ئەنۋەر مۇسا

ئورنى Wikipedia

ئەنۋەر مۇسا، 1983 – يىلى 7 – ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ بىئولوگىيە فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1983 – يىلىدىن 1997 – يىلى 10 – ئايغىچە ئورمانچىلىق نازارىتى تەبىئەتنى قوغداش ئىشخانىسىدا ئىشلىگەن. 1997 – يىلى 11 – ئايدىن باشلاپ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى يوقىلىش گىردابىدىكى جانلىقلار تۈرى ئىمپورت – ئېكىسپورتىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى ئۈرۈمچى ئىش باشقارمىسىدا دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىر ، ئالىي ئىنژېنېر بولۇپ ئىشلىمەكتە . ئۇ خىزمەتكە قاتناشقاندىن بۇيان ئىزچىل تۈردە تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونلارنى باشقۇرۇش ، ياۋايى ھايۋانلار، ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش ۋە يوقىلىش گىردابىدىكى جانلىقلار تۈرى ئىمپورت – ئېكىسپورتىنى باشقۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. شۇنداقلا يەنە بەزى تەتقىقات تۈرلىرىگە، كۆپلىگەن ئىلمىي تەكشۈرۈشكە قاتناشقان. 30 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان. ‹‹شىنجاڭنىڭ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرى›› دېگەن كىتابنى تۈزۈشكە قاتناشقان . تۆت تۈردە ئۆلكە، مىنىستىرلىك دەرىجىلىك پەن – تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پەن – تېخنىكا جەمئىيىتى 5 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. ھازىر غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايون ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ھايۋانلار ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، شىنجاڭ ئېكولوگىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي كېڭەش ئەزاسى، شىنجاڭ جۇغراپىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى، جۇڭگو ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش جەمئىيىتى تۇرنىلار بىرلەشمە قوغداش كومىتېتىنىڭ كاتىپى، ئۇ ئىككى قېتىم ئاپتونوم رايونلۇق پەن – تېخنىكا جەمئىيىتى تەرىپىدىن ‹‹ئىلغار خىزمەتچى››، بىر قېتىم ئاپتونوم رايونلۇق پەن – تېخنىكا جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئاپتونوم رايون بويىچە ‹‹پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخس›› بولۇپ باھالانغان.[1]

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. ئەنۋەر مۇسا, ‹‹شىنجاڭدىكى ئەتىۋارلىق ياۋايى ھايۋانلار››