ئەنئەنىۋى ئويۇن خوراز سوقۇشتۇرۇش

ئورنى Wikipedia

      خوراز سوقۇشتۇرۇش  ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قەدىمدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى ئويۇنلارنىڭ بىرى. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنداق ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە ئەنئەنىۋى ئويۇن تۈرلىرىمۇ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدىغان مۇھىم بايلىقتۇر. بۇ ئويۇن ئادەتتىكى كۈنلەردە ئوينىلىشتىن تاشقىرى مىللىي ئەنئەنىۋى بايراملاردىمۇ ئوينىلىدۇ.

    خوراز سوقۇشتۇرغۇچىلار ئاۋۋال سوقۇشقاق توخۇنىڭ نەسلىدىن چۈجە خوراز تاللايدۇ ۋە ئۇنى تۈجۈپىلەپ بېقىپ، ئاستا – ئاستا سوقۇشۇشنى ئۆگىتىدۇ. خەلق ئارىسىدا ‹‹كەپتەر بېسىپ چىقارغان چۈجە سوقۇشقاق بولىدۇ›› دەيدىغان قاراش بولغاچقا، بىر قىسىم توخۇۋازلار تۇخۇمنى كەپتەرگە بېسىپ چىقارتىپ، ئۇنى بېقىپ چوڭ قىلىدۇ. تۇرپان، پىچاننىڭ ‹‹لوڭ توخۇ›› دەپ ئاتىلىدىغان توخۇسىنىڭ خورىزى ناھايىتى داڭلىق، بۇنداق خورازلار تۇغما ئۇرۇشقاق كېلىدۇ. بۇ خورازلارنىڭ تاجىسى كىچىك، تۇمشۇقى بۈركۈتنىڭ تۇمشۇقىغا ئوخشاش ئىلمەك بولىدۇ. پۇتى توم، دۇكۈرۈكى چوڭ، كۆكرىكى كەڭ  بولۇپ، ئېگىزلىكى 50 – 60 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى  تۆت –  بەش كىلوگرام كېلىدۇ. شۇڭا شىنجاڭنىڭ جاي – جايلىرىدىكى توخۇۋازلار تۇرپان، پىچانغا كېلىپ، بۇنداق توخۇلارنىڭ چۈجىلىرىنى سېتىۋېلىپ، يۇرتلىرىغا ئاپىرىپ بېقىپ  سوقۇشتۇرۇشقا سالىدۇ.

    ئادەتتە، خوراز سوقۇشتۇرۇش ئۈچۈن يۇمىلاق، ئالاھىدە سورۇن تۈزۈلىدۇ. ئادەملەر سورۇننى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ تاماشا كۆرىدۇ. خورازلار مەيدانغا قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن سوقۇشتۇرۇش باشلىنىدۇ. ئادەتتە، ئىككى خورازنىڭ سوقۇشىشى قىسقا بولغاندا بىر نەچچە مىنۇتقىچە، ئۇزاق بولغاندا  ئۈچ – تۆت سائەتكىچە داۋاملىشىدۇ. ئاخىرى بەرداشلىق بېرەلمىگەن خوراز يا قاچىدۇ ياكى يېتىۋالىدۇ. بۇ يېڭىلگەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بەزى خورازلار يىقىلىپ ئۆلگەنگە قەدەر توختىماي سوقۇشىدۇ.[1]

  1. ئاپتۇر: ئۆمەرجان سىدىق؛ مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى؛ ۋاقىت: 2009- 04- 23 12:31؛ مۇھەررىر: قەيسەر؛ تور ئادىرسى: http://uy.ts.cn/wenhua/content/2009-04/23/content_183209.htm