَ وَالْفَضِيلَةَ، وَابْعَثْهُ مَقَامًا مَحْمُودًا الَّذٍي وَعَدْتَهُ.

ئىھ بۇ نۇقسانسىز دەۋەتنىڭ ۋە نامازنىڭ ساھىبى ئاللاھ! مۇھەممەدكە شاپائەت قىلىش پەزىلىتىنى ئاتا قىلغىن. ئۇنى، سەن ۋەدە قىلغان ئالىي ماقامغا ئېرىشتۈرگىن.