باققاللىق

ئورنى Wikipedia

     دىيارىمىز مېۋە – چېۋە ماكانى. خەلقىمىز مېۋە –  چېۋە تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى ‹‹باققال››، بۇ كەسىپنى ‹‹باققاللىق›› دەپ ئاتايدۇ. باققاللىق ھۆل مېۋىچىلىك، قۇرۇق مېۋىچىلىكتىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ.

   ھۆل مېۋە باققاللىرى ئۆرۈك، شاپتۇل، توغاچ، ئەنجۈر، ئالما، ئانار، ئامۇت، نەشپۈت، بېھى، ئالگىرات، ئەينۇلا، ئۈزۈم، ناك، ئۈجمە، گىلاس، قوغۇن – تاۋۇز، چىلگە قاتارلىق مېۋە –  چېۋىلەرنى ئېلىپ ساتىدۇ. بۇ مېۋىلەر بىر – بىرىگە ئۇلۇشۇپ يېتىلىپ (ھازىر يىل بويى)، بازارلارنى ئەلۋەكلەشتۈرۈپ، باققاللارنىڭ تىجارىتىنى جانلاندۇرىدۇ.

   باققاللار توپ ئېلىپ پارچە سېتىش ياكى باغنى كۆتۈرە ئېلىپ توپ ۋە پارچە سېتىش شەكلىدە ئىش كۆرىدۇ. باققاللارنىڭ ھۆل مېۋە – چېۋىلەرنى سېتىشى ئۆزگىچە بولۇپ، ئۇلار مېۋىلىرىنى جەلىپكار ئىدىيوملار بىلەن سۈپەتلەپ خېرىدار چاقىرىدۇ، مېۋىلىرىنى ئالدىن خېرىدارغا تېتىتىپ ئاندىن ساتىدۇ.

   قۇرۇق مېۋە باققاللىرى قۇرۇتۇلغان ئۈزۈم، گۈلە، جىگدە، ياڭاق، پىستە، بادام، قاق، چىلان، قارائۆرۈك قاتارلىق قۇرۇق مېۋىلەرنى توپ ئېلىپ توپ ۋە پارچە ساتىدۇ، قوشۇمچە قەنت، ناۋات، پاتازا، پەشمەكلەرنىمۇ ساتىدۇ.

قۇرۇق يىمىشچىلەر مېۋىنىڭ سۈپىتى ۋە تازىلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. خېرىدارلارنى جەلپ قىلىش باققاللارنىڭ ئەڭ زور ئالاھىدىلىكى. ئۇلار كەڭ قورساق بولۇپ، سۈپەتسىز مال تۇتمايدۇ، ماللىرىغا بىھۇدە يۇقىرى باھا قويۇۋالمايدۇ، خېرىدارلار بىلەن ئارتۇقچە باھا تالاشمايدۇ. ئىلگىرى ھۆل مېۋە ساتىدىغانلاردا تارازىدا ئۆلچەپ سېتىش ئادىتى بولمىغان، كېيىنكى چاغلاردا، بولۇپمۇ بازار ئىگىلىكىگە يۈزلەنگەندىن بۇيان مېۋە – چېۋە سودىسىدا تارازا ئىشلىتىشتەك ئۆلچەملىك سودا ئادىتى ئومۇملاشتى.