ئەنئەنىۋى كىيىم ئىلغۇچ — سەجۇۋا

ئورنى Wikipedia

     سەجۇۋا ھازىرقى مېتال كىيىم ئىلغۇچىنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى شەكلى بولۇپ، ئۇيغۇرلار نەچچە ئون ئەسىر ئىلگىرىلا چىرايلىق، تۈز ئۆسكەن بوغۇمىدىن پۇتاق چىقىرىپ كۆپ شاخلىغان دەرەخ پۇتىقىنى كېسىۋېلىپ، ئۇنىڭ قوۋزاقلىرىنى ئېلىۋېتىپ سىلىقلاپ، چىرايلىق ئىشلەپ، كىيىم ئاسقۇ قىلغان. يەنى ئوتتۇرىدىن چىققان شاخنى ئۇزۇنراق، ئەتراپلىرىدىن چىققانلىرىنى سەل قىسقىراق قىلىپ تەييارلاپ، ئۇنى ئۆينىڭ لىم ياغىچىغا ئورنىتىپ قويسا، ناھايىتى چىرايلىق كىيىم ئىلغۇچ بولىدۇ.

   ھازىرقى كىيىم ئىلغۇچ دەل سەجۇۋىنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىسىدۇر. سەجۇۋىنىڭ ئىشلىتىلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەللىك، پاكىزلىق ئېڭىنىڭ نامايەندىسى، كىيىم– كېچەكلەرنى سەجۇۋىغا ئېلىپ ساقلىغاندا پاكىز، رەتلىك ساقلىغىلى بولىدۇ. ئۇيغۇرلار ناھايىتى بۇرۇنلا سەجۇۋىنىڭ رولىدىن ياخشى پايدىلانغان. سەجۇۋا ھازىرمۇ يېزا– قىشلاقلاردا تېگىشلىك ئورۇندا ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە.[1]

  1. مۇھەررىر : قەيـسەر؛ مەنبە: قەشقەر گېزىتى؛ ئىككىنچى مەنبە: تەڭرىتاغ تورى؛ ۋاقىت: 2009- 01- 22 18:22؛ تور ئادىرسى: http://uy.ts.cn/wenhua/content/2009-01/22/content_147041.htm