Jump to content

باتۇر روزى

ئورنى Wikipedia
باتۇر روزى
مىللىتىئۇيغۇر
كەسپىشائىر يازغۇچى
خىزمىتى-
بالا(لىرى)-

باتۇر روزى- شائىر ۋە يازغۇچى. باتۇر روزى 1966- يىلى يەكەن ناھىيەسىنىڭ كاچۇڭ يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1982- يىلى شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا فاكولتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. كېيىنچە ئۆزىنىڭ قىزىقىشى ۋە ئارزۇسى بويىچە ئەدەبىيات فاكولتىتىغا يۆتكىلىپ، 1987- يىلى ئوقۇش پۇتتۇرۇپ، كۆكتوقاي ناھىيىسىگە ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلىنغان. 1991-يىلىدىن باشلاپ خىزمەتتىن چېكىنىپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش يولىغا قەدەم قويغان. 2007- يىلى كېسەل سەۋەبى بىلەن ئۈرۈمچىدە قازا قىلغان. ئۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىلا ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا كىرىشكەن. ئۇنىڭ «پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر» ناملىق رومانى، «شۇڭقار بولغان خانىكە»، «زەلىلى»، «يەتتە قىزلىرىم»، «مەشرەپ» قاتارلىق بىئوگرافىك ئەسەرلىرى، « باش زىندانلىرىغا ھۇجۇم» ناملىق ماقالىلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان. 100 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى گېزىت- ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان.


باتۇر روزى ئۆزى يازغان ۋە تەرجىمە قىلغان ئەسەرلىرى

غەزەللەر

رامبو: مەست كېمە

پۇشكىن شېئىرلىرىدىن يەتتە پارچە

ۋالېرى: دېڭىز قەبرىستانى

ئون شېئىر

تۆت پارچە مەشھۇر شېئىر ۋە ئۇنىڭ تەھلىلى


مەنبەلەر

[تەھرىر]