ئەپراسىياپ

ئورنى Wikipedia

بۇرۇنقى زاماندا ئاپراسىياپ دېگەن بىر كىشى ئۆتكەنىكەن. ئۇ ئىنتايىن باتۇر ۋە زېرەك بولغاچقا، تۈرك قەبىلىسىنىڭ خاقانى دەپ كىشىلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىپتۇ.

ئاپراسىياپنىڭ دەۋرىدە، كىشىلەر تېخى بىرەر جەمەتكە ئۇيۇشمىغان، ئۆي سېلىپ ماكان تۇتمىغان، ھۈنەر قىلىپ تىجارەت باشلىمىغان، يەر تېرىش، چارۋا بېقىش دېگەنلەرنى، ئوت يېقىپ گۆش پىشۇرۇشنى، كىيىم تىكىپ بەدەنلىرىنى يېپىپ يۈرۈشنى بىلمەيدىكەن. ئاپراسىياپ پادىشاھ بولۇشتىن بۇرۇن نۇرغۇن يەرلەرنى كېزىپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپتۇ. ئۇ ئۆز قەلىبداشلىرىنى قايسى يول بىلەن ئىتتىپاقلاشتۇرغىلى بولىدىغانلىقى، ئۇلارنى بىرەر جەمەتنىڭ بايرىقى ئاستىغا توپلاپ، ئادەمچە ياشاش يولىغا سالغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە باش قاتۇرۇپتۇ.

ئاپراسىياپ ئويلىغانلىرىنى رېئالىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئالدىدا ئوردا ياسىتىپ، ئۇ يەرگە شاھلىق تەختىنى تىكلەپتۇ ۋە بۇ شەھەرنى «خان ئۆيى» دەپ ئاتاپتۇ.

ئۇ توققۇز ئوغۇل ۋە توققۇز قىزى ئۈچۈن ئايرىم - ئايرىم ئون سەككىز شەھەر بىنا قىپتۇ. بۇلاردىن تارىختا نامى مەشھۇر بولغانلىرى قەشقەر، يەكەن، خوتەن، چىن ماچىن، قوستەنسىيە، دەقيانۇس، بارچۇق، كۇچا، بالاساغۇن، تۇرپان، قۇمۇل، غۇلجا، ئالتاي قاتارلىق شەھەرلەر ئىكەن. ئاپراسىياپنىڭ پەرزەنتلىرى بۇ شەھەرلەرگە ئۇزۇن مۇددەتلەرگىچە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئۆتۈپتۇ. ئاپراسىياپ پادىشاھلىق تەختىدە دەۋران سۈرۈۋاتقان چاغلاردا كىشىلەر يىراق - يېقىنلارغا چېچىلىپ كەتمەي يەر تېرىشنى بىلىدىغانلىرى دېھقانچىلىق بىلەن، قوي بېقىشنى بىلىدىغانلىرى چارۋىچىلىق بىلەن، باغۋەنلەر باغۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپتۇ. پۇقرالار بىلەلمىگەننى ئاپراسىياپ ئۆگىتىپتۇ.

ئاللا ئاپراسىياپنىڭ كۆڭلىگە يەتمىش ئىككى خىل ھۈنەرنىڭ سىرىنى سالغانىكەن، بۇلاردىن يەتمىش خىلىنى پۇقرالارغا ئۆگىتىپ، ئىككى خىل ھۈنەرنى ئېھتىيات ئۈچۈن ئۆگەتمەي قويغانىكەن. چۈنكى بۇ ئىككى خىل ھۈنەرنى ئۆگىتىۋەتسە، پادىشاھ بىلەن خەلقنىڭ پەرقى بولمايدىكەن. ئاپراسىياپ پەرزەنتلىرى ۋە پۇقرالىرىغا ئۆگەتكەن ھۈنەرنىڭ ئەڭ داڭلىقلىرى مۇنۇلار ئىكەن: دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك، قوغۇن تېرىش، سەۋزە - چامغۇر تېرىش، ئۆي سېلىش، ئوت يېقىش، قوي سويۇش، كاۋاپ پىشۇرۇش، تۇز يېيىش، ئات مىنىش، ئوقيا ئېتىش، تۆمۈرچىلىك، تىككۈچىلىك، گىلەمچىلىك، پىلە بېقىش، يىپەك توقۇش، كىگىزچىلىك، كۆنچىلىك، قۇدۇق - كارىز كولاش، بۆشۈك ياساش، توقۇمىچىلىق، ياغاچچىلىق، نەققاشلىق، تاشچىلىق، تۈگمەنچىلىك قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

ئاپراسىياپ ئۇزۇن يىل ئۆمۈر كۆرۈپ سەلتەنەت سۈرۈپ، يەتتە ئىقلىمنى بەخىرامان سوراپ، دوستلىرىنى كۈلدۈرۈپ، دۈشمەنلىرىنى قان قۇستۇرۇپ ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ.

ئاپراسىياپنىڭ شانۇ شۆھرىتىنىڭ ئۇلۇغلۇقى تۈپەيلىدىن ئون سەككىز شەھەر خەلقى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد مەمۇرىچىلىق، تنچ - خاتىرجەم، ئاسايىشلىقتا تۇرمۇش كەچۈرۈپ ئۆتكەنىكەن.

ئەپراسىياپنىڭ بەزى كىتاپلاردىكى ئىسمى:ئالپ ئەرتۇڭا

مەنبە: ئۇيغۇر ئەپسانە -رىۋايەتلىرى