ئەكرەم ئەھمەد

ئورنى Wikipedia

  ئىسىم-فامىلىسى: ئەكرەم ئەھمەد

    يۇرتى: قەشقەر

    ئېگىزلىكى: 1.85 مېتىر

    ئېغىرلىقى: 85 كىلوگىرام

    قىزىقىشى: پۇتبول

ھەققىدە[تەھرىرلەش]

  ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسىرى ۋە ياراتقان ئوبرازى: 2000- يىللىق مەملىكەتلىك 21 ياشتىن تۆۋەنلەر مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ كوماندىسىغا ۋاكالىتەن قاتنىشىپ، ئالدىنقى تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرگەن.

    2001- يىلى دۇنيا بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن 53- قېتىملىق ياش-ئۆسمۈرلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە «گۇاڭدۇڭ چاۋنىڭ كوماندىسى» غا ۋاكالىتەن قاتناشقان. شۇ يىلى يەنە 9- نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان.

    2003~ 2002- يىلى شىنجاڭغا ۋاكالىتەن مەملىكەتلىك 19 ياشلىقلار (19U) مۇسابىقىسىگە قاتناشقان.

    2004- يىلى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق تەكلىپ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، ئەنگىلىيە ستوكپورت كوماندىسى بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە، ئەڭ چىرايلىق بىر توپنى كىرگۈزگەن.

    2005- يىلى مەملىكەتلىك 10- نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىپ، تۇنجى قېتىم شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ 46 يىل جەريانىدا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولالماسلىقتەك تارىخقا خاتىمە بەرگەن.

    2007~ 2006- يىلى شىنجاڭ لاتارىيەسى كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مەملىكەتلىك B دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، ئالدىنقى قاتاردىكى 8 كوماندا قاتارىغا كىرگەن ۋە مەملىكەت بويىچە «ۋاراتارغا ئەڭ جىق توپ ئۇرغان تەنھەرىكەتچى» بولۇپ باھالانغان ۋە شىنجاڭ تارىخىدا تۇنجى قېتىم «پۇتبول ئەپەندىسى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن.

    2008- يىلى گۇاڭدۇڭ (بىرىنچى زېمىن) كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مەملىكەتلىك B دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىگە قاتناشقان.

    2009- يىلى «خۇنەن شاڭتاۋ» كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مەملىكەتلىك B دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، بىرىنچىلىككە ئېرىشىپ، مەملىكەتلىك A دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىتىگە ئىگە بولغان ۋە يەنە بىر قېتىم مەملىكەت بويىچە «ۋاراتارغا ئەڭ جىق توپ ئۇرغان تەنھەرىكەتچى» بولۇپ باھالانغان.

    2012~ 2011- يىللىق مەملىكەتلىك A دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، ئالدىنقى تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرگەن.