ئەلجامىئۇسسەغىر (سۇيۇتىي)

ئورنى Wikipedia

ئەلجامىئۇسسەغىر (ئىخچام ھەدىسلەر توپلىمى / الجامع الصغير من حديث البشير النذير)»، تەفسىر، ھەدىس، فىقھ، ئەرەب تىلى ۋە ئەدەبىياتى ئالىمى جەلالۇددىن ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەبۇبەكرى ئىبنى مۇھەممەد سۇيۇتىي (ھ. 849 – 911 / م. 1445 – 1505) تەرىپىدىن توپلانغان قىسقا ھەدىسلەردىن تەشكىل تاپقان ئەسەر، ھ. 907 / م. 1501 - يىلى تاماملانغان.

ئەسەر ھەدىسلەرنىڭ دەسلەپكى ئىككى ھەرىپىگە كۆرە ئېلىپبەلىك تەرتىپتە تىزىلغان ۋە بۇ مەنتىق سەۋەبىدىن سەنەدلەر يېزىلمىغان. ئەمما، ھەربىر ھەدىستىن كېيىن شۇ ھەدىسنىڭ راۋىيسى بولغان ساھابىنىڭ ئىسمى، مەزكۇر ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان ھەدىس توپلاملىرى ياكى مۇھەددىسلەر ئېنىق ئىسمىنى ئاتاپ ياكى ھەرپ بىلەن بايان قىلىنغان. شۇنداقلا، ھەدىسنىڭ سەھىھ ياكى زەئىفلىكىگىمۇ باھا بېرىلگەن.

ئىككى جىلد شەكلىدە چاپ قىلىنغان ئۇشبۇ ئەسەر 10 مىڭ 31 ھەدىسنى ئۆز ئىچىگە ئالماقتا. ئىمام سۇيۇتىي مەزكۇر ئەسىرىگە زەيىل (قوشۇمچە) تەرىقىسىدە «ذيل الجامع الصغير من حديث البشير النذير»نى تۈزگەن ۋە ئۇنىڭغا مىڭ ئەتراپىدا ھەدىس كىرگۈزگەن بولۇپ، ئايرىم بىر جىلدتا نەشر قىلىنغان.

شەيخ ناسىرۇددىن ئالبانىي ئۇنىڭدىكى ھەدىسلەرنى «سەھىھۇلجامىئىسسەغىر» ۋە «زەئىفۇلجامىئىسسەغىر» دەپ ئىككىگە ئايرىپ، ھەدىسلەرنىڭ سەنەدلىرىگە باھا بەرگەن ۋە ئۇنىڭ باھالىرى ئىمام سۇيۇتىينىڭ باھالىرىدىن بەزىدە پەرقلىق چىققان.

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]