ئەقلى ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى

ئورنى Wikipedia

ئەقلى ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى ( Intelligence Quotient )

ئەقلى ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى بولسا ، ئىنسانلارنىڭ ئوبىيكىتىپ شەيئىنى تونۇ ش ۋە ئۆز بىلمىدىن پايدىلىنىپ رىئال مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى .

1905-يىلى ،فىرانسىيەلىك پىسخىلوگ سىمون ، تۇنجى ئەقلى ئىقتىدارنى سىناش جەدىۋىلىنى تۈزۈپ چىققان .

IQ=MA÷C.A×100,

IQ = ئەقلى يېشى \ ئەمەلىي يېشى * 100 يەنى ئەقلى يېشىنى ئەمەلىي يېشىغا بۆلۈپ 100 گە كۆپەيتىمىز .

سىناق جەدۋىلى جەمئىي 30 سۇئال چىقىرىلغان ، ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى چۈشىنش ۋە لوگىكىلىق تەپەككۇر.

1916 -يىلى ئامىرىكىلىق ۋېسلى يەنە بىر خىل ئەقلى ئىقتىدارنى سىناش جەدىۋىلىنى تۈزۈپ چىققان . ئۇ ياشلار ، قۇرامىغا يەتكەنلەر ، بالىلار ، 4--6.5 ياشقىچە بولغان بالىلار غىچە ئايرىم --ئايرىم تۈزۈپ چىققان .

130 تىن يۇقىرى بولغانلار ئالاھىدە دەرىجىدىن تاشقىرى ئەقىللىق . 120--129 ئالاھىدە ئەقىللىق ، 110 --119 ئەقىللىق ،

80--109 ئەقلىي نورمال ، 70--79 ئەقلى تۆۋەن ، 70تىن تۆۋەنلەر ئەقلى ئىقتىدارى كەمچىل.

ھازىرقى زاماندىكى تىپىك ئەقلى ئىقتىدارنى سىناش ئىچىدە ، ئاساسىي نوپۇسنىڭ ئوتتۇرچە ئەقلى ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى 100 ،

مۇئەييەن سىتاتىستىكا پىرىنسىپىغا ئاساسلانغاندا، ئەقلى ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى 70 تىن تۆۋەن بولغانلار 3% ، 70--79 بولغانلار 6% ، 80--89 بولغانلار15% ، 90 --110 بولغانلار46% ، 110--119 بولغانلار18 % ، ئەقلى ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى 120--139 بولغانلار11% ، 140 تىن يۇقىرى بولغانلار 0.5%[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]