بارس
![](http://upload.wikimedia.org/wikipedia/commons/2/2e/Tigerramki.jpg)
![](http://upload.wikimedia.org/wikipedia/commons/thumb/4/49/Panthera_tigris_tigris.jpg/200px-Panthera_tigris_tigris.jpg)
![](http://upload.wikimedia.org/wikipedia/commons/thumb/d/d8/Panthera_tigris_amoyensis.jpg/200px-Panthera_tigris_amoyensis.jpg)
![](http://upload.wikimedia.org/wikipedia/commons/thumb/7/7b/Siberian-Tiger.jpg/200px-Siberian-Tiger.jpg)
بارس ، يولۋاس . تۈرك خەلقلىرىدىكى ئون ئىككى مۆچەلدىن بىرىنىڭ نامى . تۈركلەر ئون ئىككى خىل ھايۋاننىڭ ئىسمىنى ئېىلپ ، ئون ئىككى يىلغا ئات قوغان . ئۇلار باللىرىنىڭ ياشلىرىنى ، جەڭ تارخلىرىنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلارنى مۇشۇ يىللارنىڭ ئايلىنىشى (دەۋرى قىلىشى) بىلەن ھېسابلىنىدۇ . تۈرك خاقانلىرىدىن بىرى ئۆزىدىن بىرنەچچە يىل ئىلگىرى بولۇپ ئۆتكەن بىر ئۇرۇشنى ئۆگنمەكچى بولغان ، بۇنىڭغا ئۇ شۇ ئۇرۇش بولۇپ ئۆتكەن ئېنىقلاشتا خاتالاشقان ، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ خاقان ئۆز خەلقى بىلەن كېڭەش ئۆتكۈزۈپ قۇرۇلتايدا مۇنداق دېگەن : «بىز بۇ تارخنى ئېنىقلاشتا قانداق خاتالاشقان بولساق ، بىزنىڭ كېلىچەك ئەۋلادلىرىمىزمۇ شۇنداق خاتالىشىدۇ . شۇڭا ، بىز ئون ئىككى ئاي ۋە ئاسماننىڭ ئون ئىككى بۇرجىغا ئاساسلىنىپ ، ھەر بىر يىلغا بىر ئات قويايلى ، بىزدىن كېيىن يىل ھېسابى شۇ يىللارنىڭ ئايلىنىشى بىلەن ھېسابلانسۇن ، بۇ ئارىمىزدا مەڭگۈ بىر يادىكارلىق بولۇپ قالسۇن» . خەلق خاقاننىڭ بۇ پىكرىنى «شۇنداق بولسۇن» دەپ ماقۇللىغان . شۇ مۇناسىۋەت بىلەن خاقان ئوۋغا چىققان ۋە ھەممە ياۋا ھايۋانلارنى ئىلى دەرياسىغا قاراپ قوغلاشنى بۇيرىغان . بۇ ناھايىتى چوڭ بىر دەريا ، خەلق بۇ ھايۋانلارنى ئوۋلاپ يۈرۈپ ، ئىلى دەرياسىغا قاراپ ھەيدىگەن . بىرمۇنچە ھايۋانلار ئۆزلىرىنى سۇغا ئاتقان . ئۇلاردىن ئون ئىككى خىل ھايۋان سۇدىن ئۈزۈپ ئۆتكەن . ئەنە شۇ ئون ئىككى ھايۋاننىڭ ئىسمى ئون ئىككى يىلغا ئات قىلىپ قويۇلغان . سۇدىن ئەڭ ئاۋۋال چاشقان ئۆتكەن. شۇڭا، يىل بېشى شۇنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپ چاشقان يىلى دېيىلگەن