بارى مەمەتئېلى (پۇتپولچى)

ئورنى Wikipedia

بارى مەمەتئېلى (ئۇيغۇرچە يېڭى يېزىق: Bari Memeteli, ئاددىيلاشتۇرۇلغان خەنچە: 巴力·买买提依力) داڭلىق ئۇيغۇر پۇتبولچى.

بارى مەمەتئېلى 巴力·买买提依力 Bari Memeteli
شەخسىي ئۇچۇرلار
تولۇق ئىسمى بارى مەمەتئېلى
تۇغۇلغان ۋاقتى 1989-يىلى 27-يانۋار (31 ياش)
تۇغۇلغان جاي جوڭگو، شىنجاڭ، كۆكتوقاي
ئېگىزلىكى 175 سانتا
ئويناش ئورنى (لار) ئارقا بېك، ھۇجۇمچى
كۇلۇب ئۇچۇرى
ھازىرقى كوماندا چىڭداۋ خۇاڭخەي
نۇمۇرى 11
كەسپى ھاياتى *
يىللار كوماندا مەيدانغا جىقىش سانى كىرگۈزگەن توپ سانى
2007–2009 شىنجاڭ تەنتەرنىيە لاتاريەسى ؟ (13)
2010–2012 خاڭجو يېشىل شەھەر 54 (7)
2013–2015 جياڭسۇ سۇنىڭ 17 (0)
2014 → شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىز (قەرز) 16 (3)
2016– چىڭداۋ خۇاڭخەي 97 (4)
* پېشقەدەم كۇلۇبلارنىڭ مەيدانغا چىقىشى ۋە نىشانى

پەقەت دۆلەت ئىچى بىرلەشمىسىدىلا ھېسابلىنىدۇ ،

2019-يىلى 31-دېكابىرغىچە توغرا

ھايات كارتىنىسى[تەھرىرلەش]

1. پۇتپول كۇلۇپ ھاياتى باشلىنشى[تەھرىرلەش]

2009-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى ياش بارى ئۈرۈمچىدىن خاڭجۇغا كەلدى، يېنىغا پەقەت 100 يۈەنلا ئېلىۋالغانىدى. تۇنجى قېتىم شىنجاڭدىن ئىچكىرىگە كىرگەن بارى ئۆزىنى «نامرات» دەپ سۈپەتلىدى.

بارى تاكسىغا ئولتۇرماي، ئايرودرومدىن كوچا ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ لۈچېڭ مەشىق بازىسىغا قاراپ يول ئالدى، ئۇ بۇنىڭدىن ھېچنېمىنى ھېس قىلمىدى. لۈچېڭ مەشىق بازىسىغا قەدەم قويغان شۇ پەيتتە بارى پەقەت ساددىلىق بىلەن خۇشال بولغان ئىدى، بارى: «مەن ئەزەلدىن شارائىتى بۇنداق ياخشى مەشىق بازىسىنى كۆرۈپ باقمىغان، ئىلگىرى شىنجاڭدا توپ تەپكەندە ھەممىسى توپا مەيدان ئىدى، بۇنداق ياخشى شارائىتنى كۆرۈپ، يانفوننىمۇ ئوينىمايدىغان بولدۇم، كۈندە پۇتبول تېپىشنى ئويلايمەن» دېدى.

بارىنىڭ لۈچېڭغا كېلىشى خاڭجۇ سەنچاۋنىڭ ترېنېرى شېن كۇي بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. سەنچاۋ ئەينى چاغدا ب دەرىجىلىك بىرلەشمىدە بولۇپ، شېن كۇي ۋۇ جىنگۈينى ئىزدەپ بېرىپ، ئۇنىڭغا بارىنى تەۋسىيە قىلدى، «شىنجاڭ تەرەپتە بىر بالا ناھايىتى ياخشى توپ تېپىدىكەن، كۆرۈپ باقامسىز؟» بارىمۇ خېلى غەيرەت قىلدى، سىناق تەرىقىسىدە مەشىق قىلغان بىر ئاي ئىچىدە، جېجياڭ لۈچېڭ بىلەن كورېيە دۆلەت ياشلىرى كوماندىسى بىر مەيدان مۇسابىقە ئوينىدى، بارى مۇسابىقىدە ئىككى توپ كىرگۈزۈپ، ئۈچ قېتىم ياردەمچى پاس چىقاردى.

پۇتبولغا سېلىشتۇرغاندا، بارى تۇرمۇشتا بەزى قىيىنچىلىقلارغا يۈزلىنىشكە مەجبۇر بولدى، ئۇ ھەر كۈنى پەقەت كۈدە تۇخۇم يېدى. كېيىن ۋۇ جىنگۈي ئاشخانىدىكىلەرگە بارىغا ئايرىم قورۇما قورۇپ بېرىشنى تاپىلاپ، بارىنىڭ ياخشى تاماق يېيەلىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

بارىنىڭ تالانتى ناھايىتى تېزلا مۇسابىقىدە نامايان بولدى، بولۇپمۇ تېخنىكا، تاكتىكا مەسىلىسىدە نۇرغۇن توپچىلار يېتىشەلمەيتتى، چۈنكى تەپەككۇر پەرقى بەك چوڭ. لېكىن بارى ناھايىتى تېز ماسلىشىپ كەتتى.

جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىگە قاتناشقان تۇنجى مۇسابىقە پەسلىدە بارى 13 قېتىم مەيدانغا چىقىپ بىر توپ كىرگۈزدى، بارىنىڭ توختامدىكى ئايلىق مائاشى ئاران 5000 يۈەن ئىدى، لېكىن مۇسابىقە مۇكاپاتى كۆپ بولدى. 2010-يىلى جېجياڭ لۈچېڭ جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى كۈچلۈك كوماندا بولۇپ، ۋۇ جىنگۈينىڭ رەھبەرلىكىدە لۈچېڭغا قالتىس ماھىرلىرى جەم بولۇپ، شۇ يىلى ئاسىيا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈردى.

بارىنىڭ ھەقىقىي بىر توپ بىلەن نام چىقارغىنى ئاسىيا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە ناگويا گۇرانپاسۇ بىلەن ئوينالغان مۇسابىقە بولدى. بارىنىڭ دادىسى ۋە دوستلىرى نەق مەيدانغا كەلدى، مۇسابىقىدىن بۇرۇن نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيتتى.

«بارىنىڭ دۇنياۋى توپى باتىستۇتانىڭكىگە ئوخشايدۇ»، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى سېخىيلىق بىلەن ماختىدى، نېمىلا دېگەن بىلەن بارى مۇسابىقىدە بىر ياردەمچى پاس چىقاردى، بىر دۇنياۋى توپنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق لۈچېڭنىڭ غەلىبە قىلىشىغا ياردەم بەردى، شۈياڭ مۇسابىقىنىڭ غەلىبىسىنى جۇڭگو توپ مەستانىلىرى كۈنى دېيىشكە بولىدۇ، دېدى.

ۋۇ جىنگۇي ئادەتتىكىگە ئوخشاش تەمكىن بولۇپ، كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە بارىنى ئاددىيلا ماختاپ: «بۈگۈنكى ئىپادەڭ يامان ئەمەس، يەنىمۇ تىرىش» دېدى. ۋۇ جىنگۈي ياشلارنىڭ مەغرۇرلىنىپ كېتىشىنى خالىمايدۇ، ئۇ بۇنداق قىلسا نۇرغۇن ياشلارنىڭ توغرا ئورۇنغا قويۇلمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. بارنىڭ دادىسى بولسا ئەكسىچە، مۇسابىقىدىن كېيىن خۇشاللىق ئىچىدە بالىسىنى ماختىدى.

بارى: «ئۇ چاغدا پۈتۈن ۋۇجۇدۇمدا پۇتبول، باشقا نەرسە يوق، شۇ چاغلار بەك ياخشى ئىدى، شۇ ھېسسىيات ئىنتايىن قالتىس»

بارى ھەقىقەتەن بىر توپ بىلەن نام چىقاردى.

2. «قاپقىغا توپ تەپمەي قانداق ئۇتقىلى بولىدۇ؟»[تەھرىرلەش]

تەڭ دېمەتلىك شىنجاڭلىق توپچىلار ئىچىدە بارىنىڭ داڭقى ئەڭ بالدۇر چىققان، كېيىن شىنجاڭدىن چىقىپ شېنجىنغا بارغان دىلمۇراتمۇ بارىغا ھەۋەس قىلىدۇ، ئۇنىڭ توپ ئوينىيالىشىغا، ئەركىنلىكىگە ھەۋەس قىلىدۇ.

تۇنجى قېتىم پۇل تاپقان بارى ئاۋۋال چوڭلارغا بىر يۈرۈش ئۆي، دادىسىغا بىر ئاپتوموبىل سېتىۋالدى، بارى شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى كۆكتوقاي ناھىيىسى كۆكتوقاي بازىرىدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئائىلە شارائىتى ناچار ئىدى. ئىچكىرى ئۆلكىگە بېرىشتىن بۇرۇن بارىدا ھېچنېمە يوق ئىدى. بارى: «ئازراقلا پۇل بولسا كۆڭلۈمدە ئۆزگىرىش بولىدۇ، نېمە سېتىۋالماقچى بولسام شۇنى سېتىۋالىمەن، خىيالىغا كەلگەننى قىلدىم» دېدى، كېيىن بارى ئۈرۈمچىدىنمۇ بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋالدى.

ئۇ چاغدا بارى شىنجاڭلىق توپچىلارنىڭ ئۈلگىسى ئىدى، دىلمۇرات مۇنداق دېدى: «بارىنىڭ مىجەزى ئوچۇق، نەگىلا بارسا تېزلا كۆنۈپ كېتىدۇ، ھازىر ئۇ ئاتا-ئانىسىغا ئۆي ۋە ئاپتوموبىل ئېلىپ بەردى، ئۇ رايونىمىز توپچىلىرىنىڭ ئۈلگىسى.»

گەرچە رايونىمىز پۇتبولچىلىرىنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن لۈچېڭ كوماندىسىدا سەپداشلىرى بارىنى «شياۋ لى» دەپ ئاتاشنى ياخشى كۆرەتتى، بارى بىلەن دۇ ۋېي، جياڭ بولارنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، مەشىقتە كۆپچىلىك ناھايىتى كۆپ پاراڭلىشاتتى، ئەمما تۇرمۇش يەنە ئۆزلىرىگە تەۋە ئىدى.

كوماندىدىكى ئۆزگىرىش ناھايىتى تېز بولدى، ۋۇ جىنگۈي ترېنېرلىقتىن چۈشكەندىن كېيىن، لۈچېڭ ياپونىيىلىك باش ترېنېر ئوكادا تاكېشىنى كۈتۈۋالدى. ئوكادا تاكېشى كوماندىغا كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي بارىنى تەييارلىق كوماندىسىغا چۈشۈرۈپ قويدى، لېكىن بارى پۇتبولنى ئادىل دەپ ئويلىدى، بارى: «تىرىشسىڭىزلا ترېنېرمۇ كۆرىدۇ، توپ مەستانىلىرىمۇ بىلىدۇ» دېدى.

ئوكادا تاكېشى كوماندىغا كەلگەندىن كېيىن ئالدىنقى بىر نەچچە مەيدان مۇسابىقىسى ئوڭۇشلۇق بولمىدى، لۈچېڭ توپچىلىرىدىن چېن جۇڭليۇ، شى كې تېخى ياش ئىدى، بارى ئىزچىل «تاماشىبىن» بولۇپ كەلدى، لېكىن تىرىشىشتىن ۋاز كەچمىدى. بارى: «كېيىن ئۆزەممۇ تىرىشتىم، ئوكادا تاكېشى پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىپ، مېنىڭ يامان ئەمەس ئالاھىدىلىكىم بارلىقىنى ھېس قىلدى، ئۇمۇ مېنى ئىشلىتىشكە باشلىدى. ئوكادا تاكېشى بەك ياخشى ئادەم» دېدى.

ئوكادا تاكېشى كېيىن بارىنى ئاساسلىق توپچى قىلدى، لۈچېڭ 3:1 نەتىجىدە شۈنتيەنگە ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، بارى تېلېكامېرانىڭ سۈرەتكە ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلمەي: «ئۇ يەردىن بۇ يەرگە پاس بېرىپلا قاپقىغا توپ تەپمىسەك قانداق ئۇتىمىز؟» دەپ سالدى. كېيىن بارى: «مەن بۇنداق زىياننى كۆپ تارتتىم، شۇ چاغدا ناھايىتى ھاياجانلىنىپ كېتىپ، مۇشۇ گەپنى دەپ ساپتىمەن، ترېنېر مېنى خاتا چۈشىنىپ قالدى» دېدى. بارىنىڭ كوماندىدا ھەقىقىي جازالىنىشىغا كېيىنكى ئىشلار سەۋەب بولدى.

بارىنىڭ قىز دوستى ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ: «ئەتە مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم، قايتىپ كېلىپ تۇغۇلغان كۈنۈمنى ئۆتكۈزۈپ بېرىڭ» دېدى، ئەينى چاغدا لۈچېڭ ئىككىنچى كۈنى مېھمان مەيدانغا بېرىپ لياۋنىڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشەتتى، بارى يەنىلا كوماندىدىكى ئاساسلىق توپچى ئىدى، ئۇ ئوكادا تاكېشىنى تېپىپ بىئارام بولدۇم دەپ يالغان ئېيتىپ رۇخسەت سورىدى، شۇنىڭ بىلەن ئوكادا تاكېشى روخسەت بەردى. بارى ئىككىنچى كۈنى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدى. ئەمما لۈچېڭ كوماندىسى ئولتۇرغان ئايروپىلان ھاۋا رايى سەۋەبىدىن ئۇچالمىدى، كوماندا يەنە مەشىق بازىسىغا قايتتى.

ئوكادا تاكېشى ئۆزىنىڭ شاگىرتىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئېسىگە ئېلىپ، بارىنىڭ ياتىقىغا باردى، لېكىن بارىنى تاپالمىدى. كوماندا يېتەكچىسى بارىغا تېلېفون قىلىپ بارىنىڭ قەيەردىلىكىنى سورىدى، بارى ئۆزىنىڭ دوختۇرخانىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، كوماندا يېتەكچىسى ئىشەنمىدى، كوماندا يېتەكچىسى: «مېنى ئالدىما بارى، مەن سېنىڭ ئۈرۈمچىدە ئىكەنلىكىڭنى بىلىمەن» دېدى.

بارى كوماندا تەرىپىدىن جازالاندى. ئۇ ئۈرۈمچىدە بىر ئاي تۇردى، بۇ مەزگىلدە قىز دوستىغا ھەمراھ بولدى، ئارىلىقتا پەقەت شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمئىيىتىگە بېرىپ مەشىق قىلدى. بارى كېيىن چۈشىنىپ يەتتى، ھەم كۆڭلى يېرىم بولدى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن كوماندىدىن كەچۈرۈم سورىدى، ئوكادا تاكېشى كېيىن بارنىڭ قايتىپ كېلىشىگە قوشۇلدى.

كوماندىغا قايتىپ كەلگەن تۇنجى كۈنى، ئوكادا تاكېشى ئىلگىرىكى ئاداۋەتلەر بىلەن ھېسابلاشماي چاقچاق قىلىپ قويدى، ئۇ بارىنى پۈتۈن كوماندىنىڭ ئالدىغا چاقىرىپ: «بۈگۈن بىزنىڭ كوماندىغا يېڭى بىر توپچى كەلدى، ئىسمى بارى» دېدى.

بارى: «شۇ چاغدا شۇنداق ئەخمەق ئىكەنمەن، بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىمۇ ئوينىمىدىم، جازالاندىم» دېدى. بارى قىز دوستىغا بەكلا ئەستايىدىل ئىدى، مەخسۇس تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن قايتىپ كەلدى، شۇ قىز كېيىن ئۇنىڭ خوتۇنى بولدى، بارى ئۇنىڭ سۈرىتىنى بىلىكىگە چېكىۋالدى. بارى: «مەن ھازىرقى ياشلارنىڭ مۇھەببەت ئۈچۈن ئۆز كەسپىدىن ئايرىلىپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

3. «باشقىلارنىڭ ئاغزىدىكى بارى»[تەھرىرلەش]

بارىنىڭ ھەقىقىي باشقىلار تەرىپىدىن كەسپىي ساپاسى ناچار دېيىلىشى لۈچېڭدىكى توختام ئىشى ئىدى.

بارى: «مەن ئەزەلدىن ھېچكىمنى ئويناتقىلى ئېلىپ چىقىپ باقمىغان، مەنمۇ ھېچقانداق ئىنىمنى ئويناتقىلى ئېلىپ چىقىپ باقمىغان» دېدى. نۇرغۇن ئىشلارنىڭ سەۋەبى توختام ئۇزارتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان مەسىلە. كېيىن بارى جياڭسۇ شۈنتيەنگە يۆتكەلدى، دراگان ئوكۇكا باش ترېنېر بولغان چاغلاردا بارى نۇرغۇن مۇسابىقىلەرنى ئوينىدى، ئەمما گاۋ خۇڭبو كەلگەندىن كېيىن، بارى يەنە بىر قېتىم تەييارلىق كوماندىسىغا چۈشۈرۈۋېتىلدى. بارى: «گاۋ يېتەكچى كەلگەندىن كېيىن، مەن پۇرسەت تېخىمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن، دەپ ئويلىغانىدىم، ئەمما ئۇ كەلگەندىن كېيىن، بىرىنچى كۈنى ئۆزىنى كۆرمەي تۇرۇپلا مېنى تەييارلىق كوماندىسىغا قويۇپ قويدى» دېدى.

ئىپادىلىمەكچى بولغان مەنا ئېنىق بولدى، كوماندىنىڭ پىلانىدا بارى يوق.

بارى بۇنى ئۆزىنىڭ كەسپى ھاياتىدىكى ئەڭ ناچار پەيت، ئېغىز ئاچمىقىم تەس دېدى. ئۇ شۈنتيەندىن شىنجاڭغا ئىجارىگە بېرىلدى، ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ ھەرخىل گەپ-سۆزلەر ئۇنىڭغا ھەمراھ بولدى.

«بارىنى مەن باشقۇرالمايمەن، ساپاسى بەك ناچار، بۇ بالىنى باشقۇرالمايمەن» باش ترېنېر بارىنىڭ خاراكتېرىنى بېكىتتى. بارى: «ئەمەلىيەتتە مەن ئۇنداق ئەسكى ئەمەس، مېنىڭ ئۇنداق يامان نىيىتىم يوق، مېنىڭ مىجەزىم تۈز خالاس» دېدى.

2015-يىلى بارى جياڭسۇغا قايتىپ كەلدى، ئۇ يەنە بىر قېتىم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ترېنېرنى ئىزدىدى، ئىككىيلەن كۆپ پىكىر ئالماشتۇردى، ئۇ ئوخشاشلا گاۋ يېتەكچىنى ناھايىتى ياخشى دېدى، نېمىلا دېگەن بىلەن پۇتبولدا ئادىللىق بار ئىدى.

چىڭداۋغا كەلگەندە، بارى يەنىلا تالاش-تارتىش بىلەن بىللە ئىدى. «بۇ ئادەم زادى بولامدۇ-بولمامدۇ؟» چىڭداۋدا تۇرغان تۆت يىلدا بارى خېلى پىشىپ قالدى، بارى: «مەن ئەزەلدىن بىر كوماندىدا ئۈچ يىلدىن ئارتۇق تۇرۇپ باقمىغان، بۇ مېنىڭ يۇرتۇم، خۇاڭخەينىڭ خوجايىنى ماڭا ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىدۇ، ئۇ مېنىڭ قىيىنچىلىقىمنى بىلىدۇ، ماڭا ياردەم قىلىدۇ، ماڭا ئىلھام بېرىدۇ، ئۇمۇ توپنى چۈشىنىدىغان ئادەم» دېدى. بارىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كىشى ئۇ كۆرگەن ئەڭ قالتىس ئادەم ئىكەن.

بارلىق گۇمان سادالىرى بارىنىڭ قالتىس ئىپادىسىگە ئەگىشىپ يوقالدى. ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر بارىنى «لى ئاكا» دەپ چاقىرىدۇ، بارى: «ۋاقىت بەك تېز ئۆتۈپ كەتتى» دېدى.

4. «مىرەخمەتجان نېمە ئۈچۈن قىلالايدۇ؟»[تەھرىرلەش]

بارى تۇرۇشلۇق چىڭداۋ خۇاڭخەي بىلەن مىرەخمەتجان تۇرۇشلۇق شاڭخەي شاڭگاڭ بىۋاستە ئۇچراشتى.

بارى سۇڭ چىڭلىڭ پۇتبول مەكتىپىدە چوڭ بولغان، نۇرغۇن شىنجاڭلىق بالىلارغا ئوخشاش، كىچىكىدىن تارتىپلا ھويلىدا توپ تەپكەن، مىرەخمەتجان كىچىكىدىن باشلاپلا لۇنېڭ پۇتبول مەكتىپىگە بېرىپ، خېلى بۇرۇنلا كەسپىي پۇتبول مۇسابىقىسىگە قەدەم قويغان. مىرەخمەتجان ئۆزىنىڭ نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى، نېمىنى قىلماسلىقىنى تېخىمۇ ئېنىق بىلىدۇ، تېخىمۇ تېز ماسلىشالايدۇ. ئىككىيلەن ئەڭ دەسلەپكى مەزگىلدە شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ سەركىسى ئىدى. بارى: «باشقىلار بىزنىڭ توپ تەپكىنىمىزنى كۆرگەندىن كېيىن، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئوقۇشتىن ۋاز كېچىپ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە باردى، ۋەلى، ئىلھامجاننىڭ ھەممىسى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە باردى، ئىلگىرى ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىلمەيتتى، ئۇلارنىڭ ئىدىيەسىدە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ تەرەققىي قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. كېيىن مىرەخمەتجان بىلەن مەن بۇ ۋەزىيەتنى بۇزۇپ تاشلىدۇق» دېدى.

بارى: «كىچىك ۋاقتىمدا مەن دۆلەت ئۆسمۈرلەر كوماندىسىغا كىرىپ باقمىغان، مىرەخمەتجان كىرگەن، دۆلەت ياشلىرى، دۆلەت ئولىمپىك، دۆلەت كوماندىسىنىڭ ھەممىسىگە مىرەخمەتجان كىردى، مەن ھەمىشە ئۆزەمنى مىرەخمەتجان بىلەن سېلىشتۇرىمەن، نېمىشقا مىرەخمەتجان ھەمىشە تاللىنىيالايدۇ، مەن نېمىشقا قىلالمايمەن؟» دېدى.

بارى كېيىن ئۆزىمۇ بۇ سوئالغا جاۋاب بەردى، ئۇ ئاچچىق كۈلدى ھەم ئۆزىنى مەسخىرە قىلدى. بارى: «مىرەخمەتجاننىڭ كەسپىي تەنھەرىكەتچى ئېڭى شىنجاڭلىق باشقا توپچىلارنىڭكىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن، ئۇ ھەقىقىي كەسپىي توپچى، لېكىن بىزگە ئوخشاشلار توپ تېپىپ بولغاندىن كېيىن نېمە قىلىشنى بىلمەيمىز، شۇڭا بىز بۇ دەرىجىگە يەتتۇق. ئەمەلىيەتتە مېنىڭ شەخسىي تالانتىم، شەخسىي توپ ماھارىتىم ئەينى چاغدا شىنجاڭلىق توپچىلارنىڭ ئىچىدە يامان ئەمەس ئىدى، مەن ئۆزۈمگە قاتتىق تەلەپ قويمىغاچقا، بەزى چاغلاردا تۇرمۇش ئادىتىم، جەمئىيەتتىكى دوستلىرىمنىڭ تەسىرى ناھايىتى ئېغىر، شۇڭا مېنىڭ داۋالغۇشۇم بىر قەدەر چوڭ بولدى. شۇڭا مەن بۈگۈنكى كۈنگە قالدىم، مەن مىرەخمەتجانغا بەك قايىل» دېدى.

بارى ئىلگىرى لۈچېڭغا بېرىپ توپ تەپكەن چاغلىرىنى، يۈز يۈەنلىك خۇشاللىقىنى ناھايىتى سېغىندى، چۈنكى شۇ چاغلاردا ۋۇجۇدىدا پەقەت پۇتبوللا بار ئىدى، لېكىن ئۇ ئەسلەشنىڭ پايدىسى يوقلۇقىنى بىلەتتى.

بارى: «ئەگەر قايتا تاللاش پۇرسىتى بولسا ئىدى، مەن چوقۇم قايتىپ كېتىمەن، چوقۇم باشقا ئىشلارغا بېرىلمەي پەقەت پۈتۈن زېھنىم بىلەن پۇتبول ئويناشنى تاللايتىم. بۇرۇن ئۆزۈمنى بەك ئەخمەقتەك ھېس قىلدىم، بەزى زۆرۈر بولمىغان ئىشلار بىلەن ئۆزۈمنى نابۇت قىلدىم، بەك پۇشايمان قىلدىم. مەن ھازىر پەقەت كەمتەر بولۇپ، ياخشى تىرىشىپ، دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىنى ياخشى ئويناپ، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن مۇسابىقىنى ياخشى ئويناشنىلا ئويلايمەن» دېدى.

ارى بىر ھېكايە سۆزلىدى، بىر كىچىك ھېكايە

بارى: «كىچىك ۋاقتىمدا تەخمىنەن يەتتە-سەككىز ياشتا، بىرى بىزگە توپ تېپىشنى ئۆگىتىپ قويغاچقا، مەن پۇتبولنى ياخشى كۆرۈپ قالغان. مەھەللىمىزدىكى مەكتەپتە ئوقۇغان ئاكام بىزنى باشلاپ توپ ئويناتقان، ئاكامنىڭ بىر نەچچە ئېغىز گېپى بىلەن بىز بۇ كەسىپكە قەدەم قويدۇق، ئاددىي بىر نەچچە ھەرىكەت بىلەنلا پاس بەردۇق، پۇتبولنىڭ خۇشاللىقى مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ» دېدى.

تاراتقۇلارنىڭ بىر <ئەسكى سولتەك>نىڭ ئوبرازىنى يارىتىشى ناھايىتى ئاسان، ھەم بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى ئاسانلا يوققا چىقىرىدۇ. ئۇ بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىنىڭ زىيادە كۆپتۈرۈپ خەۋەر قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلمايدۇ، لېكىن بارى ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىگە يۈزلىنىشكە جۈرئەت قىلالىدى.

بارى بۇ يىل 30 ياشقا كىردى، بىراق كېچىككەن ھېسابلانمايدۇ.

كەسپى ھاياتى ئىستاستىكىسى[تەھرىرلەش]

كۇلۇب، مەيدانقا چىقىش سانى، نىشان سانى (كىرگەن توپ سانى) ئىستاستىكىسى
كوماندا پەسىل بىرلەشمە دۆلەتلىك لوڭقا مۇسابىقىسى قىتەلەر ئارا باشقىلار جەمئىي
گۇرۇپپىلار مەيدان سانى نشان مەيدان سانى نىشان سانى مەيدان سانى نىشان سانى مەيدان سانى نىشان سانى مەيدان سانى نىشان سانى
شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتاريەسى 2007 China League Two - - -
2008 - - -
جەمئىي 13 0 0 0 0 0 0 13
خاڭجوۋ يېشىل شەھەر 2010 جوڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى 16 1 - - - 16 1
2011 21 3 0 0 5 1 - 26 4
2012 17 3 1 0 - - 18 3
جەمئىي 54 7 1 0 5 1 0 0 60 8
جياڭسۇ سۇنىڭ 2013 جوڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى 11 0 1 0 2 0 1 0 15 0
2015 6 0 2 1 - - 8 1
جەمئىي 17 0 3 1 2 0 1 0 23 1
شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى 2014 جوڭگو ئا دەرىجىلىكلەر 16 3 0 0 - - 16 3
چىڭداڭ خۇاڭخەي 2016 جوڭگو ئا دەرىجىلىكلەر 20 1 1 0 - - 21 1
2017 21 2 1 1 - - 22 3
2018 29 0 1 0 - - 30 0
2019 27 1 0 0 - - 27 1
جەمئىي 97 4 3 1 0 0 0 0 100 5
كەسپى ھاياتى جەمئىي 184 27 7 2 7 1 1 0 199 30

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. ئېنگلىزچە ۋىكى قامۇسى
  2. نۇر تورى: https://www.nur.cn/news/2020/08/9608910.shtml