باريېردىن ئاتلاپ يۈگۈرۈش

ئورنى Wikipedia
باريېردىن ئاتلاپ يۈگۈرۈش

باريېردىن ئاتلاپ يۈگۈرۈش17 ~18-ئەسىرلەردە ئەنگلىيىدە بارلىققا كەلگەن. ئۇ ۋاقىتتا ئەنگلىيىنىڭ چارۋىچىلىقى ئىنتايىن روناق تاپقان بولۇپ، ھەرىكەتكە ئامراق ياش پادىچىلار ھەمىشە قوتان قاشاسىدىن سەكرەپ كىرىپ، سەكرەپ چىقىپ، ئۆزئارا قوغلاشماق ئويناپ كۆڭۈل ئاچقان. بۇ خىل ئويۇننىڭ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىشى بىلەن ھازىرقى زامان باريېردىن ئاتلاش ھەرىكىتى بارلىققا كەلگەن.

تەرەققىيات جەريانى[تەھرىرلەش]

1864 - يىلى ئەنگلىيىلىكلەر باريېردىن ئاتلاپ يۈگۈرۈشنى يېنىك ئاتلېتىكا تۈرىگە كىرگۈزگەن. ئەڭ دەسلەپكى باريېردىن ئاتلاپ يۈگۈرۈشلەردە قىياپەتكە دىققەت قىلىنمىغان، سۈرئىتىمۇ ئاستا بولغان. 1897 - يىلى ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى گېرمانىيىلىك كرونېس لەين ئىلغار «ئاتلاش قەدىمى» نى ئىجاد قىلىپ، پۇتنى تۈزلەپ ئاتلاش تېخنىكىسىنى قوللانغان. 1907-يىلى ئامېرىكىلىق سىمىتسون باريېردىن ئۆتكەندە گەۋدىنى يېرىم ئېڭىشتۈرۈش قىياپىتىنى قوللانغان ۋە 1908-يىلى 4-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا 110 مېتىرلىق ئېگىز باريېر (7.106 سانتىمېتىر) دىن ئاتلاپ يۈگۈرۈشنى دەل 15 سېكۇنتتا تاماملاپ، تۇنجى دۇنيا رېكورتىنى ياراتقان. ھازىر بۇ تۈرنىڭ دۇنيا رېكورتى 12 سېكۇنت 1.9 دەقىقىغە كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنى ئەنگلىيە تەنھەرىكەتچىسى جاكسون 1993-يىل 8-ئايدا ياراتقان.

ئەرلەر 400 مېتىرلىق باريېرنىڭ ئېگىزلىكى 4.91 سانتىمېتىر بولۇپ، ئۇنىڭ تۇنجى دۇنيا رېكورتى 55 سېكۇنت بولغان. ھازىر بۇ تۈرنىڭ دۇنيا رېكورتى 46 سېكۇنت 8.7 دەقىقە بولۇپ، ئامېرىكا تەنھەرىكەتچىسى كېۋىن يان 1992-يىلى ياراتقان.

ئاياللارنىڭ باريېردىن ئاتلاپ يۈگۈرۈشىدە دەسلەپ پەقەتلا 80 مېتىرلىق پاكار باريېر بولغان. 1969-يىلى ئاندىن 100 مېتىرلىق باريېرغا ئۆزگەرتىلگەن. نۆۋەتتە بۇ تۈرنىڭ دۇنيا رېكورتى 12 سېكۇنت 1.2 دەقىقە بولۇپ، بۇلغارىيىلىك دونكېۋا 1988-يىلى ياراتقان. 1973 - يىلىدىن باشلاپ خەلقئارادا ئاياللار 400 مېتىرلىق باريېر تەسىس قىلىنغان. 1993-يىل 8-ئايغا كەلگۈچە بۇ تۈرنىڭ دۇنيا رېكورتىنى ئەنگلىيە تەنھەرىكەتچىسى گۇننار ساقلاپ كەلمەكتە. نەتىجىسى 52 سېكۇنت 4.7 دەقىقە.

ئېلىمىزنىڭ باريېر تەنھەرىكىتى[تەھرىرلەش]

ئېلىمىزنىڭ باريېر تەنھەرىكەتچىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېز تەرەققىي قىلماقتا. بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ 100 مېتىرلىق باريېرىدا فۇجيەن ماھىرى ليۇ خۇاجىن6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا 12 سېكۇنت 9.8 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن تەيۋەنلىك ماھىر جى جېڭ ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ساقلاپ كەلگەن ئاسىيا رېكورتىنى يېڭىلاپ، 1990-يىلى بېيجىڭ ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىدا نەتىجىنى يەنە 12 سېكۇنت 3.7 دەقىقىگە كۆتۈرگەن. 1993-يىل 9-ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا تيەنجىنلىك ماھىر جاڭ يۈ بۇ تۈرنىڭ نەتىجىسىنى12 سېكۇنت4.6 دەقىقىغە كۆتۈرۈپ، ئاسىيا يېڭى رېكورتىنى ياراتقان. لى تۇڭ 13 سېكۇنت 8.6 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن ئەرلەر 110 مېتىرلىق باريېرنىڭ ئاسىيا رېكورتىنى ساقلاپ كەلمەكتە.