ئەلى تەنتاۋىي

ئورنى Wikipedia
ئەلى تەنتاۋىي
تۇغۇلۇشھ. 1327 / م. 1909
ۋاپاتىھ. 1420 / م. 1999


ئەلى تەنتاۋىي (عَلِيُّ الطَنطَاوي): شەيخ ئەلى ئىبنى مۇستافا ئىبنى مۇھەممەد ئەتتەنتاۋىي. (ھ. 1327 – 1420 / م. 1909 – 1999) «فەقىھلەرنىڭ ئەدىبى، ئەدىبلەرنىڭ فەقىھى» دەپ نام ئالغان سۈرىيەلىك فەقىھ، بۈيۈك ئەدىب ۋە قازى. XX ئەسىردىكى ئىسلام دەۋىتى ۋە ئەرەب ئەدەبىياتى ساھەسىدە تونۇلغان، «ئىسلام دىنىنى ئومۇمىي تونۇشتۇرۇش (تعريف عام بدين الإسلام)»، «تارىختىن قىسسىلەر (قصص من التاريخ)»، «ئىسلاھات يولىدا (في سبيل الإصلاح)»، «تەنتاۋىي خاتىرىلىرى (ذكريات الشيخ علي الطنطاوي)» (8 توم)، «تارىختىن ھېكايەتلەر (حكايات من التاريخ)» (بالىلار ئەدەبىياتى، 7 قىسىم) ۋە «تارىختىكى مەشھۇر كىشىلەر (أعلام التاريخ)» (7 قىسىم) قاتارلىق كۆپ ئەسەرلەرنى قالدۇرغان. ئۇنىڭ يەنە نۇرغۇن ماقالىلىرى، مىڭلىغان تېلېۋىزىيە ۋە رادىئو نۇتۇقلىرى، مەسجىد خۇتبىلىرى بار.