ئەسلەم جەيراجپۇرىي

ئورنى Wikipedia
ئەسلەم سالامەتۇللاھ بھوپالىي جەيراجپۇرىي
تۇغۇلغان ۋاقتى1882 جەيراجپۇرىي، برىتانىيە ھىندىستانى
ۋاپاتى1955، دېھلى - ھىندىستان


ھافىز مۇھەممەد ئەسلەم سالامەتۇللاھ بھوپالىي جەيراجپۇرىي (ئىنگ: Aslam Jairajpuri) (ھ. 1299 – 1375 / م. 1882 – 1955) ھىندىستاننىڭ ئەئزەمگەرھ شەھرىگە تەۋە جەيرەجپۇرلۇق تارىخچى، پەيلاسۇپ. قۇرئانچىلارنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىلىرىدىن بىرى.

ئۇ خۇجە ئەھمەدىددىن ئامرىتسارىي (1861 – 1936) نىڭ بەزى كىتابلىرىنى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلغان ۋە ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.

لاھوردا چىقىدىغان كۈندىلىك بىيسە گېزىتىنىڭ تونۇلغان ستون يازغۇچىسى. ئەلەيكىرەھ ۋە مىللىيە ئۇنۋىرسىتېتىدە لېكتور بولغان.

توققۇز ياشقا كىرمەيلا قۇرئاننى يادلاپ بولغانلىقى ئۈچۈن «ھافىز» دەپ ئاتالغان.

ئەسەرلىرى[تەھرىرلەش]

«ئىسلامدا ۋىراسەت»(ئەرەبچە)،

«تارىخۇ ئۇممەت»،

«ئەقائىدۇل ئىسلام»،

«ماقام ھەدىس»،

«نىكاتى قۇرئان»،

«تەلىماتى قۇرئان»،

«تارىخۇل قۇرئان»

ۋە «ئابدۇرراھمان جامىينىڭ ھاياتى» قاتارلىق كۆپ ئەسەرلەرنى ۋە نۇرغۇنلىغان ماقالىلارنى يازغان.

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

در. ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، قەبر ئازابىنى ئىنكار قىلىش، ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى، 17 - يانۋار 2021 ئۇلىنىشى.