ئەسىر (يۈزيىل)

ئورنى Wikipedia

ئەسىر ئىسىم [ئەرەبچە: ]

① ‹تارىخ› يۈز يىل بىر دەۋر قىلىنغان ۋاقىت بىرلىكى: ئەبۇناسىر فارابى X ئەسىردە «ئۇد» مۇزىكىسىنى تىلغا ئالغان.

② دەۋر، زامان: ئوتتۇرا ئەسىر.

بىلىمدىن ھەممە ئىش مەيدانغا چىققان ئەسىردۇر بۇ،

بىلىش لازىم بىلىمسىزلەرگە بۇ ئەسىردە خېرىدار يوق;[1]


ئەسىر [esir] — كالىندار ھېسابىدىكى 100 يىلنى بىر بىرلىك قىلغان ۋاقىت بىرلىكى، بىر ئەسىر 100 يىلغا تەڭ.

قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيادا بىر ئەسىر 30 يىلنى كۆرسىتەتتى.

چاغاتاي دەۋرىدىكى تۈركى خەلقلەر 32 يىلنى بىر ئەسىر ھېسابلايتتى.

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2011، ISBN 978-7-228-13933-0, بەت 86