بارلاس قەبىلىسى

ئورنى Wikipedia

بارلاسلار(Barlas) ئەسلى موڭغۇللارنىڭ بىر قەبىلىسى بولۇپ نىلۇن موڭغۇللىردىن كېلىپ چىققان،چىڭگىزخان بىلەن ئەجدادى بىردۇر.بۇ قەبىلىدىن چىققان يايلاق دەۋردىكى ئەڭ داڭلىق شەخىش قۇبىلاي(دىققەت:يۈەن سۇلالىسنى قۇرغان قۇبىلاي بىلەن بىر ئادەم ئەمەس) بولۇپ، كېيىن ئۇ قارلۇقلارنى بەيئەت قىلدۇرغان.قىپچاق خانلىقى تەركىبىدىمۇ ئۇلار بار بولۇپ ئاساسلىقى ئىران ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا تارقالغان.


موڭغۇللار خارەزىم خانلىقىنى يوقاتقاندىن كېيىن چاغاتاي غەربى يۇرتقا ئىگە بولغان،نايمان،كەرەي،جالايىر،بارلاس،دوغلات قاتارلىق قەبىلىلەر چاغاتايغا بۆلۈپ بېرىلگەن،ئۇلارنىڭ ئىچىدە بارلاسلار ھەممىدىن بەك ئەتىۋارلاشقا ئېرىشكەن.


بارلاسلار كېيىن ئىسلاملاشقان ھەم تۈركلەشكەن،چاغاتاي تىلىنى ،ئەرەب-پارس يېزىقىنى قوللانغان.بارلاسلار شەرقى چاغاتاي خانلىقىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە تازا ئامىتى كەلگەن،بارلاس قەبىلىسىدىن بولغان تېمۈرنىڭ ئاتىسى كەش(سەمەرقەند)نى كونترول قىلىۋالغان،تېمۈر كېيىن تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ياردەمچى ۋەزىرى بولغان ،تۇغلۇق تۆمۈرخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇ ئىلياس خوجىنى قوغلىۋېتىپ سۇلتان بولغان ھەم تېمۈرىلەر ئېمپىرىيەسىنى قۇرغان.تېمۈرىلەر ئېمپىرىيەسى پارچىلانغاندىن كېيىن ،تېمۈرنىڭ ئەۋلادى بابۇر ھىندىستاننىڭ شىمالى قىسمىدا موغۇل ئېمپىرىيەسىنى قۇرۇپ چىققان.ھازىر يەنە بىر قسىم بارلاسلار پاكىستان،ھىندىستان ۋە ئۆزبېكىستانلاردا ياشايدىغان بولۇپ ،تىلى ئاللىبۇرۇن ئۆزبېكچىگە ئۆزگىرىپ كەتكەن.