ئەينەك

ئورنى Wikipedia

ئەينەكنىڭ ئاساسلىق ماتېرىيالى كۋارتىس ، ساپ ئىشقار ، ھاك تېشى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت . ئەينەك ياسىغاندا ، ئالدى بىلەن بۇ خام ماتېرىياللارنى يۇقىرى تېمپۇراتۇرىدا ئېرىتىپ ، سۇيۇق ھالەتتىكى « ئەينەك » ياسىلىدۇ .ئەينەك سۈزۈك بولغان، زىچلىقى ۋە قاتتىقلىقى يۇقىرى بولغان، ھاۋا ئۆتمەيدىغان ماددا. ئەينەكنىڭ خىمىيىۋىلىك ئاكتىپلىقى تۆۋەن بولىدۇ، شۇ سەۋەبتىن جىق يەرلەرگە ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئەينەكنىڭ تەركىبى ئاساسى جەھەتتىن SiO2 دىن بولغان.

ئەينەك ئىستاكان

ئەينەكنىڭ ياسىلىش جەريانى[تەھرىرلەش]

ئەينەك بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا دائىم ئۇچرايدۇ. مەسلەن : ئەينەك بوتۇلكا ، دېرىزە قاتارلىقلار.

ئەينەكنىڭ ئاساسلىق ماتېرىيالى كۋارتىس، ساپ ئىشقار، ھاك تېشى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئەينەك ياسىغاندا، ئالدى بىلەن بۇ خام ماتېرىياللارنى يۇقىرى تېمپۇراتۇرىدا ئېرىتىپ، سۇيۇق ھالەتتىكى «ئەينەك» ياسىلىدۇ. ئاندىن بۇ ھەم قىزىق، ھەم يۇمشاق « ئەينەك » سۇيۇق ھالەتتىكى قەلەي قاچىلانغان قېلىپقا سېلىپ سوزۇلىدۇ. ئاخىرىدا «ئەينەك» سىلىقلاش ئارقىلىق تاختا ئەينەككە ئايلاندۇرىدۇ. ھازىر كىشىلەر يەنە تۆۋەن تېمپىراتۇرىلىق خىمىيىلىك ئەينەك سىنتېزلاش ئۇسۇلىنى كەشىپ قىلىدى. بۇ خىل ئۇسۇلدا، يۇقىرى تېمپۇراتۇرا تەلەپ قىلىنمايدۇ. يەنە ئېنېرگىينى تېجەپ، تەننەرخىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

ئورگانىك ئەينەك ۋە ئاددىي ئەينەك[تەھرىرلەش]

ئورگانىك ئەينەك بىلەن ئادەتتىكى ئەينەك بىر تۈرگە تەۋە ئەمەس. ئادەتتىكى ئەينەكنىڭ ماتېرىيالى سىلىفات تۇزلىرى، ئورگانىك ئەينەكنىڭ تۈرلىرى بولسا ئاتسىتون، مېتىل ئىسپىرتى، سۇلفات كىسلاتاسى، ناترىي سىيانتتىن ئىبارەت. ئورگانىك ئەينەكنىڭ خىمىيىۋى نامى پولى مېتىل ئاكرىلات ، ئۇ سۇنئىي سىنتىزلانغان بىر خىل يۇقىرى مولىكولالىق بىرىكمە، ئۇنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى پارقىراق، سۈزۈك بولۇپ، ئەينەككە ئوخشىغىنى ئۈچۈن ئورگانىك ئەينەك، دەپ ئاتالغان .

ئورگانىك ئەينەكنىڭ سۈزۈكلۈكى ناھايىتى يۇقىرى، ئادەتتىكى ئەينەكنىڭ قېلىنلىقى 15 سانتىمېتىردىن ئېشىپ كەتكەندە، ئۇنىڭ ئارقىسىدا تۇرغان نەرسىلەرى ئېنىق كۆرگىلى بولمايدۇ، لېكىن، قېلىنلىقى بىر مېتىردىن ئاشىدىغان ئورگانىك ئەينەكنىڭ ئارقىسىدا تۇرغان نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرگىلى بولمايدۇ.

ئۇنىڭ نۇر ئۆتكۈزۈشىمۇ ياخشى، ھەتتا ئۇلترا بىنەپشە نۇرلامۇ ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭدىن ئوپتىك ئەسۋابلار ياسىلىدۇ. 

ئورگانىك ئەينەكنىڭ ئىلاستىك خۇسۇسيىتىمۇ ياخشى، ئۇنى باشىقا ئەينەكلەرگە سېلشتۇرغىلى بولمايدۇ، مەسىلەن، رىئاكتىپ ئايروپىلانلار بۇلۇتلار ئارىسىدا ناھايىتى تېز سۈرئەت بىلەن ئۇچقاندا قاتتىق سىلكىنىش، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ھەم ھاۋا ئېقىمىنىڭ بىسىمى قاتارلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ. بۇ ئايروپىلان كابىنكىسى ئۈچۈن قاتتىق سىناق، پەقەت ئورگانىك ئەينەكلەر شۇنداق خىلمۇ-خىل سىناقلارغا بەرداشلىق بىرەلەيدۇ، ئەگەر كۈرەشچى ئايرۇپىلان دۇشمەن ئايروپىلانى بىلەن ئۇرۇش قىلغاندا، ئورگانىك ئەينەك دۇشمەن ئوقى تەرىپىدىن تېشىۋىتىلگەن تەغدىردىمۇ، پەقەن كىچىككىنە بىر تۆشۈك ئېچىلىدۇ، پۈتۈن ئەينەك چىقىلىپ كەتمەيدۇ، شۇنداق قىلىپ ئەينەك پارچىلىرىنىڭ ئادەم بەدىنىگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.

ئورگانىك ئەينەكلەرنىڭ كىشىنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇرىدىغان يەنە بىر ئالاھىدە خۇسۇسيىتى ئەگرە بولسىمۇ نۇرنى ئۆتكۈزۈۋىرىدۇ. ئېگلىگەن ئورگانىك ئەينەك تاياق پەقەت ئېگىلىش بۇلۇڭى 48 گرادۇستىن ئېشىپ كەتمىسىلا، نۇر شۇ ئەگرىنى بويلاپ خۇددى تۇربىدىن سۇ ماڭغاندەك ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ. كىشىلەر ئۇنىڭ بۇ خۇسۇسيىتىدىن پايدىلىنىپ، مىدىتسىنادا ئىشلىتىدىغان ئەسۋابلارنى ئىشلەپچىقىرىپ، تاشقى كېسەللىكلەر ئوپراتسىيەسى ئۈچۈن قولايلىق يارىتىپ بەرگەن. 

ئورگانىك ئەينەكلەر ئىسسىقلىق تەسىرىدە ئېلاستىك ھالەتكە ئۆتەلەيدىغان خۇسۇسيەتكە ئىگە، ئۇ قىزدۇرغاندن كىيىن ھەرخىل شەكىلگە كىرىدۇ. ئوخشىمىغان تەلەپلەرنى قاندۇرىدۇ.

ئورگانىك ئەينەكلەرنىڭ خىمىيىۋى خۇسۇسيىتىمۇ تۇراقلىق، شۇڭا ئوخشىمىغان تەلەپلەرگە ئاساسەن، ماتىرىياللارغا ھەرخىل بوياقلارنى قوشۇپ قىزىل، يىشىل، كۆك، بىنەپشە رەڭلىك خىلمۇخىل ئەينەكلەرنى ئىشلىگىلى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىشلىتىش ساھەلىرى تېخىمۇ كەڭ.

ئەينەك سۈزۈك بولغان، زىچلىقى ۋە قاتتىقلىقى يۇقىرى بولغان، ھاۋا ئۆتمەيدىغان ماددا. ئەينەكنىڭ خىمىيىۋىلىك ئاكتىپلىقى تۆۋەن بولىدۇ، شۇ سەۋەبتىن جىق يەرلەرگە ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئەينەكنىڭ تەركىبى ئاساسى جەھەتتىن SiO2 دىن بولغان.

مۇناسىۋەتلىك چۈشەندۈرۈشلەر[تەھرىرلەش]

ھازىر تاختا ئەينەك ، پولات ئەينەك ، قىستۇرما قەۋەتلىك ئەينەك ، ئوپتىك ئەينەك ، رەڭلىك ئەينەك ، پارقىراق ئەينەك، قاچا - قۇچا ، ئىدىش، يورۇتۇشقا ئىشلىتىدىغان ئەينەك قاتارلىقلار كۆپرەك ئىشلىتىلمەكتە . يېقىندىن بىرى ئەينەك ، توقۇمچىلىق ماتىرىياللىرى ، ئەينەك پولات قاتارلىق يېڭى سورتلار ئىشلەپچىقىرىلدى .