ئەڭ يىراققا ئۇچىدىغان بېلىق

ئورنى Wikipedia
ئەڭ يىراققا ئۇچىدىغان بېلىق

ئۇچار بېلىق سەل ئۇزۇنراق بولۇپ، سېلىندىر شەكلىگە ئوخشاپراق كېتىدۇ. رەڭگى كوكۇمتول بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 20 30 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ كۆكرەك ئۈزگۈچ قانىتى، خۇددى قۇشلارنىڭ قانتىغا ئوخشاش ئالاھىدە زور بولىدۇ؛ قورساق ئۈزگۈز قانىتى زور بولۇپ، لەيلەپ ئۇچۇشقا ياردەم بېرىدۇ. قۇيرۇق ئۈزگۈچ قانىتى ئاچا بولۇپ، تۆۋەن قىسمى يۇقۇرقى قىسمىدىن ئۇزۇنراق بولىدۇ.

ئەڭ يىراققا ئۇچىدىغان بېلىق[تەھرىرلەش]

ئۇچالايدىغان بېلىقلار ئىچىدە ئۇچار بېلىقنىڭ ئۇچۇش قابىلىيىتى ناھايىتى ئۈستۈن، ئۇ ئەڭ يىراققا ئۇچۇپ بارالايدۇ. بەزىلەر ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئىسىق بەلۋاغ قىسىمىدا ئۇچار بېلىقنىڭ 90 سىكونت ئىچىدە 11 مېتىر ئېگىزلىكتە 1000 مېتىردىن كۆپرەك ئۇچقانلىقىنى مۆلچەرلىگەن. لېكىن بېلىقنىڭ ئۇچۇشى، ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، بىرخىل لەيلەپ ئۇچۇش ھېسابلىنىدۇ.

ئۇچار بېلىق ھەققىدە[تەھرىرلەش]

ئۇچار بېلىق سەل ئۇزۇنراق بولۇپ، سېلىندىر شەكلىگە ئوخشاپراق كېتىدۇ. رەڭگى كوكۇمتول بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 20 30 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ كۆكرەك ئۈزگۈچ قانىتى، خۇددى قۇشلارنىڭ قانتىغا ئوخشاش ئالاھىدە زور بولىدۇ؛ قورساق ئۈزگۈز قانىتى زور بولۇپ، لەيلەپ ئۇچۇشقا ياردەم بېرىدۇ. قۇيرۇق ئۈزگۈچ قانىتى ئاچا بولۇپ، تۆۋەن قىسمى يۇقۇرقى قىسمىدىن ئۇزۇنراق بولىدۇ. ئۇ مۇنداق ئۇچىدۇ: ئۇچار بېلىق سۇ يۈزىگە يېقىنلاشقاندا قۇيرۇق ئۇچقۇچ قانىتى ئوڭ-سولغا جىددىي تەۋرىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن گەۋدىسى تېز ئىلگىرى سىلجىپ، قۇدرەتلىك ئىمپۇلىسلىق كۈچ ھاسىل قىلىدۇ. ئاندىن بىردىنلا سۇ ئۈستىگە سەكرەپ چىقىپ، كۆكرەك ئۆزگۈچ قانىتىنى كېرىپ، ھاۋادا لەيلەپ ئۇچىدۇ. ئۇچار بېلىق قۇشلاردەك قانىتىنى ھەركەتلەندۈرۈپ ئۇچمايدۇ. ئۇنىڭ ئۇچۇشىدا ئاساسىي ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ قۇيرۇقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇچار بېلىقلار كۆپىنچە رەقىبىنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇچىدۇ ياكى كېمە يېقىن كېلىپ قالسا ئۈركۈپ كېتىپمۇ ئۇچىدۇ. لېكىن بەزىدە سەۋەبسىزلا ئۇچىدۇ. بىر توپ ئۇچار بېلىقلارنىڭ سۇ ئۈستىدە ئېگىز-پەس سەكرىشىپ، خۇددى بىرتوپ قۇشلاردەك ھاۋانى يېرىپ ئۇچۇپ يۈرگەنلىكى دېڭىزچىلارغا دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ.

ئالاقىدار بايان[تەھرىرلەش]

ئۇچار بېلىقلار يۇرۇقلۇققا ئىنتىلىش خۇسۇسىيىتىگە. كېچىسى پاراخۇت ئۈستىگە چىراق يېقىپ قويۇلغان بولسىمۇ بىر توپ ئۇچار بېلىقلار خۇددى پەرۋانە ئۆزىنى چىراققا ئۇرغاندەك، ئۆزلىرىنى پاراخۇت ئۈستىگە ئۇرىدۇ، پاراخۇت ئۈستىدىن بىر سائەت ئىچىدە بىر سېۋەت ئۇچار بېلىق تېرىۋالغىلى بولىدۇ. ئۇچار بېلىق ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىككى قانىتى خۇددى رىئاكتىپ ئايرۇپىلاننىڭ قاناتلىرىدەك ئارقىغا كېرىلىپ قالىدۇ. ئۇچار بېلىقنىڭ گۆشى تەملىك بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئالى دەرىجىلىك تاماق تەييارلىنىدۇ.