ئەۋزائىي

ئورنى Wikipedia
ئەۋزائىي (الأوزاعي)
تخطيط اسم الأوزاعي.png
تۇغۇلۇشھ. 88 / م. 707
ۋاپاتىھ. 157 / م. 774


ئەۋزائىي (عَبْدُ الرَّحْمَنِ بنُ عَمْرِو بنِ يُحْمِد الْأَوْزَاعِيّ): ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەمر ئەلئەۋزائىي (ئەبۇ ئەمر). (ھ. 88 – 157 / م. 707 – 774) ھەدىسشۇناس ۋە مۇجتەھىد ئىماملارنىڭ بىرى. ئۆز زامانىدىكى شام دىيارىنىڭ ئىمامى. قازىلىق مەنسىپىنى رەت قىلغان. غازاتلار تارىخى ۋە ئەھكاملىرىدا «ئەسسىيەر»، فىقھتا «ئەسسۈنەن» ۋە 70 مىڭ مەسىلىگە جاۋاب بەرگەن «ئەلمەسائىل» دېگەن ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىفى.