ئەلمۇئجەم ئەلكەبىر

ئورنى Wikipedia

ئەلمۇئجەمۇل كەبىر (ئېلىپبە تەرتىپلىك بۈيۈك ھەجىملىك ھەدىس توپلىمى / المعجم الكبير)؛ مۇئجەم – راۋىيلارنىڭ ئىسىملىرى بويىچە ئېلىپبەلىك ھالدا تۈزۈلگەن ئەسەرلەر – ئەسەرلىرى بىلەن تونۇلغان ھەدىس قارىيسى ئەبۇلقاسىم مۇسنىدۇددۇنيا شىھابۇددىن سۇلايمان ئىبنى ئەھمەد تەبەرانىي (ھ. 260 – 360 / م. 873 – 971) نىڭ ئەڭ مەشھۇر ئەسىرى بولۇپ، ئۆز تۈرىنىڭ ئەڭ كەڭ ھەجىملىك ئۆرنىكى بولغان ئەسەردە خۇلەفائى راشىدىنلەر ئاندىن جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن ئون ساھابە (ئەشەرەئى مۇبەششەرە) دىن باشلاپ ساھەبە كىراملارنىڭ رىۋايەت قىلغان ھەدىسلىرى ئىسىملىرى بويىچە ئېلىپبەلىك شەكىلدە تىزىلغان.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسلىرىنى ئايرىم بىر جىلدتا توپلىغان.

ھەر ساھابىنىڭ ھەدىسلىرىدىن بۇرۇن ئۇ ساھابىنىڭ تەرجىمىھالى بېرىلگەن. بىرنەچچە ھەدىس ئوتتۇرىدا مەزمۇن ئورتاقلىقى بولسا شۇنداقلا ئىسمى ئوخشاش بولغان ساھابىلەر بولسا ئۇنى ئايرىم بابتا بايان قىلغان.

بىر ساھابىدىن بىرقانچە تابىئىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان بولسا ھەربىر تابىئىننىڭ رىۋايىتىنى كەلتۈرگەن. ئەسەرنى ئابدۇلمەجىد سەلەفىي (ئىراق ھ. 1404 / م. 1983) بەش توم فىھرىست (مۇندەرىجە) بىلەن 25 توم قىلىپ نەشر قىلغان. لېكىن 13 – 16 ۋە 21 - توملىرى كەمتۈك نەشر قىلىنغان. كېيىن 13 - تومنى (931 ھەدىس) ، 14 - تومنى (474 ھەدىس) ۋە 21 - تومدىن بىر پارچىنى (216 ھەدىس) تېپىپ نەشر قىلغان. نەتىجىدە 15 – 16 - توملىرى، شۇنداقلا 21 - تومنىڭ كەم قىسمىلا (2000 ھەدىس ئەتراپىدا) نەشر قىلىنمىغان. نەشر قىلىنغان قىسمىدا تىلغا ئېلىنغان ساھابىلەر 1600 ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇلاردىن جەمئىي 22 مىڭ 21 ھەدىس كەلتۈرۈلگەندۇر. تېپىلمىغان قىسمى بىلەن ھېسابلىغاندا، جەمئىي 25 مىڭ ئەتراپىدا ھەدىسنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تېپىلمىغان قىسمىدىكى ھەدىسلەر مۇئەللىفنىڭ باشقا ئەسەرلىرىدە، شۇنداقلا باشقا ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرىدە تېپىلىدۇ.

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]