ئەلمۇغنىي ئەن ھەملىل ئەسفار

ئورنى Wikipedia

ئەلمۇغنىي ئەن ھەملىل ئەسفار (‹ئىھيا ئۇلۇمىددىن› ھەدىسلىرىنىڭ تەخرىجى / المغني عن حمل الأسفار في الأسفار في تخريج ما في الإحياء من الأخبار) »، ئاتاقلىق ئىراقلىق مۇھەددىس زەينۇددىن ئەبۇلفەزل ئابدۇررەھىم ئىبنى ئەلھۈسەين ئەلئىراقىي (ھ. 725 – 806 / م. 1325 – 1403) تەرىپىدىن ئىمام غەززالىي (ھ. 450 – 505 / م. 1058 – 1111) نىڭ «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن»دىكى ھەدىسلەرنىڭ تەخرىجىگە دائىر يازغان ئەسىرىدۇر.

ساقلاش ۋە سەپەرلەردە كۆتۈرۈپ يۈرۈشكە ئەپلىك بولسۇن ئۈچۈن، بۇ ئەسىرىنى مۇشۇ ھەقتە يازغان چوڭ («ئىخبارۇل ئەھياﺋ») ۋە ئوتتۇرا ھەجىملىك («ئەلكەشفۇل مۇبىن») ئىككى ئەسىرىدىن ئىخچاملىغان بولۇپ، ھەدىسلەرنىڭ باش تەرىپىنى، راۋىيسى بولغان ساھابىنى ۋە ئۇ ھەدىس رىۋايەت قىلىنغان ھەدىس توپلاملىرىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە سەنەدلەرنىڭ سەھىھ ياكى زەئىفلىكىگە باھا بېرىپ ماڭىدۇ.

ھ. 790 / م. 1388 - يىلى رەبىيەلئەلۋۋەلنىڭ 12 - كۈنى تاماملانغان بۇ ئەسەر 4613 ھەدىسنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.