ئەقىدە تۈسىنى ئالغان خۇراپاتلىق ئادەتلەر
خەلق ئىچىدە نوقۇل دىنىي خاراكتېر ئالغان ئادەتلەردىن تاشقىرى ئەجدادلارغا چوقۇنۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەسىپ سۈپىتىدە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان پېرىخۇنلۇق، داخانلىق، قەسىدىچىلىك، ئاچلاش (ئوت كۆچۈرۈش)، تۇمارچىلىق، پالچىلىق (رەمبالچىلىق، قۇرچىلىق) قاتارلىقلارنى مەزمۇن قىلغان سېھىرى - ئەپسۇنكەشلىك ئادىتىمۇ مەۋجۇت. بۇ ئادەتلەر ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىپتىدائىي ئاڭ - ئېتىقادى بىلەن شامانىزم يارىتىلغان <ياخشى روھ> لار ئارقىلىق <يامان روھ> لار (جىن - شاياتۇنلار) نى قوغلاش ۋە ئۇلارنى <ئىشقا سېلىش> چارە - تەدبىرلىرىدىن ئىبارەت. بۇ ئادەتلەر كېينكى دەۋرلەردە، بولۇپمۇ فېئودالىزىم دەۋرىدە تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ بىر خىل سىرلىق كەسىپ بولۇپ شەكىللەنگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلامىيەت شارائىتىغىمۇ ماسلىشىپ، ئۇنىڭ قالدۇق تەسىرلىرى ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن. ئادەتتە فېئودال خۇراپاتلىق ئادەت (ئىدىيە) دېگىنىمىز دەل شۇنداق ئادەتلەرگە قارىتىلغان. بۇنداق ئادەتلەرنىڭ تۇرمۇشىمىزدا ئۇچرايدىغان ئاسالىق شەكىل - ئىپادىلىرى مونۇلاردىن ئىبارەت:
1( ئەجدادلارغا چوقۇنۇش. ① ياغ پۇرىتىش: ئۆلۈم - يېتىمدا مەخسۇس نەزىر - چىراغ قىلىشتىن تاشقىرى ئازنا - پەيشەنبە، ھېيىت - ئايەم كۈنلىرى )ساڭزا سېلىشتىن ئىلگىرى ئالدى بىلەن ساڭزا خېمىرىدا بەش - ئالتە پوشكال سېلىش(، سەپەرگە چىقىش ئالدىدا، <چۈش بۇزۇلغان> چاغلاردا مەخسۇس پوشكال سېلىنىپ ئاددىي دۇئا - تىلاۋەت ئۆتكۈزۈلىدۇ. مۇشۇنداق مەخسۇس پوشكال سېلىشتا ئالدىنقى ئىككى - ئۈچ پوشكال )قۇيماق( <يا - بىسمىللا، بۈۋىلىرىم، مومىلىرىمنىڭ روھىغا تەگسۇن!> ياكى <بۈۋىلىرىم، ئۇلۇغلىرىم - پىركامىللارنىڭ روھىغا تەگسۇن )… روھى مەدەت قىلغاي(!> دەپ سېلىنىدۇ )بۇ ئىبارىلەرنى ئادەتتە پوشكال سالغۇچى ئىچىدە ئوقۇيدۇ(. ئادەتتىكى كۈنلەردە ئائىلە ئاياللىرى تاماق ئېتىشتە قازانغا ماي قۇيۇشتىمۇ ئىچىدە ئاشۇ ئىبارىلەرنى يادلاپ تۇرۇپ ماي قۇيىدۇ. ئۇ ئادەت ئومۇملاشتۇرۇلۇپ <ياغ پۇرىتىش> ياكى <ھۇد سېلىش> دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭدا <ياغنىڭ پۇرىقى )ھىدى( كۆككە كۆتۈرۈلۈپ ئەجدادلارنىڭ روھىغا يېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ روھى يار - يۆلەك بولىدۇ> دېگەن ئەقىدە ئىپادىلەنگەن. ② ئەجدادلارنى ھۆرمەتلەپ ياخشى تىلەك بىلەن تىلغا ئېلىش: تۈگەپ كەتكەن چوڭلار توغرىسىدا گەپ - سۆز بولغاندا ئالدى بىلەن <مەرھۇمنىڭ )رەھمەتلىكنىڭ( ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي!> ياكى <مەرھۇمنىڭ )…( روھى قورۇنمىغاي> دەپ بولۇپ ئاندىن گەپ باشلنىدۇ، تاماقتىن كېيىن < نىڭ روھىغا تەگسۇن> دەپ دۇئا قىلىنىدۇ. ③ ياشانغان پېشقەدەملەر جان ئۈزگەن ئۆي ئەقىدىسى: پېشقەدەملەر يېتىپ - قوپۇپ جان ئۈزگەن ئۆيگە <ئۇنىڭ چىرىغى ئۆچمىسۇن> دەپ يەتتە كۈنگىچە )بەزىلەر قىرىق كۈنگىچە( تۈندە ئۈزۈلدۈرمەي چىراغ يېقىلىدۇ، بەزىلەر ئۆلگۈچىنىڭ <روھى غېرىبسىنىپ قالىدۇ> دەپ ئۇ ئۆيدىن ئاسانلىقچە كۆچمەيدۇ. ④ روھىناتلارغا داستىخان سېلىش: بۇ ئادەت ئاياللار ئىچىدە بىر قەدەر ئومۇملاشقان بولۇپ، ئۇلۇغلار، پىركامىللارنىڭ روھىغا سېغىنىپ مەخسۇس دۇئا تىلاۋەت قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە ياخشىلىق - ئامانەت تىلەش مەقسىتىدە ھەر خىل نازۇ - نېمەتلەرنى ھازىرلاش بىلەن روھلارغا ئاتاپ مەخسۇس داستىخان سېلىنىدۇ. شۇڭا بۇ ئادەت <روھىناتلارغا داستىخان سېلىش> دەپ ئاتالغان. جەريانى مۇنداق:
داستىخان سالغۇچى كەچ كۈز كۈنلىرىنىڭ مەلۇم بىر چارشەنبە كۈنىنى تاللاپ مېھمانخانا ئۆيىنى چىرايلىق جابدۇيدۇ. ئوتتۇرىغا چوڭ داستىخان سالىدۇ، داستىخاننى ئايلاندۇرۇپ يېكەنداز سالىدۇ. داستىخانغا قويۇلغان ھەر خىل نازۇ - نېمەتلەر ئايلاندۇرۇپ توققۇز ياكى يەتتە پىيالە قويۇلىدۇ. ھەر بىر پىيالىگە توغرىلاپ ئاش، مانتا، سامبۇسا، جۇۋاۋا قاتارلىق تائاملاردىن ئاز - ئازدىن سېلىنغان تەخسىلەر قويۇلۇش بىلەن ئۇنىڭ يېنىغا بىردىن ياغاچ قوشۇق دۈم قىلىپ قويۇلىدۇ. ھەممە نەرسە تەق قىلىنغاندىن كېيىن داستىخان ھازىرلىغۇچى ئايال كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئارقىسىغا قارىماي ماڭغىنىچە ئىشىكنى ئوچۇق قويۇپ چىقىپ كېتىدۇ، بىر كېچە - كۈندۈز كىرمەيدۇ. ۋاقتى - سائىتى توشقاندا كىرىپ قارىسا، ئارىلاپ قوشۇقلار ئوڭدىسىغا بولۇپ قالارمىش. بۇ روھىناتلارنىڭ كىرىپ مېھمان بولغانلىقىنىڭ بىشارىتىمىش. بۇ ئادەتنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، داستىخان سېلىش ھەرىكىتى ھويلا - ئارام ئەر كىشىدىن خالىي قالغان چاغدا ئورۇندىلىدۇ ۋە ناھايىتى سىرلىق تۇتۇلىدۇ.
سېھرى - ئەپسۇنكەشلىك: بۇ قەسىدىچىلىك، جادۇگەرلىك دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سېھرى - ئەپسۇنكەشلىك ئۇيغۇرلار ئىچىگىمۇ كەڭ تارقالغان بولۇپ، تۈرىمۇ كۆپ، يازما تارىخىي يادىكارلىقلارغا ئاساسلانغاندا، سېھىر - ئەپسۇنكەشلىك ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئوتتۇرا ئەسىردىن بۇرۇنلا كەڭ تارقالغان. بۇ توغرىدا <تۈركىي تىللار دىۋانى> دا قۇلباق دېگەن بىر ئەۋلىيانىڭ <تەڭرىنىڭ قۇلى قۇلباق> دېگەن ئىبارىنى قارا تاشقا يازسا ئاق، ئاق تاشقا يازسا قارا چىقىدىغان كارامىتى، يادا تاش ئارقىلىق يادا )سېھىر( قىلىنىپ يازدا قار ياغدۇرۇلغانلىقىنى ئاپتورنىڭ كۆرگەنلىكى، بالىلارنى كۆز تېگىش ۋە جىن - ئالۋاستىلاردىن ساقلاش ئۈچۈن ئەپسۇن ئوقۇپ <ئىسرىق، ئىسرىق> دەپ ئىسرىقدايدىغانلىقى، <جىن تەگكەن ئادەمنى داۋالاشتا يۈزىگە سۇ سېپىپ تۇرۇپ >قۇۋۇچ - قۇۋۇچ< دەپ ئادىراسمان ۋە ئۇد ھىندى بىلەن ئىسرىق سېلىنىدىغانلىقى قاتارلىق ئادەتلەر توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلگەن. روشەنكى رېئال تۇرمۇشىمىزدا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان، سىرلىق ھېسابلىنىدىغان >يادا تاش< سۆزى ئەنە سۇ >يادا< سۆزىدىن كېلىپ چىققان. شۇنىڭدەك تېخى يېقىنقى دەۋرلەرگىچە داۋاملىشىپ كەلگەن يادا تاشقا ئايەت ئوقۇپ سۇ، يامغۇر تىلەپ زاراخەتمە ئۆتكۈزۈش ئادىتى قاتارلىق ئادەتلەرمۇ ئۆز دەۋرىدىكى >يادا< قىلىش ئادىتىنىڭ داۋامى.
سېھرىي - ئەپسۇنكەشلىكنىڭ تۇرمۇشىمىزدا ئۇچرايدىغان تۈر - شەكىللىرى: ① قەسىدىچىلىك: بۇمۇ بىر خىل كەسىپ سۈپىتىدە ئوقۇتۇش )ئوقۇش(، جۇدا قىلىش )قىلدۇرۇش(، ئىسسىتقۇ قىلىش )قىلدۇرۇش( ۋە سوۋۇتقۇ قىلدۇرۇش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قەسىدە ئوقۇغۇچىلار خەلق ئىچىدە ئەر - ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەككەپ، ھەر خىل مۈشكۈلچىلىكلەرنى ئاسانلاشتۇرغۇچى دېگەن ئاتاققا ئىگە. شۇڭا كىشىشلەر، بولۇپمۇ ئاياللار ئۇلارغا تولاراق ئەقىدە باغلاپ >ھال< ئېيتىپ بارىدۇ. قەسىدىچىلەر كەلگەن ھاجەتمەنلەرنىڭ تەلىپىگە قاراپ قەن - ناۋات، چاي، رەخت، قورچاق، سارقىندى تۇخۇم قاتارلىق نەرسىلەرگە سېھرى - ئەپسۇن يەنى قەسىدە ئوقۇپ بېرىدۇ. بۇ >ئوقۇلغان< قەنت - ناۋات ياكى چاي بىلەن چاي دەملەپ نىشانلىغان ئادەمگە ئىچۈرۈلسە، رەختە كۆڭلەك ياكى ئىشتان تىكتۈرۈپ كىيدۈرۈلسە، شۇنى ئىچكەن ياكى كىيگەن قىز )ئايال( بولسا، يىگىتكە )ئەر( بولسا، قىز )ئايال(غا ئاشىق )رام( بولارمىش ياكى ئۇلار ئوتتۇرىسىدا سوغۇقچىلىق چۈشۈپ مۇناسىۋىتى بۇزۇلارمىش شۇڭا بۇ «ئىسسىتقۇ» ۋە «سوۋۇتقۇ» دەپ ئاتالغان، شۇنىڭدەك بەزى كۈندەش، ھەسەتخور، رەقىبلەر ئوقۇلغان قورچاق ياكى سارقىندى تۇخۇمنى رەقىبىنىڭ ئۆيىنىڭ بوسۇغىسى ئاستىغا كۆمۈپ تاشلايدۇ. مۇنداق قورچاقنىڭ بېشى - كۆزىگە ۋە كۆكرىكىگە يىڭنە سانجىلغان بولىدۇ، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قورچاققا سانجىلغان يىڭنىلەر ياكى سارقىندى تۇخۇم چىرىگەندە قەسىدە ئۆز كۈچىنى كۆرسىتەرمىش. نىشانلاتقۇچى ئايال بولسا، ئىسسىقا كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ئۆلەرمىش، ئەر بولسا، ئالدى باغلىنىپ قالارمىش. بۇ بەزى جايلاردا >جۇدۇ قىلىش< ياكى >جادۇ< قىلىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
بەزى كېلىنى بىلەن چىقىشالمىغان قېيىن ئانىلار كېلىنىنىڭ ئوغلى بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىقىغا قاراپ ئوغلۇمغا قېيىن ئانىسى >ئوقۇتۇۋەتكەن< دەپ باشقىلارغا دادلاپ بېرىدىغان ئادەتمۇ ئاشۇ خۇراپى ئەقىدە ئاساسىدا شەكىللەنگەن. ② قان قىلىش: كىشىلەر قەسىدىچىلەر مۇنداق ھاجەتمەنلەر كەلگەندە كېسەلگە قاراپ «شامال دارىپتۇ»، «خىزىر ياكى قىتمىر غوجام ئۆتىدىغان يۇلغا ھاجەت قىلىپ قويۇپتۇ»، >ئىگىلىك يەرگە بىتەرەت دەسسەپ ساپتۇ<، >ئىگىلىك يەردىكى ياكى قىتمىر غوجامنىڭ چۈشكەن يېرىدىكى دەرەخنى كېسىپ قويۇپتۇ< دېگەندەك >دىئاگنوز< لارنى قويىدۇ. قارا قوي ياكى ئۈچ - تۆت توخۇغا يەتتە كۈن ئوقۇپ ئاندىن شۇ >گۇمانلىق< يەرگە قان قىلىش زۆرۈرلۈكىنى ئېيتىدۇ. ھاجەتمەننىڭ ھازىرلىقى پۈتۈشى بىلەن >ئوقۇش< باشلىنىدۇ، >ئوقۇش< جەريانىدا ئاغرىق ياتقان ئۆينىڭ تۆت بۇلۇڭىغا تۆت دانە نۆچكا يېقىقلىق تۇرىدۇ. >ئوقۇش< تۈگىگەندىن كېيىن شۇ ئۆينىڭ ئەتراپىغا يەتتە كۈنگىچە يەتتە نۆكچە يېقىلىشى شەرت، موللام ئوقۇيدىغىنىنى ئوقۇپ بولۇپ قوينى گۇمانلىق يەرگە قان قىلىدىغىنىنى ئېيتىپ، توخۇدىن بىرەرسىنى ئاغرىقنىڭ كۆز ئالدىدا قان قىلىپ ئالىدىغاننى ئېلىپ ماڭىدۇ، دېمەك شۇنداق ئوقۇپ، قان قىلىنغاندىن كېيىن ئاغرىق تەدرىجىي ساقىيارمىش. شۇڭا ئۇلارنىڭ بۇ داۋالاش ئۇسۇلى >قان قىلىش< دەپ ئاتالغان. خەلق ئىچىدە بەزى خېيىم - خەتەردىن ئامان قالغاندا ياكى چۈشى بۇزۇلۇپ خەتەرلىك ھېس قىلغاندىمۇ بىرەر مالنى ئۆلتۈرۈپ خالىس نەزىر قىلىش ئادىتى؛ >غايىپ غەزىنە< ئۇچراپ قالغاندا بىر مالنى، ھېچبولمىغاندا قول بارماقلىرىنىڭ بىرىنى چىشلەپ بولسىمۇ قان قىلىش، دېگەن ئەقىدىلىك قاراشمۇ ئاشۇ >قان قىلىش< تىن كېلىپ چىققان. ③ كۆچۈرۈش: كىچىك بالىلار تويۇقسىز ئاغرىپ قېلىپ ساقىيالماي بارغانسىرى ئورۇقلاپ، ئاجىزلىشىش ھالىتى يۈز بەرسە كىشىلەر بونىمۇ يۇقىرىقىدەك ئەقىدە بويىچە >شامال دارىغانلىقتىن بولغان<، >يامان نەرسە - جىن چاپلاشقانلىق<دەپ قاراپ موللام، بۈۋۋملەرگە ئوقۇتىدۇ. بۇ >كۆچۈرۈش< دەپ ئاتىلىدۇ. ئورۇندىلىشى مۇنداق:
ئاغرىغۇچىغا سىمۋول قىلىپ )ئوغۇل بولسا، ئوغۇلچە، قىز بولسا قىزچە( چىرايلىق قورچاق ياسىلىپ، چىرايلىق كىچىك داستىخان ۋە تۇتۇلمىغان بىر كىچىك تاۋاق ھازىرلىنىدۇ، يەتتە ئۆيدىن بىر بۇردىدىن نان تىلەپ كېلىنىدۇ، موللام ياكى بۈۋۈم بالىغا ئەپسۇن ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھېلىقى يەتتە بۇردا نانغا سۈپكەشلەپ بالىنىڭ بېشىدىن ئايىغىغا قەدەر يەتتە قېتىم >كۆچ - كۆچ< دەپ ئايلاندۇرۇپ چىقىدۇ. ئاندىن تۈن يېرىملاشقاندا قورچاق كىشىگە تۇيدۇرۇلماي يولنىڭ دوقمۇشىغا ئېلىپ بېرىلىپ ئولتۇرغۇزۇپ قويۇلۇش بىلەن ھېلىقى داستىخان ئالدىغا سېلىنىدۇ، ئۈستىگە سۈپكۈشلەنگەن يەتتە بۇردا نان سېلىنىپ ھېلىقى تاماق قويۇپ قويۇلىدۇ، بۇ نەرسىلەرنى ئېلىپ بارغۇچى ئىشىنى تۈگىتىپ ئارقىسىغا قارىماي ئۆيگە يېنىپ كېلىدۇ. بەزى جايلاردا يەتتە بۇردا نان ئورنىغا يەتتە ئۆيدىن ئاز - ئازدىن قۇرۇق ئۇن تىلەپ، ئۇنىڭدا چامغۇرلا توغرالغان قۇرۇق سۇيۇقئاش ئېتىلىدۇ. ئاش تەييار بولغاندا، بالا يالىڭاچلىنىپ ئۇنىڭ ھورىدا ھوردىتىلىدۇ )باشقا جەريانلىرى يۇقىرىقىدىكى ئۇسولغا ئوخشاش(. بۇ >ئاۋاق ئېشى< دەپ ئاتىلىدۇ. بەزى جايلاردا بولسا، جىن - شاياتۇنلارنى قوغلاش مەقسىتىدە يەتتە تۈگمەندىن ئۇن توزانى تىلەپ كېلىنىپ، سەيشەنبە چىقىپ چارشەنبە كىرىش ئاخشىمى ئاغرىق بالىنى يالىڭاچلاپ بەدىنىگە يەتتە قېتىم سۈرۈلىدۇ. بۇ >توزلاندۈرۈش< دەپ ئاتىلىدۇ. تۈگمەندىن ئۇن توزانى تىلىنىشى ئادەتتە تۈگمەننىڭ خىلۋەترەك كېلىشىدىن، جىنلارنىڭ ماكانى دەپ قارالغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ④ ئاچلاش: بوۋاقلار تولىدىن - تولىسىغا جىغاينىغۇسى كېلىپ يىغلاپ بىئارام بولسا ۋە ياش - ئۆسمۈرلەر ھەتتا ياش قۇرامىغا يەتكەنلەر مېھماندارچىلىق ياكى تالا - تۈزدىن يانغاندا تۇيۇقسىز مەيدىسى ياكى قورسىقى ئاغرىپ كەتسە، بۇ كىشىلەرنىڭ >ئېچى كىرىپتۇ< ياكى >ئوتى تۇتۇپتۇ<، >كۈدە بوپتۇ< دەپ قارىلىپ بۈۋۈملەرگە ياكى بۈۋۈملەردىن ئۇدۇم ئالغان ئاياللارغا ئوقۇتۇلىدۇ. بۇ >ئاچلاش< دەپ ئاتىلىدۇ. ئورۇندىلىشى مۇنداق:
بىر پىيالىگە لىق كېپەك ئېلىنىپ دۈم قىلىنىپ داكا ياكى داسمالغا ئورۇلىدۇ. ئاچلىغۇچى ئۇنى قولىغا ئېلىپ ئىچىدە ئوقۇغان پىيالىنىڭ ئاغزى تەرىپىگە ئۈچ قېتىم ھۈرۈپ قويۇپ، ئاندىن بوۋاقنىڭ )ياكى ئاغرىغۇچىنىڭ( پېشانىسىدىن تا ئايىغىغىچە >كۆچ - كۆچ! بۇ يەردە نېمە قىلىسەن؟ ئەسكى تۈگمەن )تاملىق( گە بار! قوشۇما قاشقا بار! يالغۇز دەرەخكە بار! ئۆزۈڭگە كىرىگەنگە بار! قوش خوتۇنلۇققا بار!< دەپ جنلارغا خىتاب قىلىپ، ئالا قويماي نوقۇپ چىقىدۇ. بۇ ھەرىكەت شۇ تەرىقىدە ئۈچ قېتىم تەكرارلىنىدۇ. كېپەك يوق شارائىتتا ئاشلىغۇچى كېپەك ئورنىغا ئالىقىنىغا يەتتە بۇردا نان ئېلىپ ئاچلايدۇ. ئاچلىغۇچى ئاچلاش جەريانىدا ئەسنەك ئارىلاش >ھۇڭ!< دەپ تۇرىدۇ. >كىشى بىر نەرسە يېگەندە يېگۈسى كېلىپ قارىسا ئېچى كىرىپ قالىدۇ<، >كۆرمىگەن بىرىگە ھەۋەسلىنىپ قاراپ قالسا، ئوتى تۇتۇپ قالىدۇ< دەپ يامان ئالدىغان ئادەت شۇ ئەقىدە ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن. ⑤ ئوت كۆچۈرۈش: ئەتىگەن - كەچ تەرەپلەردە كىشىنىڭ بەدىنى تىكەنلىشىپ، تىترەك بېسىپ ئاغرىسا >ئۇچۇنۇپتۇ<، >قوقاقداپتۇ< دەپ قارىلىپ، ئۇنىڭ سەۋەبىمۇ شامال دارىغانغا تاقىلىش بىلەن ئوت كۆچۈرۈلىدۇ.
ناماز شام ۋاقىتلىرىدا يەتتە ھويلا جايلاشقان كوچا ئارىلىقىدىن ياكى تۆت كوچا ئاغزىدىن چوگا - تەمەچ تېرىپ كېلىنىپ، ئۇ بەلگۈرجەككە تىزىلىپ، ئۈستىگە ئازراق كېپەك سېپىلىدۇ. ئاندىن ئاغرىقنى قىبلىگە قاراپ ئولتۇرغۇزۇپ، تەمەچكە ئوت يېقىلىدۇ. بۇ جەرياندا >ئوت كۆچۈرگۈچ< ئىچىدە >ئوقۇپ< تۇرىدۇ. ئوت تۇتىشىپ ئىس چىقىش بىلەن تەڭ ئاغرىقنىڭ بېشى - كۆزىگە سۈپكۈشلەپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ بېشىدىن پۇتىغا بارغۇچە ئارىلىقنى يەتتە قېتىم ئايلاندۇرۇپ چىقىدۇ. شۇڭا بۇ >ئوت كۆچۈرۈش< دەپ ئاتالغان. بەزىلەر بىر باغلام قارا سۆگەت قىپىچىسىنى سوغۇق سۇغا چىلاپ تۇرۇپ، ئاغرىقنىڭ كېيمىنى قايرىپ تۇرۇپ دۈمبىسىگە >كۆچ - كۆچ< دەپ ئۈچ قېتىم ئۇچۇغلايدۇ. بۇ ھەرىكەتمۇ پەقەت ناماز شام ۋاقتىدىلا ئورۇندىلىدۇ. بۇمۇ ئوت كۆچۈرۈشنىڭ بىر تۈرى بولۇپچ >ئۇچۇغداش< دەپ ئاتىلىدۇ. ⑥ چاچراتقۇ سېلىش: كىچىك بالىلارنىڭ ئېغىز مانىغا ئۇششاق سۇلۇق چاقا چىقىپ بىرى ساقىيا - ساقايمايلا يەنە بىرى چىقىپ يۈزى - كۆزىنى بېسىپ كەتسە بۇ >چاچراتقۇ< دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ كېسەلنىڭ سەۋەبىمۇ جىن - شاياتۇنلارغا تاقىلىپ >كۈل - ئەخلەتخانىغا سىيىپ قويغانىكەن< ياكى قوغۇن شاپىقىغا سىيىپ قويغانىكەن> )ئەپسۇنچىلار ئەخلەت، كۈل تۆكۈلىدىغان يەرلەرمۇ يامان روھلارنىڭ ماكانى دەپ قارايدۇ( دەپ <دىئاگنوز> قويۇلىدۇ. ئۇلارچە بۇنى داۋالاش ئۇسۇللىرىمۇ ھەر خىل، مەسىلەن، ① موللام، بۈۋۈملەر ئۈچ كۈن ياكى يەتتە كۈنگىچە ھەر كۈنى ئەتىگەنلىكى ئايەت ئوقۇپ تۇرۇپ چاچراتقۇ ئۈستىگە ئۈچ قېتىم سۈپكۈشلەپ <تۈكۈرۈپ> قويىدۇ. ② قۇرۇق قوغۇن شاپىقى سوقۇپ، كىپەككە ئارىلاشتۇرۇپ چوغ ئېلىنغان بەلگۈرجەككە سېلىش بىلەن بالىنىڭ بېشى - كۆزى ئىسرىقدىنىدۇ. بۇ ئۇسۇل پات - پات قوللىنىلىدۇ. بۇ ھەرىكەت ئۆينىڭ ئايال خوجايىنى تەرىپىدىن ئورۇندىلىدۇ. ③ پاق - پاق سېلىش: يەتتە ئۆيدىن بىر قوشۇقتىن ئۇن تىلەپ چىقىپ كەپتەر تۇخۇمى چوڭلۇقىدا ئۈچ پارچە خېمىر يۇغۇرۇلىدۇ. ئاندىن بۇ ئۈچ پارچە خېمىر يۇغۇرۇلىدۇ. ئاندىن بۇ ئۈچ پارچە خېمىر بىرلەشتۈرۈلۈپ توقاچ زۇۋۇلىسى چوڭلۇقىدا زۇۋۇلا قىلىنىدۇ. موللام ياكى داخان ئوچاق ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا ئوقۇپ، ھۈرۈپ تۇرۇپ قوقاسقا كۆمىدۇ ۋە داۋاملىق ئوقۇپ قوقاسقا ھۈرۈپ ئولتۇرىدۇ. خېمىرغا قىزىق ئۆتۈپ بىر ئازدىن كېيىن <پاق> قىلىپ ئېتىلىپ چېچىلىپ كېتىدۇ. موللام )داخان( <مانا ئايەتنىڭ كۈچى، خېمىر يېرىلىپ چېچىلىپ كەتتى، ئەمدى چاچراتقۇمۇ كۆچىدۇ> دەپ ئالىدىغانلىقىنى ئېلىپ يولىغا راۋان بولىدۇ. ④ ياندۇرۇش: كىچىك بالا تۇغۇلۇشتا كۆزى ئاجىز تۇغۇلۇپ، بارا - بارا ئەلەس بولۇش ياكى ئاق چۈشۈش خەۋپى تۇغۇلسا ياكى چوڭلارنىڭ كۆزىگە ئاق چۈشۈپ قالسا، بۇمۇ <شامال دارىغانلىق> دەپ قارىلىپ موللام )داخان( لارغا ئوقۇتۇلىدۇ. ئورۇندىلىشى: موللام )داخان( بۆرە ئۆلتۈرۈلگەن پىچاق تاپتۇرۇپ كېلىدۇ، ئەگەر ئۇنداق پىچاق تېپىلمىسا، قارا توخۇ ياكى كۆك كەپتەرگە ئوقۇپ ئۇنى بوغۇزلايدۇ. ئاندىن شۇ قان يوقى پىچاقنى )بۆرە ئۆلتۈرگەن پىچاقنى(، ئاغرىقنىڭ كۆزىنىڭ ئاستىدىن ئۈستىگە قارىتىپ ئۈچ قېتىم ياندۇرمىلاپ قايرىيدۇ. شۇڭا بۇ <ياندۇرۇش> دەپ ئاتالغان. ⑤ پېرىخۇنلۇق )داخانلىق، باخشىلىق دەپمۇ ئاتىلىدۇ(: پېرىخۇن - ئەپسۇنچىلارنىڭ پىر ئۇستازى دېگەنلىك بولىدۇ. ئۇ سېھرى - ئەپسۇنكەشلىكنىڭ مۇھىم بىر تۈرى، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، بىرىنچىدىن، بۇ يۈرۈش قائىدە - يوسۇنلىرى، قورال ۋە مەخسۇس كىيىملىرى بولۇپ، ئادەتتە ئىككى - ئۈچ داخان )باخشى( بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئادەتتە نېرۋا خاراكتېرلىك سەۋدا، باش ئاغرىقى، شەقىقە ۋە تۇغۇتتىن قالغان ھەر خىل كېسەللىكلەرگە ئوقۇشنى ئاساس قىلىدۇ. ئۈچىنچىدىن، جىن - شاياتۇنلارنى غەيرىي مۇسۇلمانلار جىنى ۋە مۇسۇلمان جىنى دەپ ئىككى خىلغا ئايرىيدۇ، ئۇلارنىڭ ئوقۇپ داۋالاش ئۇسۇلى مۇنداق: باخشىلار ئاجايىپ - غارايىپ جەندە - كۇلالىرىنى كېيىشىپ تەق بولىدۇ. ئاندىن ئۆي قاراڭغۇ قىلىنىپ ئوتتۇرىسىغا قوزۇق قېقىلىدۇ، ئۇنىڭغا چۇپۇردا ئىشلىگەن ئارغامچا باغلىنىپ، ئارغامچىنىڭ يەنە بىر ئۇچى تۈڭلۈككە باغلىنىدۇ. مانا بۇ <تۇغ باغلاش> دەپ ئاتىلىدۇ. ئارغامچىنىڭ تۈڭلۈككە باغلانغان قىسىمىغا ئالىيېشىل قىيىقچا لاتىلار چىگىلگەن بولىدۇ. ئارغامچا باغلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئاغرىققا مەھكەم تۇتقۇزۇپ ئولتۇرغۇزۇلىدۇ. بۇ چاغدا باخشىلار سۈرلۈك قىياپەتكە كىرىپ ئاغرىقنى چۆرۈدەپ ئۆرە تۇرۇش بىلەن چوڭ باخشى ئەپسۇن - ئەرۋىش ئوقۇشقا باشلايدۇ. بۇ چاغدا ئۆينىڭ تۆت بۇلۇڭى ۋە تاملىرىغا نۆكچە يېقىلىدۇ. قالغان باخشىلار ئۇنىڭغا تەڭكەش قىلىپ داپ چېلىشقا باشلايدۇ. ئاندىن ئاغرىق ئۆرە تۇرغۇزۇلۇپ داپ ساداسى ئىچىدە پىرقىراتقۇزۇلىدۇ. چوڭ باخشى ئارىلاپ قولىدىكى قارا سۆگەت تايىقى ياكى ئېشىلگەن لاتا <قامچا> بىلەن پىرقىراۋاتقان ئاغرىقنى ئۇرۇپ - ئۇرۇپ قويىدۇ، ئۆينىڭ تۆت بۇلۇڭىنىمۇ ئۇرۇپ چىقىدۇ. ئەپسۇن - ئەرۋىش ئوقۇشنىڭ ئەۋجىگە كۆتۈرلۈشى ۋە چوڭ باخشىنىڭ ھەدەپ ئۇچۇغدىشىغا ئەگىشىپ ئاغرىقنىڭ پىرقىرىشىمۇ تېزلىشىپ ئاخرى ھوشسىزلىنىپ يېقىلىپ چۈشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن باخشىلارنىڭ ئوقۇشىمۇ توختاپ <داۋالاش> ئاخىرلىشىدۇ. بۇ خىل <داۋالاش>، <پېرى ئوينىتىش> دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ يەردە تۇغنىڭ بىر ئۇچىنىڭ تۈڭلۈككە باغلىنىشى كۆكتە ئايلىنىپ يۈرگەن روھىناتلرغا سېغىنىشنى، بىر ئۇچىنىڭ يەرگە باغلىنىشى جىن - شاياتۇنلارنى جەھەننەمگە قوغلاشنى مەقسەت قىلغان. دېمەك، ياخشى روھلار تۈڭلۈكتىن كىرىپ يامان روھلارنى جەھەننەمگە قوغلارمىش، بۇنىڭ بىلەن ئاغرىق ساقىيارمىش.
بۇنىڭدىن باشقا باخشىلار يەنە بەزى سوزۇلما يەل، پۇت ئاغرىقلىرىنىمۇ <كەتمەن بېسىش> ئۇسۇلى بىلەنمۇ <داۋا> لايدۇ. باخشىلار ئالدى بىلەن بىر كەتمەننى ئوتتا قىزدۇرىدۇ. كەتمەن قىپقىزىل ھالەتكە كەلگەندە ئىچىدە <ئوقۇغاچ> تاپىنىنى كەتمەنگە بىر سۈرتۈۋېتىپ ئاندىن كېسەلنىڭ ئاغرىغان يېرىگە پۇتىنى سۈرتىدۇ. شۇ تەرىقىدە ئۈچ قېتىم تەكرارلايدۇ. شۇڭا بۇ <كەتمەن بېسىش> دەپ ئاتالغان.
پالچىلىق: پالچىلىق <رەمبالچىلىق، قۇرچىلىق> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇمۇ شامانىزم ئەقىدىلىرىدىن قالغان سېھرى - ئەپسۇنكەشلىكنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئىچىگە قەدىمكى دەۋرلەردىلا كەڭ تارقالغان. Ⅴ ئەسىرگە ئائىت تۇرپاندىن تېپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان پال چوكىلىرى ۋە Ⅸ ئەسىرگە ئائىت <ئىرق پۈتۈك> )پالنامە( ۋە ھېكايە، چۆچەكلەردىكى كىشىنىڭ مەشكۈلچىلىكىنى ئاسانلاشتۇرۇغچى سۈپىتىدە يارىتىلغان <خىزىر ئەلەيھىسسالام> )قۇرئانداز دەپمۇ ئاتىلىدۇ( نىڭ ئوبرازى، خان - پادىشاھلارنىڭ <ئەقىدىلىرى> سۈپىتىدە يانلىرىدا قۇرئاندازلاردىن ئايرىلمايدىغانلىقلىرى توغرىسىدىكى بايانلار ئەنە شۇ نۇقتىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ ئەقىدە - ئادەت ئىسلامىيەتكىمۇ يېتىپ كەلگەن. پالچىلار دانىيال ئەلەيھىسسالامنى ئۆزلىرىنىڭ پىرى ھېسابلايدۇ. شۇڭا پال سالغاندا <پاھ! مېنىڭ پالىم ئەمەس، دانىيال ئەلەيھىسسالامنىڭ پالى> دەپ تۇرۇپ پال سالىدۇ. بۇ ھال ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتە بازار تېپىشىغا سەۋەب بولغانا.
پالچىلىقنىڭمۇ تۈرى بىر قەدەر كۆپ. ئۇيغۇرلار ئچىدە ئاساسەن رىسالىگە قاراپ پال ئېچىش )سېلىش(، تاش - مارجان )قوناق - قۇمۇلاق(ۋە چوڭا بىلەن پال سېلىش كۆپرەك ئۇچرايدۇ. لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى ئىچىدە بېلىقنىڭ دولا سۆڭىكىنى ئوتقا سېلىپ پال سېلىش ئادىتى بىر قەدەر ئومۇملاشقان. بۇنىڭدا سۆڭەكتە پەيدا بولغان قاپارتمىلارنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى، قاپارتمىلارنىڭ توپ - شالاڭلىقى، ئارىلىقىنىڭ كەڭ - تارلىقى قاتارلىق ھالەتلەرگە قاراپ مەنە ئېيتىش ئاساس قىلىنغان. پالچىلار ئىچىدە رىسالىگە قاراپ پال ئاچقۇچىلار بىر قەدەر داڭلىق بولۇپ، ئادەتتە ئۇلار يۇرت ئارىلاپ يۈرىدۇ. بەزى ھاجەتمەنلەر يۇرت كېزىپ يۈرۈپ شۇنداق چۈشىدىغانلار تولاراق مال - ۋارانلىرى يۈتكەن )ئوغرىلانغان( لەر، يىراقتىكى ۋە سەپەر ئۈستىدىكى يېقىنلىرىنىڭ ھال - ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولماقچى بولغانلار، ئۆمۈر - تەلەي سىناپ كۆرگۈچىلەر ۋە چۈش ئۆرۈتمەكچى بولغانلاردىن ئىبارەت.
پالچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئالدى بىلەن ھاجەتمەنلەرنىڭ روھىي ھالىتىگە، مۇددىئاسىغا دىققەت قىلىدۇ. چۈنكى بەزىلەر <ماڭا بىر پال ئېچىپ باقسىلا> دەپ كەلسە، بەزىلەر پال سالدۇرماقچى بولغان مۇددىئاسىنى ئېيتىدۇ. پالچىلارنىڭ شۇنىڭغا قاراپ رىسالىسىنى ئېچىپ بىردەم قاراپ ئولتۇرۇپ ياكى پال دەستۇر قېپىنى يەرگە يېيىتىپ )بەزىلەر يەرگىلا(، ئۈستىگە تاش - مۇنچاقلىرىنى ياكى پال چوكىسىنى چىقىرىپ، ئاندىن ھاجەتمەندە مەلۇم بىر ئۈمىد ھاسىل بولغۇدەك قىلىپ <پالىڭىز مۇنداق چۈشتى، بۇ … نىڭ بىشارىتى> دەپ سۆزلەيدۇ. مەيلى تاش - مۇنچاق ياكى پال چوكىسى بولسۇن ھەممىسىدە تەخمىن سان بولىدۇ. بەزىلەرنىڭ 43 دانە )تال( بولسا، بەزىلەرنىڭ 38، بەزىلەرنىڭ 28 دانە )تال( كېلىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قەشقەر، يەكەن، خوتەن قاتارلىق رايونلىرىدا يەنە بىر خىل پال تۈرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئادەتتىكى پال تۈرلىرىدىن بىر پەرقى، چوڭا ياكى تاش - مارجانلارنى ئالدى بىلەن تۆت قۇر تىزىپ كېيىن بۇلۇڭلارغا ئايرىپ، تاق - جۈپلىرىگە قاراپ 16 خىل شەكىل چىقىرىلىدۇ. بۇ 16 خىل شەكىلنىڭ ئۆزىگە خاس نامى بولىدۇ. ھاجەتمەنگە سۆزلىگەندە بۇ 16 خىل شەكىلنىڭ نامىغا 16 پەيغەمبەرنىڭ نامى ۋە كۈن، ئاي، يۇلتۇز، ئوت، سۇ، شامال ھەم ھەپتە يەتتە كۈننىڭ نامى شېپى كەلتۈرۈلۈپ سۆزلىنىدۇ. پال تۈرلىرى ئىچىدە بۇ پال بىر قەدەر مۇرەككەپ، نامىمۇ غەلىتە بولۇپ، <ئۇستۇرلاپ پالنامىسى>دەپ ئاتىلىدۇ.
يۇقىرىقىلاردىن باشقا پالنىڭ قولنىڭ ئالقىنىغا قاراپ ئاچىدىغان بىر تۈرىمۇ بار. پالچى ھاجەتمەننىڭ ئالقىنىنىڭ ئىچىدىكى سىزىقلارنىڭ شەكلى، شاخچىلىرى ۋە قوشۇلغان - قوشۇلمىغانلىقى، قايسى نۇقتىدا ۋە قانداق شەكىلدە قوشۇلغانلىقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكىگە قاراپ تەبىر بېرىدۇ. ئېيتىلىدىغان تەبىر ئاساسەن <تەلەيلىك ئىكەنسىز؛ قولىڭىز ئوچۇقكەن؛ پىششىق ئادەم بولىدىكەنسىز؟ نىكاھلىق بولىدىكەنسىز؟ پەرزەنت كۆرىدىكەنسىز> دېگەن دائىردىن چىقمايدۇ. شۇڭا بۇ <ئالقان پال> ئاتالغان.
چۈشكە تەبىر بېرىش: چۈشكە تەبىر بېرىش ئەسلى پالچىلىقنىڭ مۇھىم بىر مەزمۇنى بولۇپ، كېىيىچە تەدرىجىي ئۇدۇملۇق ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان. شۇڭا ياش قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ھەممىسى چۈشكە تەبىر بېرىۋېرىدۇ. Ⅸ ئەسىرگە ئائىت قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان <ئىرق پۈتۈك> نى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا <چۈش تەبىرى> ياكى <چۈش تەبىرنامە> دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭدا چۈش تەبىرىگە ئائىت نۇرغۇن بايانلار بار. ئۇنىڭدا كىشىنىڭ چۈشىدە كۆرگەن ھەر خىل شەيئىلەر بىرخىل ياخشىلىق - يامانلىقنىڭ سۈرى سۈپىتىدە بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىر قىسمى چۈشكە تەبىر بېرىشتە خەلق ئىچىدە ھازىرمۇ ئەينەن قوللىنىلىپ كەلمەكتە. مەسىلەن، قارا قۇش كۆرۈپ چۈشىسە ئامەتلىك بولىدۇ )ئاسماندا( ئۇچۇپ پايدا ئالىدۇ، قوي پادىسى كۆرۈپ چۈشىسە باي بولىدۇ، بۇغا كۆرۈپ چۈشىسە بالا - قازادىن قۇتۇلىدۇ. ئورۇق ئات مېنىپ چۈشىسە كۆڭۈلسىزلىك يۈز بېرىدۇ، قاتارلىقلارغا ئوخشاش. ھازىر خەلق ئىچىدە قوللىنىلىۋاتقان تەبىرلەرنىڭ ھەممىسى <ئىرق پۈتۈك> تىكى ياخشىلىق - يامانلىقنىڭ سۈرى قىلىپ بايان قىلىنغان شەيئىلەرگە تەقلىد قىلىنغان، مەسىلەن، ئارغامچا )يىپ ياكى لەڭمەن( كۆرۈپ چۈشىسە يول چىقىدۇ، سۇ ئۈزۈپ چۈشىسە ئامەتلىك، مەرتىۋىلىك بولىدۇ )غەم - غۇسىدىن خالىي بولىدۇ(، ئېشەك مىنىپ چۈشىسە دۆلەتمەن بولىدۇ. ئاياللار پىچاق كۆرۈپ چۈشىسە ئوغۇل تۇغىدۇ، ئالتۇن ئۈزۈك كۆرۈپ چۈشىسە قىز تۇغىدۇ. ئەرلەر ئالتۇن ئۈزۈك كۆرۈپ چۈشىسە ئوغۇل پەرزەنت كۆرىدۇ، ھارۋىغا ئولتۇرۇپ چۈشىسە جىنازىنىڭ سۈرى، ئايىغىنىڭ چەمى ئاجراپ چۈشىسە نىكاھىدىن ئاجرىشىشنىڭ سۈرى، ئۇرۇشۇپ چۈشىسە خۇشاللىقنىڭ سۈرى، شاد - خۇراملىق چۈشىسە كۆڭۈلسىزلىكنىڭ سۈرى ۋەھاكازالار.
چۈشكە تەبىر بېرىشكە مۇناسىپ ھالدا بىر ئەتىگەندە، بىر كەچتە چۈش ئۆرۈشنى ۋە كۆرگەنلا ئادەمگە چۈش ئۆرۈشنى يامان ئالدىغان ئادەتمۇ شەكىللەنگەن. <دوستۇڭغا ئۆرسەڭ چۈش، ماننى ئوڭ دەر، دۈشمىنىڭگە ئۆرسەڭ چۈش، ياخشىنى يامان دەر> دېگەن ماقالىمۇ شۇ ئادەت ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن.
يۇقىرىقىدەك خۇراپاتلىق ئادەت - ئەقىدىلەر خەلق ئىچىگە كەڭ تارقالغان بولسىمۇ خەلق ۇزۇن مۇددەتلىك تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدە <پالغا ئىشەنمە، پالسىز يۈرمە> دېگەن ئاددىي ئىلمىي چۈشەنچىگە كەلگەن.