بارىن ئۆرۈكى

ئورنى Wikipedia

بارىن ئۆرۈكى شىنجاڭ قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيىسىدە يېتىشتۈرىلىدىغان، شىنجاڭنىڭ داڭلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئاقتۇ ناھىيە بارىن يېزاسىنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمى ئۆرۈك سورتى. بارىن ئۆرۈكى پامىر ئىگىزلىكىنىڭ شەرقىدە، مۇزتاغ چوققىسىنىڭ باغرىدىكى مۇزتاغ بىلەن زىمىن كېسىشكەن يانتۇلۇقتا ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، ئۆزگىچە جۇغراپىيىلىك ئورۇن ۋە ھاۋا كېلىماتى، بۇلغانمىغان تەبئى موھىت ۋە مۇزتاغنىڭ تەبئى قار سۇلىرى بارىن ئۆرۈكىنى ئوزۇقلۇق جۇغلانمىسى مول، رەڭگى كۆركەم ۋە پارقىراق، تەمى ئۆزگىچە لەززەتلىك قىلىپ يىتىشتۈرۈپ چىققان ۋە نامىنى جاھانغا تاراتقان. شۇڭا ئاقتۇ ناھىيىسى دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسى تەرىپىدىن «جوڭگونىڭ بارىن ئۆرۈكى ماكانى» دىگەن نامغا ئېرىشكەن، بارىن ئۆرۈكى مەھسۇلاتلىرى دۆلەتلىك مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تەرىپىدىن ئامرىكا ۋە ياۋروپا ئۆلچىمى بويىچە «ئورگانىك يېمەكلىك» ئېتراپنامىسىگە ئېرىشكەن.

بارىن ئۆرۈكىنىڭ مېۋە دانىسى چوڭ، گۆشلۈك، رەڭگى كۆركەم، قەنت تەركىۋى يۇقىرى، مېۋە ئېتى قىلىن ۋە پۇراقلىق بولۇپ ناھايىتى يىيىشلىك، داۋاملىق ئىستىمال قىلىپ بەرسە ئۆپكىنى يۇمشىتىپ بەلغەمنى بوشىتىدۇ، قۇرۇتۇلغان گۈلەسى (قېقى) نىڭ سۈپىتى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ، ئوزۇقلۇق ساقلىق ساقلاش قىممىتى ئالاھىدە. ئىسسىقنى قايتۇرۇپ زەھەرنى تازىلايدۇ يۇقىرى، قېرىشنى كېچىكتۈرۈش، راكقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە. بارىن ئۆرۈكىنىڭ مېغىزى توق ۋە تاتلىق بولۇپ، بۆرەكنى قۈۋۋەتلەش، بەدەننىڭ ئىممونىت كۈچىنى يۇقىرى كۆتىرىشتىكى كۆڭۈلدىكىدەك تەبئى يىمەكلىك.

بارىن ئۆرۈكى مەھسۇلاتلىرى_ پامىر ئېگىزلىكىنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى، مۇزتاغنىڭ سوۋغىسى، مۇزتاغ كىشىلىرىنىڭ ئەجىر ئەمگىگىنىڭ جەۋھىرى. ئۇ ياشانغانلار ئۈچۈن كۈڭۈلدىكىدەك ساغلاملىق يىمەكلىگى، ياشلار ئۈچۈن كۆڭۈلدىكىدەك تەن ئاسراش ئوزۇقى، كىشىلىك ئالاقىڭىزدە كۆڭۈلدىكىدەك دوستلۇق سوۋغىسىدۇر!