باج

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search

دۆلەت قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، ئىقتىسادىي ئورۇنلار ۋە شەخسلەردىن ھەقسىز يىغىۋالىدىغان مال ۋە پۇل باج دېيىلىدۇ. ئۇ دۆلەتنىڭ سىياسىي مەجبۇرلاش كۈچىگە تايىنىپ، مىللىي دارامەتنى تەقسىملەش ۋە قايتا تەقسىملەشكە قاتنىشىش ئارقىلىق، ماددىي بايلىققا ئېرىشىشدىكى بىر خىل شەكىل. باج تارىختا يەنە ئالۋان - ياساق، سېلىق، باج - سېلىق دەپمۇ ئاتالغان بولۇپ، دۆلەت بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، باج دۆلەتنىڭ ئاممىۋى ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن يىغىۋېلىنغان. سىنىپىي جەمئىيەتتە، دۆلەت ھۆكۈمران سىنىپ ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان سىياسىي ماشىنا، شۇڭا باجمۇ سىنىپىيلىققا ئىگە. دۆلىتىمىز خەلق دېموكراتىيىسى دىكتاتۇرىسىنى يولغا قويىدىغان دۆلەت، باجنىڭ سىنىپىيلىقى ئۇنىڭ خەلقچىللىقىدا، يەنى خەلقتىن ئېلىپ خەلققە ئىشلىتىلىدىغانلىقىدا كونكرېت ئىپادىلىنىدۇ. دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم شارائىتىدا، باج دۆلەت مالىيە كىرىمىنىڭ ئاساسىي شەكلىنىڭ بىرى بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، پەن - مەدەنىيەت، مائارىپ قۇرۇلۇشى ۋە ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىنى مۇقىم مەبلەغ مەنبەسىگە ئىگە قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە باج نىسبىتىنى يۇقىرىلىتىش - تۆۋەنلىتىش، باجنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش، باجدا ئېتىبار بېرىش قاتارلىق چارىلەر ئارقىلىق، تۈرلۈك ئىقتىسادىي ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنىڭ كىرىمىنى تەڭشەپ، ئىلغارلارنى ئىلھاملاندۇرۇپ، ئارقىدا قالغانلارغا ھەيدەكچىلىك قىلىش، ئىقتىسادىي قۇرۇلما ۋە كەسىپ قۇرۇلمىنى تەڭشەش قاتارلىق مەقسەتلىرىگە يېتىدۇ. يەنى، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ھالال ئەمگەككە تايىنىپ ئالدىن بېيىشىغا ئىلھام بېرىدۇ ھەم كىرىم پەرقىنىڭ زىيادە چوڭ بولۇپ كېتىشى قاتارلىق نامۇۋاپىق ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. قانۇن بويىچە باج تاپشۇرۇش پۇقرالارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى. باج ئوغرىلاش، باج تاپشۇرۇشقا قارشى تۇرۇش قانۇنغا خىلاپ قىلمىش بولۇپ، ئېغىرراق بولغانلىرى قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ.

[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]