ئەلمۇغنىي (مەقدىسىي)

ئورنى Wikipedia
«كىتابۇل مۇغنىي»نىڭ ئەرەبچە نەشرى

ئەلمۇغنىي (المغني)؛ ھەنبەلىي فەقىھ ئىمام مۇۋەففەقۇددىن ئەبۇ مۇھەممەد ئابدۇللاھ ئىبنى ئەھمەد ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىي (ھ. 541 – 620 / م. 1146 – 1223) تەرىپىدىن ھەنبەلىي فەقىھ ئەبۇل قاسىم ئۆمەر ئىبنى ھۇسەين ئەلخۇرەقىي (ھ. ؟ – 334 / م. ؟ – 945) نىڭ ھەنبەلىي مەزھەب فىقھىنى ئىخچاملىغان قىممەتلىك ئەسىرى «ئەلمۇختەسەر»گە يېزىلغان شەرھتۇر.

مۇئەللىف بۇ بۈيۈك ئەسىرىدە ھەنبەلىي مەزھەب فىقھىنىلا ئەمەس، پۈتۈن مەزھەبلەر ۋە مۇجتەھىد ئىماملارنىڭ قاراشلىرى بويىچە ئىسلام فىقھىنى باشتىن - ئاخىر سېلىشتۇرما فىقھ ئاساسىدا بۆلۈم، باب، پەسل ۋە مەسىلىلەرگە ئايرىپ ئىنتايىن گۈزەل ئۇسلۇبتا قەلەمگە ئالغان بولۇپ، ئەھكاملارنى، مەزھەب ۋە قاراشلارنى، ئىجماﺋ ۋە ئىختىلاپلارنى، دەلىل ۋە ئاساسلارنى تولۇق ۋە ئىلمىي ئۇسۇلدا كەلتۈرۈشتە «ھەنبەلىي مەزھەب فىقھ ئېنسىكلوپېدىيەسى» بولۇپلا قالماي، بەلكى مۇكەممەل بىر «ئىسلام سېلىشتۇرما فىقھ ئېنسىكلوپېدىيەسى» ھېسابلىنىدۇ. 10 تومدا بېسىلغاندۇر.

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]