ئەن لۇشەن -شى سىمىڭ قوزغىلىڭى

ئورنى Wikipedia

ئەن لۇشەن -شى سىمىڭ قوزغىلىڭى ۋە ئۇيغۇرلار

تاڭ سۇلالىسىنىڭ كۇچ-قۇدرىتى 8-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ،ئىقتىسادى، ئىجتىمائى، ۋە سىياسى جەھەتلەردە مەيدانغا كەلگەن ئوبىكتىپ يۆنىلىشلەر نەتىجىسدە خېلىلا ئاجىزلاشقانىدى. بۇنىڭغا تاڭ ئوردىسىدا يۇز بەرگەن جېدەل -ماجرالارمۇ تەسىر كۆرسەتكەنىدى. بۇ ئىشلار ئەن لۇشەن -شى سىمىڭ قوزغىلىڭى (755-762-يىللىرى)غا ئېلىپ كەلدى. بۇ ۋەقەلەر ئۆز نۆۋىتىدە جۇڭگونىڭ .ئىجتىمائى ھاياتىدىكى كېيىنكى ئۆزگۇرۇشلەرگە تۇرتكە بولدى.

يىغنچاقلىغاندا،بۇ ۋەقە تۆۋەندىكى جەريانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى؛ «.....755-يىلىنىڭ ئاخىرى ، جۇڭگونىڭ شەرقى شىمالى ئۆلكىسىنىڭ كۈچلۇك ۋالىيسى ئەن لۇشەن ئىسيان كۆتەردى. ئۇنىڭ 160مىڭ ئەسكىرى خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىغا قاتتىق كەلگەن كەلكۇندەكلا باستۇرۇپ كىردى. بۇ يەردىكى پايتەخىتلەر قارشىلىق كۇرسۇتۇشكە ئۇلگۇرمەيلا قولدىن كەتتى. پادىشاھ شۇەنزۇڭ سىچۇەنگە قاچتى. ئالتە يىلغىچە سوزۇلغان قاتتق ئۇرۇشتىن كېيىن ، شۇەنزۇڭنىڭ ۋارىسى سۇزۇڭ (756-762-يىللىرى) ئسيانچىلارنى بېسىقتۇردى. لېكىن يوشۇرۇن كۇچلەر يەنىلا مەۋجۇت ئىدى».(كريۇكوف،مالياۋكىن،سورۇنوفلارنىڭ 1984-يىلى نەشىر قىلغان ئەسەرلىرى)

ئۇيغۇرلارمۇ مۇشۇ ۋەقەگە جەلىپ قىلىندى.ئەن لۇشەن قوزغىلىڭى يۇز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي (755-يىلنىڭ ئاخىرى)،تاڭ سۇلالىسنىڭ پادىشاھى سۇزۇڭ ئۇيغۇر قاغانلىقىغا ئەلچى ئەۋەتتى . ئۇيغۇر قاغانى ئۆزى 4000كىشلىك ئاتلىق قوشۇن باشلاپ كېلىپ ، تاڭ سولالىسى قوشونى بىلەن بىرگە ئەن لۇشەن قوزغىلىڭىنى قوللاپ ياردەم بېرىۋاتقان قەبىلىلەرگە ،جۇملىدىن تۇركى قەبىلىلەرگە زەربە بەردى.ھەل قىلغۇچ جەڭ خۇاڭخى دەرياسىنىڭ يويلىرىدا بولدى. ئۇيغۇرلار تولۇق غەلبە قازاندى.كېيىن ئۇيغۇلار تاڭ پادىشاھلىقىغا بېسىپ كىردى.(ن.يا.بىچۇرىن «قەدىمقى زامانلاردا ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان خەلىقلەر توغىرسىدىكى مەلۇماتلار توپلىمى» ،1-توم309-312-بەتلەر )

ئويغۇرلار 757-يىلى لوياڭنى قولغا چۇشۇردى.كېيىن چاڭئەننى بېسىۋالدى. ئۇيغۇر ئەسكەرلىرى چوڭ بايلارنىڭ ئۆيلىرىگە ، بۇ شەھەردىكى چوڭ دۇكانلارغا ۋە شەھەر ئەتراپىدىكى يېزىلارغا باستۇرۇپ كىردى. جۇڭگو يىلنامىسىنى يازغۇچىلار : « شۇ چاغدا ،خەقتىن تارتىۋىلىنغان بويۇملار سان ساناقسىزدۇر » دەپ يازغانىدى. بۇ پايتەختلەرنىڭ بىرسدە بۇ خىل تەرتىپسىزلىك ئۇچ كۇنگىچە سوزۇلغان. شەھەر ئاقساقاللىرى ئۇيغۇر ئەسكەرلەرگە مۇراجىئەت قىلىپ ، تەرتىپسىزلىك توختىتىلسا ، سىلەرگە لازىم بولىدىغان يىپەك رەختلەرنى بىز بەرسەك دەپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى سوۋغا قىلغان.757-يىل 12-ئاينىڭ 30- كۇنى ،تاڭ پادىشاھە پەرمان چىقىرىپ ،«ئۇيغۇر قاغاننىڭ ئوغلى (ئەسلى تېكىستتە يابغۇ دەپ ئېلىنغان) دولەتنى قۇتقۇزۇش مەقسىتىدە يىراق ئەلدىن كەلگەن ، ئۇنىڭ بىزگە قىلغان خەيرىخاھلىقى قەدىمقى ۋە بۇگۇنكى تارىختا كۆرۇلۇپ باقمىغان....ئۇنىڭ قابىلىيىتى 10مىڭ ئادەمىنىڭ قابىلىيىتىگە باراۋەر» دەپ باھا بەرگەن. پادىشاھ (ئۇنىڭغا ۋە قول ئاسىتىدىكىلەرگە ) قىممەت باھالىق سوۋغا تەغدىم قىلغان. ئەڭ ئالىي قوماندان ئۇنۋانىنى بەرگەن. يەنە ھەريىلى ئۇيغۇر قاغانلىقىغا 20 مىڭ توپ يىپەك رەخىت بېرىپ تۇرۇشنى بەلگىلىگەن.(س.ماككېراس: 744-840-يىللاردىكى ئۇيغۇر ئىمپىرىيەسى 7-17-بەتلەر، كانبېررا ،1968-يىل) سۇزۇڭ خان قاغاننى ئۆزىگە جەلىپ قىلىش ئۇچۇن ،تاڭ ئۋردىسىدىكى بىر مەلىكىنى قاغاننىڭ نىكاھىغا بەرگەن ۋە مەلىكىگە قوشۇپ ئالتۇن -كۇمۇشتىن ياسالغان نۇرغۇن زىبۇ -زىننەت بۇيۇمىلىرىنى ،تاۋار دۇردۇنلاردىن تىكىلگەن ھەرخىل كىيىملەرنى سوۋغا قىلغان. ،مەلىكىنى باشلاپ سوۋغا -سالاملار بىلەن كەلگەنلەر ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ ئوردىسىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن ، ئىككىنچى كۇنى چوڭ توي قىلىپ ،جوڭگو مەلىكىسى ئۇيغۇر قاغاننىڭ خوتۇنى قىلىپ نىكاھىغا بېرىلدى ،دەپ جاكارلانغان. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي مويۇنچۇر قاغان ئالەمدىن ئۆتتى.(759-يىلى). ( س.ماككېراس: « 744-840-يىللاردىكى ئۇيغۇر ئىمپىرىيەسى » 15-25-بەتلەر)

قاغان مويۇنچۇرنىڭ يابغۇ ئۇنۋانىدىكى چوڭ ئوغلى دولەت ئالدىدا قانداقتۇر بىر چوڭ جىنايەت ئۆتكۇزگەچكە ، ئۇلۇمگە ھۆكۇم قىلىنغانىدى. شۇڭا قاغانلىق تەختىگە ئۇنىڭ ئىككىنچى ئوغلى بىلگە تارخان چىقتى(جۇڭگو مەنبەلىرىدە بۇ قاغان ئىدىگەن مۇيۇن قاغان دەپ كۆرسۇتۇلگەن) ئۇ قاغانلىق تەختىدە 20يىل ئولتۇردى. (759-779-يىللىرى) ( س.گ.كىلياشتۇرنىينىڭ 1980-يىلى نەشىر قىلغان ئەسىرى.) ئۇنىڭ ئۇنۋانلىرىدىن بىرسى «تەڭرىنىڭ ھۆرمىتىگە ئىگە بولغان ، دۇلەتنى ئىدارە قىلغۇچى قەھرىمان شانۇ شەۋكەتلىك دانىشمەن قاغان» ئىدى.

ئىدگەن مۇيۇن قاغان (بۆگۇ قاغان) تەخىتتە ئولتۇرغان مەزگىللەر ئۇيغۇرلارنىڭ كۇچ-قۇدرىنى ۋە شان -شۇھرىتى ناھايىتى يۇقىرى پەللىگە كۆتۇرۇلگەن مەزگىللەر ئىدى. بۇ دەۋىر ، تاڭ پادىشاھلىقى دائىردىسدە جۇڭگۇ يىلنامىسىنى پۇتكۇچىلەرنىڭ سۆزى بويىچە «قالايىقانچىلىق ھۆكۇم سۇرگەن »دەۋر ئىدى. تاڭ ھۆكۇمرانلىرى ئۆز پادىشاھلىقىنى تەرتىپكە سېلىش ئۇچۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ياردەم بېرىشىگە ئىنتىلەتتى . ئۇيغۇرلارنىڭ ياردەم كۆرسىتىشى ئۇچۇن، بىر قانچەمىڭ توپ يىپەك رەخت ۋە يىپەك بېرىشكە ۋەدە قىلغانىدى. ئۇيغۇرلار بېسىۋېلىش يولىنى تۇتۇپ ،يول ئۇستىدىكى شەھەر ۋە يېزىلارنى ۋەيران قىلىپ ماڭدى. ئۇ جايدىكى ئاھالىلەر پىتراپ كەتتى. ئىبادەتخانىلارغا ئوت قويۇپ ،ئۇنىڭغا يوشۇرنىۋالغانلارنى غەرق قىلىدى. ئاھالىلەر ئۇيغۇر قوشۇنىنى كۆرسىلا قورقۇنچ پەيدا بولىدىغان بولدى.

ئۇيغۇرلار 762-يىلى 2-قېتىم لوياڭ شەھرىنى،يەنى شەرقى ئاستانىنى بېسىۋالدى. شۇ چاغلاردا شەھەردە بىر مىليونچە خەلق ياشايتتى . شەھەر بۇلاڭ تالاڭغا ئۇچراپ ،ئۆيلەر ۋەيران قىلىندى. شەھەر ئاھالىسى شۇنچىلىك كەمبەغەللىشىپ كەتتىكى ،ھەتتا قەغەزدىن كىيىم تىكىپ كىيىدىغان ھالغا كېلىپ قالغان. ( س.ماككېراس: « 744-840-يىللاردىكى ئۇيغۇر ئىمپىرىيەسى »26-41-بەتلەر)

تاڭ پادىشاھلىقىنىڭ يېڭى پادىشاھى دەيزۇڭ (762-799-يىللىرى) تەخىتكە چىققاندا ،ئالدىنقىلاردىن قالغىنى جۇڭگونىڭ يۇقىرقىدەك خاراپ ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن مۇرەككەپ مۇناسىۋەت بولدى. پادىشاھ دەيزۇڭ قاغان ئىدىگەن مۇيۇنغا بەك يېقىنچىلىق قىلاتتى . ئۇنى ئۆزىنىڭ ئۇكىسى دەپ يۇرەتتى. قىسقىسى ،تاڭ ئوردىسى ئەن لۇشەن ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرىنىڭ قوزغۇلۇڭىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ياردىمى بىلەن تىنجىتتى. ئەمدىلىكتە تاڭ ئوردىسى ئالدىدا قانچىلىك بەدەل كەتسىمۇ ،بۇ ئۇيغۇر قوشۇنلىرىنى تاڭ پادىشاھلىقىدىن چىقىرۋېتىشتىن ئىبارەت ئېغىر ۋەزىپە تۇراتتى . قاغان ۋە ئۇنىڭ خاتۇنىگە قىممەتلىك سوۋغىلار بېرىلگەندىن باشقا ،سەركەردىلەرگىمۇ تۇرلۇك ھۆرمەت ناملىرى بېرىلدى. 763-يىلى باھاردا ،ئۇيغۇرلار تاڭ سولالىسى دائىرىسىنى تاشلاپ چىقىپ كەتتى. ( س.ماككېراس: « 744-840-يىللاردىكى ئۇيغۇر ئىمپىرىيەسى »26-41-بەتلەر)

ئۇيغۇر قاغانى قايتىپ كېتىۋېتىپ قاغاننىڭ چېگرىسغا كەلگەندە سوغدى ۋە رۇنىك يېزىقىدا يېزىلغان چوڭ ئابىدە ئورناتتى.( بو ئابىدە «سېرۋىي يادىكارلىقى» دەپ ئاتىلىدۇ.)

مەنبە:

قازاقىستان پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى تۇزگەن «ئۇيغۇرلار ۋە غەربى يۇرتتىكى باشقا تۇركى خەلىقلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى» دىن ئېلىندى.