بارىن ئىنقىلابى

ئورنى Wikipedia

4- ئاينىڭ 5- كۈنى قانداق كۈن؟

بىز نېمە ئۈچۈن بارىن ئىنقىلابىنى خاتىرلەيمىز؟

زەيدىن يۈسۈپ

(قىسقارتىلما، «100 مەشھۇر ئۇيغۇر» ناملىق كىتابتىن)

شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى، بارىن ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى، داڭلىق قوماندان، تونۇلغان مۇجاھىت زەيدىن يۈسۈپ Zeydin Yusuf 1964- يىلى ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ بارىن يېزا، بارىن كەنتىنىڭ 3- ئەترەتتە دېھقان يۈسۈپ زەيدىن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.

زەيدىن يۈسۈپ يەنە زەيدىن قارى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

زەيدىن يۈسۈپ كوممۇنىست خىتاي دەۋرىدە، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى پارتلىغان شەرقى تۈركىستان بارىن ئىنقىلابىنىڭ قوماندانى، رەھبىرى ۋە بىر مىللىي قەھرىماندۇر.

تارىخ شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، بىر مىللەت داھى- يولباشچىغا ئېرىشكەندە دەۋر ياراتقان. داھىيسىز- يولباشچىسىز قالغاندا غەپلەتكە پاتقان، زاۋاللىققا يۈزلەنگەن. بىر مىللەتنىڭ يولباشچىغا ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان ۋاقتى دەل ئۇ مىللەتنىڭ مىللىي يوقىلىش خاراكتېرلىق خىرىسقا دۇچ كېلىپ جان تالىشىۋاتقان دەۋرىدۇر.

زەيدىن يۈسۈپ دەل بىز سۈپەتلەپ ئۆتكەن داھىيلاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئالاھىدىلىك ۋە ئامىللارنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن، ئەقلى ئويغاق، ئىمانى ئەركەك ھەقىقىي داھىيدۇر.

زەيدىن يۈسۈپنىڭ بارىن يېزا بازىرىدا موتسىكلىت، ۋېلىسىپىتلەرنى رېمۇنت قىلىدىغان بىر دۇكىنى بولۇپ، ئۇ كۆرۈنۈشتە ئاددىي بىر ھۈنەرۋەن، بىر دېھقان، ئەمما ئۇلۇغ روھ ئىگىسى ئىدى.

زەيدىن يۈسۈپ قاغىلىقتىكى شەرقى تۈركىستان بويىچە مەشھۇر ئالىم، ئابدۇلھېكىم مەخسۇم ھاجىم (1925- 1993) نىڭ قېشىغا بېرىپ، يېرىم مەخپىي ھالدا دەرس ئېلىۋاتقان مىڭلىغان تالىپلارغا قوشۇلغان. ئۇ كېيىنچە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئۇستاز ئابدۇلھېكىم مەخسۇم ھاجىمنىڭ دىققىتىنى تارتقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ دۆلەتچىلىك ئېڭى بىلەن يېتىشتۈرۈلۈپ مەخسۇس تەربىيىلىنىۋاتقان ئالاھىدە تالىپلار گۇرۇپپىسىغا قوبۇل قىلىنغان.

1990- يىلى 4- ئاينىڭ 5- كۈنى ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ بارىن يېزىسىدا قوماندان زەيدىن يۈسۈپ باشچىلىقىدا، شەرقى تۈركىستاننى تاجاۋۇزچى خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ مۇستەقىل شەرقىي تۈركسىتان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇپ چىقىش مەقسىتىدە قوراللىق ئىنقىلاب باشلىنىدۇ.

بارىن ئىنقىلابىنىڭ تەييارلىق باسقۇچى ۋە «شەرقى تۈركىستان

ئىسلام پارتىيىسى» نىڭ قۇرۇلۇشى

زەيدىن يۈسۈپ قاغىلىقتىكى بىر قانچە يىللىق ئوقۇش جەريانىدا كۆپ ئويلىنىدۇ. ئوقۇشىنى

پۈتتۈرگەندىن كېيىن 2 يىل ئەتراپىدا ۋاقىت چىقىرىپ پۈتۈن شەرقى تۈركىستاننى ئايلىنىپ چىقىدۇ. ئۇ بۇ جەرياندا كۆپلىگەن كىشىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىدۇ. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بارىن يېزىسىدىكى ئىشەنچلىك يېقىن دوستلىرىنى يىغىپ شۇنداق خىتاب قىلىدۇ:

- ۋەتەن ئىچىدە ھەر كۈنى زۇلۇم، ھەر كۈنى بېسىم، ھەر كۈنى ئۆلۈم، ھەر كۈنى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى داۋام قىلىۋاتىدۇ. خىتاي تەشۋىقاتلىرى يوشۇرۇپ بولالمىغان ۋەقەلەرنى تەتۈر شەكىلدە ئېلان قىلىۋاتىدۇ. ئەمما نۇرغۇن ۋەقەلەر، ناھەقچىلىكلەر، دۆلەت تېررورلۇقى دۆلەت سىرى بولۇپ يوشۇرۇن قېلىۋاتىدۇ، بىز بۇلارنى پاش قىلىپ خىتاينىڭ زۇلۇمىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشىمىز كېرەك. كۈرەش يولىدا قىلىدىغان نۇرغۇن خىزمەت ۋە پائالىيەتلەر بار، ھەر كىم قولىدىن نېمە كەلسە شۇنى بۇ كۈرەش يولىدا ئىشلىتىشى كېرەك!

جانابى ئاللاھ بىزنى ئىنسان قىلىپ ياراتتى، مۇسۇلمان قىلىپ ياراتتى، ئۇيغۇر قىلىپ ياراتتى، شەرقىي تۈركسىتاننى ۋەتەن قىلىپ بەردى. ئەمما بۇ ۋەتەننى دۈشمەن تارتىۋالدى، ھىيلىگەرلىك بىلەن بېسىۋالدى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئىسلام دىنى بىزگە قانداق تەلىمات بېرىدۇ؟ ئىسلام بىزدىن نېمىنى كۈتىدۇ؟ ئىسلام دىنى مۇكەممەل بىر دىندۇر. دۆلەت قۇرۇش ئاپپاراتلىرىدىن تارتىپ مۇسۇلمانلارنىڭ قانداق ياشاش، ئىشغالىيەتكە ئۇچرىغاندا قانداق چارە- تەدبىرلەرنى قوللىنىش، ئۆزىنى، مېلىنى، ۋەتىنىنى قوغداش، دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇشتا نېمە قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا تەپسىلىي تەلىماتلار بار، دەپ خىتاب قىلىدۇ. زەيدىن يۈسۈپ سۆزىنى:

- «قۇرئان مازارلىقتا ئوقۇيدىغان كىتاب ئەمەس، بەلكى جىھات قىلىشنىڭ مىزانىدۇر» دەپ توختىتىدۇ.

زەيدىن يۈسۈپ ۋە سەپداشلىرى قايتا- قايتا مۇزاكىرىلەردىن كېيىن 1989- يىلى ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ بارىن يېزىسىدا مەخپىي ھالدا «شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى» نى قۇرۇپ چىقىدۇ. پارتىيىنىڭ تۈپ مەقسىتى، شەرقى تۈركىستان زېمىنىدىن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنى قوغلاپ چىقىرىپ مۇستەقىل شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش ئىدى. ئۇ، بۇ مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىردىن- بىر چارە «قوراللىق ئىنقىلاب» دەپ بېكىتىدۇ. پارتىيە رەھبەرلىكى قارار ئېلىپ بولغاندىن كېيىن دەرھال تەييارلىق خىزمىتىنى باشلايدۇ.

زەيدىن يۈسۈپ ئىنتايىن ئېھتىيات بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە بارىن يېزىسىدىن بىر قىسىم ياشلارنى پارتىيىگە ئەزالىققا قوبۇل قىلىدۇ ۋە جامال مەمەتنىڭ ئۆيىدە 1- قېتىملىق يىغىن ئېچىپ، پارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ خىزمەت دائىرىسىنى بېكىتىپ مەخسۇس ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ.

پارتىيە رەھبەرلىرى ۋە تەيىنلەنگەن ۋەزىپىلىرى:

1- ئابدۇغېنى تۇرسۇن: جىھادى ھەرىكەتنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى قوشۇمچە مالىيە

مەسئۇلى.

2- جامال مۇھەممەت: قوراللىق ھەرىكەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى.

3- ئىسساق ھوشۇر: قوراللىق ھەرىكەتنىڭ ئارقا سەپ قوماندانى (مالىيە مەسئۇلى).

4- ئابدۇرېھىم تۇرسۇن: ئۇچۇر- ئالاقە مەسئۇلى.

5- مەمەت تۇردى: قاتناش قوماندانى.

6- ئەخەت تىلىۋالدى (ئەخەت ئاۋۇت دەپمۇ يېزىلغان): مۇجاھىتلارنىڭ 1- قىسمىنىڭ قوماندانى.

7- تۇرغۇن ئىسساق (تۇرغۇن ساقى دەپمۇ يېزىلغان): 2- قىسىمنىڭ قوماندانى.

8- ئۇبۇلقاسىم ئىبراھىم: مۇجاھىتلارنىڭ ئاتلىق قىسمىنىڭ قوماندانى.

9- ئابدۇ تۇردى ۋە مەمەت تۇرسۇن: باش قوماندان بىلەن ئالاقىلىشىشقا مەسئۇل.

10- راخمانجان ئەمەت: پارتىيىنىڭ قورال ۋە ئوق- دورىلىرىنى ساقلاش ھەم تارقىتىش مەسئۇلى.

ھەربىي تەييارلىق

«شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى» 1990- يىلى 2- ئاينىڭ بېشىدا ساي مەسچىتىدە 2- قېتىملىق يىغىن ئاچقان. 3- ئاينىڭ 15- كۈنى مەخەت قوشماقنىڭ ئۆيىدە 3 - قېتىملىق يىغىن ئېچىپ، قورال، ئوق- دورا، تىببى دورىلار، تەنھەرىكەت ئايىقى قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىش توغرىلىق مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان. ھەمدە مەخپىيەتلىكنى قاتتىق ساقلاشنى، كىمدە كىم مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويسا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن قوشۇپ قاتتىق جازالاشنى بەلگىلىگەن.

زەيدىن يۈسۈپ 3- قېتىملىق يىغىندىن كېيىن جانبازلىق ۋە ھەربىي مەشىقنى كۈچەيتكەن. ئۇ 3- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 23 - كۈنىگىچە قاغىلىقتىن ئوبۇلقاسىم نى ئېلىپ كېلىپ ئىسساق ھوشۇرنىڭ ئۆيىدە 40 نەچچە ئادەمگە مەخسۇس ئېلىشىشنى ئۆگەتكەن. 3- ئاينىڭ ئاخىرىدا يەنە 50 نەچچە ئادەمگە سايدا گرانات ئېتىش ۋە ئېلىشىشنى ئۆگەتكەن.

ئىنقىلابنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن ئاشكارىلىنىپ قېلىشى

بارىن يېزىسى ۋە ئەتراپى ئاساسەن تاغلىق رايون بولۇپ، مۇنداق جۇغراپىيىدە پارتىزانلىق

ئۇرۇشى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم قاتناش قورالى ئات بولغاچقا، زەيدىن يۈسۈپ ئۆزلىرىنىڭ ئاتلىق

قوشۇنىغىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن. ئىنقىلابچىلار بىر كۈنى بارىن يېزىسىغا قوشنا بولغان يېڭىسارنىڭ ئەگۈس يېزىسىدا دانىش ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ ئېتىنى سېتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا مەزكۇر كىشى ئېتىنى سېتىپ بېرىشنى رەت قىلغان، كېيىن تالاش تارتىش بولغان. بۇ ۋاقىتتا مەزكۇر دانىش ئىسىملىك خائىن ئۇلارنىڭ مەقسىتىنى بىلىپ قېلىپ خىتاي ساقچىلىرىغا پاش قىلغان.

ئىنقىلابنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشى توغرىلىق تۆۋەندىكىدەك 2 خىل كۆز قاراش بار:

1- مۇجاھىتلار دانىشنىڭ ئېتىنى سېتىۋېلىشقا بەكرەك قىزىققان. بۇ ۋاقىتتا دانىش ئۇلاردىن ئاتنى نېمىگە ئىشلىتىدىغانلىقىنى سورىغان. مۇجاھىتلار كۆڭۈلچەكلىك قىلىپ دانىشقا مەقسەتنى ئوچۇق دېگەن.

2- مۇجاھىتلاردىن بىرى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن ئاتقا مىنىۋاتقاندا چاپىنىنىڭ ئاستىدىن يېنىدىكى تاپانچىسى كۆرۈنۈپ قالغان. دانىش دېگەن مۇناپىق ئۇ تاپانچىنى كۆرۈپ قېلىپ خىتاي ساقچىلىرىغا چېقىپ قويغان. شۇنىڭ بىلەن بارىن مۇجاھىتلىرى ھېچ ئويلىمىغان يەردىن ئاشۇ ئات ۋەقەسىدە ئاشكارىلىنىپ قالغان.

بارىن ئىنقىلابىنىڭ باشلىنىش جەريانى

زەيدىن يۈسۈپنىڭ ئۆزى بىر قوللۇق پىلانلىغان شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى

رەھبەرلىكىدىكى ئىنقىلاب تەييارلىقى مۇجاھىتلارنىڭ تەجرىبىسىزلىكى سەۋەبلىك مۇددەتتىن بۇرۇن ئاشكارىلىنىپ قالغاندىن كېيىن، 3- ئاينىڭ 25- كۈنى ساي مەسچىتىدە پارتىيىنىڭ 4- قېتىملىق يىغىنىنى ئېچىپ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى مۇھاكىمە قىلىشقان. بۇ يىغىندا زەيدىن يۈسۈپ، ناۋادا ئۆزى شېھىت بولۇپ كەتسە ئابدۇغېنى تۇرسۇننىڭ قوماندانلىق قىلىشىنى قارار قىلغان.

زەيدىن يۈسۈپ 1990- يىلى 4- ئاينىڭ 4- كۈنى بارىن ئىنقىلابىنى باشلاشتىن ئىلگىرى بىر قىسىم مۇجاھىتلار بىلەن «لائىلاھە ئىللەللاھ، مۇھەممەدەن رەسۇلىللاھ» دەپ توۋلاپ، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىغا كېلىپ نامايىش قىلغان ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىگە يازغان خەتنى يېزىلىق ھۆكۈمەتكە كىرگۈزگەن. ئۇ خەتنى تاپشۇرۇپ بېرىشتىن بۇرۇن مىكروفون بىلەن ئوقۇغان. خەتتە:

- «ھەر قانداق ھۆكۈمەت ئادەم ئۆلتۈرگەنلەرنى ئاتىدۇ. يېزىمىزدا 250 ئايالنىڭ بالىسى چۈشۈرۈۋېتىلدى. (1989- يىلى بىر يىللىق سان) بۇنداق قىلىش قاتىللىق ھېسابلىنامدۇ؟ ھېسابلانمامدۇ؟ ئۇ قاتىللار نېمە ئۈچۈن ئېتىلمايدۇ؟… خىتايدىن ئۈرۈمچىگە ھەر 15 مىنۇتتا بىر پويىز كېلىپ تۇرىدىكەن، كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى خىتاي. بىز ئۇيغۇرلارغا پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇشنىڭ ئورنىغا خىتايلارنى كەلتۈرمىسە بولمامدۇ…؟ بىز كۈرەش قىلىپ خىتايلارنى شەرقىي تۈركىستاندىن قوغلاپ چىقىرىشىمىز كېرەك…. پىلانلىق تۇغۇت ئەمەلدىن قالدۇرۇلسۇن، شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي كۆچۈرۈش توختىتىلسۇن، خەلقىمىز ئۈستىدىكى باج- سېلىق مەجبۇرىيەت يەڭگىللىتىلسۇن، خىتاي مىللەتچىلىكى تۈگىتىلسۇن، كەمسىتىشكە، ئېزىشكە، يۇتۇۋېلىشقا، خورلۇققا قارشى تۇرىمىز» دەپ يېزىلغان. بۇ خەت ئەينى ۋاقىتتا زەيدىن يۈسۈپنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بارىن يېزىسىدىكى مەسچىتلەردىمۇ، يوللاردا ماشىنىلاردا ئايلىنىپ يۈرۈپ يوقىرى ئاۋازلىق ياڭراتقۇلاردىمۇ پۈتۈن خەلققە ئاڭلىتىلغان.

بۇ ۋاقىتتا بارىن يېزىلىق ھۆكۈمەت بىناسىدا بۇرۇنلا ئاتۇش ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىرىدىن كېلىپ ئورۇنلاشقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 200 دىن كۆپرەك پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرى ۋە ساقچىلىرى بولۇپ، بۇلار زەيدىن يۈسۈپنىڭ خېتىگە جاۋاپ بەرمىگەن.

زەيدىن يۈسۈپ بىر كۈن ساقلاپ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ھېچقانداق جاۋاپ ئالالمىغاندىن كېيىن 1990- يىلى 4- ئاينىڭ 5- كۈنى باشلانغان كېچىدە يېزىلىق ھۆكۈمەتكە ھۇجۇم قىلىش بۇيرۇقى بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن بارىن ئىنقىلابى رەسمىي باشلانغان.

بارىن ئىنقىلابچىلىرى دەسلەپتە ئاساسەن پىچاق، پالتا، كالتەك دېگەندەك قوراللار بىلەن قوراللانغان بولۇپ، ئۆزلىرى ياسىغان تاپانچا ۋە مىلتىقلار قانچىلىك، بىز بىلمەيمىز. ئىنقىلابنىڭ باشلىنىشى بىلەن مۇجاھىتلار 5 ساقچىنى تۇتۇۋېلىپ، 5 تاپانچا غەنىيمەت ئالغان. كېيىن يېزا مەركىزىگە ئۈچ كىلومېتىر كېلىدىغان كۆۋرۈكتە خىتاي ئەسكەرلىرىدىن ياردەمگە كەلگەن بەنجاڭ ۋۇ يۇڭ، مۇئاۋىن بەنجاڭ تيەن چوڭفېڭ قاتارلىقلارنى يوقىتىپ 3 ئاپتومات، بىر تاپانچا، 400 پاي ئوق غەنىيمەت ئالغان. يەنە ئاقتۇ ناھىيىلىك چېگرا مۇداپىئە چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن يېتەكچىسى شۇ شىنجيەن، ئەسكەر ۋاڭ جىڭپىڭلارنى كۆۋرۈك ئۈستىدە يوقىتىپ 4 تاپانچا ۋە بەزى قوراللارنى غەنىيمەت ئالغان. شۇنداق قىلىپ بارىن ئىنقىلابچىلىرى خىتاينىڭ ئاساسلىق قوشۇنى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن ئاز بولسىمۇ بىر قىسىم قوراللارغا ئىگە بولغان.

بۇ ۋاقىتتا زەيدىن يۈسۈپ مۇجاھىتلارغا ۋەزىپە تەقسىم قىلىپ، گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ ئاساسەن مۇۋاپىق ئورۇنلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغان. مۇجاھىتلار تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن تۇنجى تۈركۈمدە يېتىپ كەلگەن خىتاينىڭ 500 ئەسكىرى بىلەن رەسمىي ئۇرۇشقا كىرگەن. خىتاي ئەسكەرلىرى بەرداشلىق بېرەلمەي چېكىنىپ، ئۆزلىرىنى ئورمانلىقلارغا ئېتىشقا باشلىغان. سائەت 4:30 دا يەنە 400 ئەسكىرى يېتىپ كەلگەن. ئارقىدىن يەنە تىك ئۇچار ئۇرۇش ئايروپىلانلارنىڭ ھېمايىسىدە تانكا، برونېۋىك ۋە چوڭ- كىچىك ئېغىر توپلار بىلەن قوراللانغان 10 نەچچە مىڭ مۇنتىزىم خىتاي ئارمىيىسى كەلتۈرۈلگەن.

قوماندانلىق شتابىنى ئالدىنقى سەپكە قۇرغان زەيدىن يۈسۈپ بىرىنچى قېتىملىق جەڭدە دۈشمەن ئەسكەرلىرىدىن بىر قانچىسىنى يەر چىشلىتىپ، ئۇلارنىڭ قوراللىرىنى غەنىيمەت ئالغان. بۇ چاغدا خىتاي ئەسكەرلىرى ئۆزلىرىگە ئىشەنگەن ھالدا تېخىمۇ غالجىرلىشىپ يەنە ھۇجۇمغا ئۆتكەن. زەيدىن يۈسۈپلەر باتۇرلارچە ئۇرۇش قىلىپ خىتاينىڭ يەنە بىر قانچە ئەسكىرىنى ئۆلتۈرۈش بىلەن بىرگە بەش ئەسكىرىنى تىرىك تۇتۇۋالغان. ھەمدە ئۇلارنىڭ قوراللىرى ۋە بىر دانە سۆزلىشىش ئاپپاراتىنى غەنىيمەت ئالغان. زەيدىن يۈسۈپ كېيىن يېتىپ كەلگەن ئىككىنچى قېتىملىق دۈشمەن قوشۇنى بىلەن بولغان ئۇرۇشتا، جىھات ئۈستىدە باتۇرلارچە شېھىت بولغان.

شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى، بارىن ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى، داڭلىق قوماندان، تونۇلغان مۇجاھىت مەرھۇم زەيدىن يۈسۈپ شېھىت بولغان ۋاقىت 1990- يىلى 4- ئاينىڭ 5- كۈنى بولۇپ، ئۇ بۇ ۋاقىتتا 26 ياشتا ئىدى.

خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، زەيدىن يۈسۈپ رەھبەرلىكىدىكى500 كىشىلىك بارىن مۇجاھىتلىرىغا قارشى خىتاي ھاكىمىيىتى جەمئىي 22،454 (يىگىرمە ئىككى مىڭ تۆتيۈز ئەللىك تۆت) قۇراللىق ئەسكەر ۋە ھەربىي خادىم قاتناشتۇرغان. ئۇرۇش 4- ئاينىڭ 5- كۈنىدىن 10- كۈنى سائەت 15:00 كىچە بولغان ئارىلىقتا 5 كېچە- كۈندۈز توختاۋسىز داۋاملاشقان.

بۇ ۋاقىتتا بارىن يېزىسىنىڭ ئۇمۇمىي نوپۇسى 19 مىڭ نەچچە يۈز ئەتراپىدا ئىدى.

مۇجاھىتلارنىڭ قوماندانلىرىدىن بىرى بولغان مەمەت تۇرسۇن 4- ئاينىڭ 10 كۈنى ئاخىرقى ئاز بىر قىسىم ئاتلىق مۇجاھىتلار بىلەن دۈشمەن مۇھاسىرىسىنى بۆسۈپ چىقىپ كەتكەن. بۇلارنى ئارقىسىدىن قوغلىغان خىتاي ئەسكەرلىرىگە ئادىل ئىمىن ئىسىملىك بىر مۇناپىق يول باشلىغان. مەمەت تۇرسۇنلار 3- 4- كۈن جەريانىدا يول بويىچە خىتاي ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلغان. ئاخىرىدا مەمەت تۇرسۇن مىللى مۇناپىق ئادىل ئىمىننى ئېتىۋەتكەن. مەمەت تۇرسۇن قاتارلىق مۇجاھىتلارنىڭ ھەممىسى باتۇرلۇق بىلەن ئۇرۇش قىلىپ ئۆز شەرىپى بىلەن شېھىت بولغان.

زەيدىن يۈسۈپ قوماندانلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان بارىن ئىنقىلابىدا، خىتاي مەلۇماتلىرىدا ئېيتىلىشىچە جەمئىي 232 مۇجاھىت شېھىت بولغان. كۆزى بىلەن كۆرگەن گۇۋاھچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆلگەن ئەسكەرلىرىنىڭ جەسىتىنى بارىندىن قەشقەرگە 10 دىن ئارتۇق ماشىنا بىلەن بىرقانچە كۈن توشىغان.

بۇ ئۇرۇشتا بارىن يېزىسى ئېغىر دەرىجىدە ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان. خىتاي ئەسكەرلىرى غالجىرلىشىپ ھەتتا بۆشۈكتىكى بوۋاققا ئوق چىقارغان. بارىن ئىنقىلابىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ھەربى قىسىم، ساقچى- ژاندارما ۋە بىڭتۇەننىڭ 6 دېۋىزىيە ئەسكىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ قەشقەر، ئاتۇش، خوتەن ۋە ئاقسۇ ۋىلايەتلىرىنى ئۇزۇن مۇددەت مۇھاسىرىگە ئالغان. بارىن ئىنقىلابىغا ياردەم بەرگەن ۋە ھېسداشلىق قىلغان دېگەن تۆھمەتلەر بىلەن قەشقەر ۋىلايىتىدىكى 10 ناھىيە- شەھەردىن 2000 ئۇيغۇرنى يولسىز قاماققا ئالغان. ...