ئەنۋەر ھامۇت

ئورنى Wikipedia

پرافېسسور، دوكتور، دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ئەنۋەر ھامۇت 1952-يىلى 6-ئايدا ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 1960-يىلى 9-ئايدىن 1969-يىلى 7-ئايغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 32-باشلانغۇچ مەكتەپتە، 1969-يىلى 9-ئايدىن 1971-يىلى 2-ئايغىچە ئۈرۈمچى تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇغان.

ئەنۋەر ھامۇت 1971-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا خىزمەتكە قاتناشقان بولۇپ، توقسۇن ناھىيە ئاۋانگارت (ھازىرقى غولبويى) يېزىسىنىڭ تەرجىمانى، ئاپتونوم رايونلۇق يەر تەۋرەش ئىدارىسى ئالدىن مەلۇمات بېرىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، ئاخبارات تەتقىقات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئىدارىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، سابىق شىنجاڭ سانائەت ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مۇدىرى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆتىگەن. 2000-يىلىنىڭ ئاخىرىدا سانائەت ئىنستىتۇتى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىمەكتە.

دوكتور ئەنۋەر ھامۇت 1977-يىلى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يەر شارى فىزىكىسى فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1992-يىلى 9-ئايدا ۋە 2004-يىلى 10-ئايدىن 11-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئامېرىكا سېنتېنارى ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىنستىتۇتى ۋە ئامېرىكا كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىلىم ئاشۇرغان. ئەنۋەر ھامۇت ئالىي مەكتەپلەردە رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىش جەريانىدا، بىر تەرەپتىن ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچ چىقارسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىزچىل ماگىستىر ۋە دوكتور ئاسپىرانتلارغا دەرس ئۆتۈپ ۋە ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى بىلەنمۇ ھارماي شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. ئۇ 20-ئەسرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ يەر تەۋرەشتىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش بويىچە ئۇلۇغچات ناھىيىسىدىكى 6.8 بال يەر تەۋرەشتىن ئالدىن مەلۇمات بېرىپ، دۆلەت، ئۆلكە مىنىستىرلىك دەرىجىلىك ئىككىنچى دەرىجىلىك ئىلگىرىلەش مۇكاپاتىغا، يەنە بىر تۈردە ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «نېفىت ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى»، «رەھبەرلىك ئىلمىدىن قىسقىچە بايان» ناملىق كىتابلىرىنى نەشر قىلدۇرۇپ زور تەسىر پەيدا قىلدى. شۇنداقلا ھەرقايسى نوپۇزلۇق ئىلمىي ژۇرناللاردا «نېفىت مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە سىياسىيغا بولغان تەسىرى توغرىسىدا»، «ئۇئارنىڭ ئەۋزەل بايلىقلىرىنىڭ ئۈنۈمى توغرىسىدا مۇھاكىمە»، «غەربىي رايونلارنى ئېچىش ۋە ئۇئارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ھەققىدە تەتقىقات»، «ئۇئارنىڭ غەربىي رايونلارنى ئېچىش جەريانىدىكى ئەۋزەللىكلىرى ۋە چەكلەش ئامىللىرى ئۈستىدە تەتقىقات» قاتارلىق 22 پارچە ئىلمىي ماقالىسىنى يېزىپ كەسپداشلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن.

ئۇ ھازىر جۇڭگو باشقۇرۇش پەنلىرى ئاكادېمىيىسىنىڭ ئۆمۈرلۈك ئاكادېمىكى، رۇسىيە ئالتاي چېگرا رايونى دۆلەتلىك سانائەت ئىنستىتۇتىنىڭ پەخرىي دوكتورى، قازاقىستان شەرق سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، جۇڭگو خەلقئارالىق مائارىپ ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى، ش ئۇئار خەلقئارالىق ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەركىزىنىڭ كېڭەش ئەزاسى، 2002-يىللىق خەلقئارالىق تىنچ ئوكيان مۇھىتىنى يىراقتىن تەكشۈرۈپ پەرق ئېتىش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ پەخرىي مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنىمۇ قوشۇمچە ئۆتىمەكتە.