ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد تاھاۋىي

ئورنى Wikipedia

ئىمام تاھاۋىي (الإمَامُ أَحْمَدُ بنُ مُحَمَّدِ بنِ سَلاَمَةَ الطَّحَاوِيُّ الْمصْرِيّ): ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى سالامە ئەلئەزدىي ئەتتاھاۋىي ئەلمىسرىي (ئەبۇ جەئفەر). (ھ. 239 – 321 / م. 853 – 933) مەشھۇر مۇھەددىس ۋە فەقىھ، ئۆز زامانىدىكى ھەنەفىي مەزھەب پېشۋالىرىدىن بىرى. مەشھۇر «ئەقىدە تاھاۋىيە» (بيان عقيدة أهل السنة والجماعة / ھەنەفىي مەزھەب ئىماملىرىنىڭ ئېتىقادى بويىچە ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائە ئەقىدىسىنىڭ بايانى) نىڭ ۋە «شەرھۇ مەئانىل ئاسار»(5 توم)، «شەرھۇ مۇشكىلىل ئاسار» (15 توم)، «ئىختىلافۇل ئۆلەما»، «ئەلمۇختەسەر»، «ئەھكامۇل قۇرئان» قاتارلىق ھەدىس ۋە فىقھ كىتابلىرىنىڭ مۇئەللىفى.