ئەمر ئىبنى ئاس

ئورنى Wikipedia

ھەزرىتى ئەمر ئىبنى ئاس (عَمْرُو بْنُ الْعَاصِ بْنِ وَائِلِ السَّهْمِي القُرَشِيُّ) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئەمر ئىبنى ئاس ئىبنى ۋائىل ئەسسەھمىي ئەلقۇرەشىي (ئەبۇ ئابدۇللاھ). (ھ. بۇرۇن 50 – ھ. 43 / م. 573 – 674) ئالاھىدە رەھبەرلىك تالانتىغا ئىگە ساھابە. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى قوشۇنلارغا قوماندان قىلىپ ئەۋەتكەن زات. پەلەستىن ۋە مىسىر زېمىنىنى فەتىھ قىلغان بۈيۈك ئىسلام قوماندانى. ھەزرىتى ئۆمەر ئۇنى«ئەرەبلەرنىڭ ئەرتەبۇنى» دەپ سۈپەتلىگەن.