بارماق دىسكا

ئورنى Wikipedia
بارماق دىسكا

ئاساسى تاختا، ئۆزەك (BIOS)، ساقلىغۇچ قاتارلىق زاپچاسلىرى مۇۋاپىق قۇراشتۇرۇلۇپ بىر بارماق دىسكىنى تەشكىللەيدۇ.

تۈزۈلىشى[تەھرىرلەش]

ئادەتتە بارماق دىسكا سىرتقى قىپىدىن باشقا تۆۋەندىكىدەك قىسىملاردىن تەشكىل تاپىدۇ:

ئاساسى تاختا[تەھرىرلەش]

ئادەتتە بارماق دىسكىنىڭ ئىچىدىكى ئۈسكۈنىلەرمۇ كومپىيۇتىرنىڭ ئاساسى ئاپپارات ساندۇقىدەك ئاساسىي تاختىنىڭ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، ئاساسىي تاختىنىڭ بىر ئۇچىدا كومپىيۇتىرغا چىتىلىدىغانUSB ئېغىزى بولىدۇ. ئادەتتە بىز كۆپ ئىشلىتىدىغان كارتا ئوقۇش ئاپپاراتىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسى نەق بىز يۇقىرىدا دېگەن بارماق دىسكىنىڭ ئاساسى تاختىسىدىن ئىبارەت.

ئۆزەك (BIOS)[تەھرىرلەش]

ئۆزەكتە ئاساسلىقى بارماق دىسكىنىڭ تىپى، ماركىسى ۋە بارماق دىسكىنىڭ توك يولى نەشىرىگە ئائىت ئۇچۇرلار ساقلىنىدىغان بولۇپ، سىز بارماق دىسكىڭىزنى مەلۇم بىر كومپيۇتىرغا تۇنجى قېتىم چاتقاندا ۋەزىپە ئىستونىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە كۆرۈنىدىغان ئۇچۇرلار بارماق دىسكا ئىچىدىكى ئۆزەكتىن ئوقۇپ ئېلىنىدۇ. بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ئاساسلىق رولى مەشغۇلات سىستېمىسىغا قايسى ماركىدىكى، قايسى تىپتىكى بارماق دىسكا چېتىلغانلىقى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تەمىنلەپ مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ شۇ ئۈسكۈنىگە نىسبەتەن قانداق مەشغۇلات ئېلىپ بارسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا بارماق دىسكىنىڭ تونۇشتۇرۇش خېتى شۇ يەردە بولىدۇ.

ساقلىغۇچ[تەھرىرلەش]

بارماق دىسكىدا ئۇچۇرلارنى ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان، بارماق دىسكىنىڭ ئاساسلىق فۇنكسىيەسىنى جارى قىلدۇرىدىغان ئورۇن مانا مۇشۇ ساقلىغۇچ بولۇپ، بۇمۇ بارماق دىسكىنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدار كۆرسەتكۈچلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئوخشاش تىپتىكى، ئوخشاش شەكىلدىكى ۋە ئوخشاش ماركىدىكى بارماق دىسكىلارنىڭ سىغىمىنىڭ ھەر خىل بولۇشى بارماق دىسكىدىكى ساقلىغۇچقا باغلىق.