بالىلاردا مەسئۇلىيەتچانلىق سۈپىتىنى يېتىلدۈرۈش

ئورنى Wikipedia

ئەليۈكسەل

    يېقىندا بىر ئىنىمىز ماڭا ئۆزىنىڭ يەھۇدىلار، ياپونلار ۋە گېرمانلارنىڭ بالا تەربىيىلەش ئۇسۇللىرى ھەققىدە كىتاب ئىزدەۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، مەندىن بۇ ئىشتا ياردەم سورىدى.  شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن تورلارنى ئىزدەپ، يەھۇدىلارنىڭ بالا تەربىيىسىنى قانداق ئېلىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدە مۇتەخەسسىسلەر تەييارلىغان ياخشى ماقالىلەردىن بىر قانچىنى ئۇچراتتىم.  ھەمدە ئالدىنقى ھەپتە «بالىلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم مىجەز (سۈپەت)» دېگەن ماقالىدە ئۆزىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىلىش كىشىلىك سۈپىتى ناھايىتى مۇھىم بولسىمۇ، بالىلارنىڭ ئۆزىنى كونتروللاش كىشىلىك سۈپىتى ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە كىشىلىك خاراكتېر، ئوقۇش بىلەن خىزمەت، ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىشىدا ھالقىلىق رول ئوينايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتۈم.

مەن ئۆزۈمنىڭ ھازىرغىچە بولغان ھاياتىدا يەھۇدىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.  يەھۇدىلارنى كەمسىتىدىغان ئىش يۈز بەرگەندە، ئۇنى كىم (قانداق ئادەم، قانداق تەشكىلات، قانداق مەتبەئە ئورنى، قانداق مىللەت ۋە قانداق دۆلەت) قىلغانلىقى، ۋە قەيەردە قىلغانلىقىدىن قەتئىينەزەر، پۈتۈن يەھۇدىلار ناھايىتى ياخشى ئويۇشۇپ، ناھايىتى ياخشى ماسلىشىپ، قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، كەمسىتكۈچىگە چۆچۈگۈدەك ۋە پۇشايمان يېگۈدەك دەرىجىدە زەربە بېرىدىغانلىقىنى كۆپ كۆردۈم ۋە ئاڭلىدىم.  ھازىر ئويلاپ باقسام، ئەسلىدە يەھۇدىلار ئۆزىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىلىش، ئۆزىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلاش، ۋە ئۆزىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش كىشىلىك سۈپىتىنى بالىلىرىدا كىچىك ۋاقتىدىلا يېتىلدۈرىدىكەن.  يەھۇدىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئاشۇنداق بىر ئاڭغا ئىگە بولىشىنى ئۇلارنىڭ بالا تەربىيىسىنى ھەممەيلەن تەكشى ھالدا ناھايىتى سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.  بۇنداق ئەھۋال ياپونلار ۋە گېرمانلاردىمۇ ئوخشاشلا مەۋجۇت.

مەن مەزكۇر ماقالىدا بالىلاردا مەسئۇلىيەتچانلىق سۈپىتىنى يېتىلدۈرۈش مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىمەن.  مېنىڭ بۇ قېتىم پايدىلانغىنىم بىر يەھۇدىدىن بولغان مۇتەخەسسىس تەييارلىغان «يەھۇدىلارنىڭ بالىلارنى مەسئۇلىيەتچان قىلىپ تەربىيىلەشتىكى تەجرىبە-ساۋاقلىرى» دېگەن ماقالىسى. ماقالىنىڭ ئاپتورى بىر يازغۇچى، لېكسىيەچى ۋە تەشكىلاتلار دىنامىكىسى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغۇچى ئىكەن.  ئۇ داۋاملىق يەھۇدىلار ھەققىدە ماقالە يېزىپ ئېلان قىلىپ تۇرىدىكەن.

1-رەسىم: بالىلاردا يېتىلدۈرۈشكە تېگىشلىك بىر قىسىم مۇھىم كىشىلىك سۈپەتلەر

ھازىرقى زامان ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، كىچىك ۋاقتىدا تولۇق ئەركىنلىككە ئىگە بولالمىغان بالىلار چوڭ بولغاندا ئېغىر مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىدۇ.  ئاتا-ئانىلار ھەددىدىن زىيادە قاتتىق قوغداپ چوڭ قىلغان بالىلار چوڭ بولغاندا ئاسانلا ئەنسىرەش ۋە چۈشكۈنلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. ئۇلاردا بىر ئىش ھەققىدە قارار ئېلىش ۋە ھەر خىل تاللاشلار ئىچىدىكى ئەڭ ياخشىسىنى تاللاشقا ئوخشاش تۇرمۇشتا زۆرۈر بولغان ماھارەتلەر كەم بولىدۇ.   ئۆز نىشانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئۆزلىرىدە بار بولغان قابىلىيەتلەر توسالغۇغا ئۇچرايدۇ.  كىچىگىدىنلا ئۆز ئالدىغا تەۋەككۇل قىلىپ، ئەركىن چوڭ بولغان بالىلاردا بولسا يۇقىرىدىكىدەك ئىشلار كۆپ ئاز ئۇچرايدۇ.

ئىسرائىلىيىدە بالىلارنىڭ ئەركىن چوڭ بولىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان مۇھىتلار تولۇق بار.  ئۇنىڭدىن باشقا، يەھۇدىلاردا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان مەدەنىي نىزامىمۇ بار.  بالىلارنى قەدىرلەش، بالىلارنى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئىش قىلىدىغان ئادەملەردىن قىلىپ تەربىيىلەش ئۇزۇن مۇددەتلىك يەھۇدى ئەنئەنىسىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولۇپ كەلدى.  تەۋراتنىڭ رەببىلىرى ھەممە دادىلاردىن ئوغلىغا كەم دېگەندە بىر خىل سودىنى ئۆگىتىش، ھەمدە ئوغلىغا چوقۇم سۇ ئۈزۈشنى ئۆگىتىشنى تەلەپ قىلىپ كەلدى.  بالىسىغا مۇستەقىل ئىش قىلىشنى ئۆگىتىش ئاتا-ئانىلارنىڭ ۋەزىپىسى بولۇپ، سۇ ئۈزۈش مۇستەقىل ئىش قىلىشنىڭ بىر ئەڭ ياخشى مىسالىدۇر.  يەھۇدىلار ئۈچۈن بالىسىغا بىر يات مۇھىتتا ۋە بىر خەتەرلىك مۇھىتتا ياشاش، ھەر خىل ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ماھارەتلەرنى ئۆگىتىش ئاتا-ئانىنىڭ ۋەزىپىسى.

بۇنداق ماھارەتلەرنىڭ بىر قىسمىنى باشقىلارغا مەسئۇل بولۇش ئارقىلىق ئۆگەنگىلى بولىدىغان بولۇپ، يەھۇدى بالىلىرى ئاشۇنداق مەسئۇلىيەتلەرنى ناھايىتى كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.  مەسىلەن، يەھۇدى ئائىلىلىرىدە  بىر 10 ياشلىق بالا ئۆزىنىڭ ئىنىسى ياكى سىڭلىسىدىن خەۋەر ئالىدىغان، ئۇلارغا تاماق يېگۈزۈش ۋە ئۇلارنىڭ پوق لاتىلىرىنى ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىغىچە قىلىدىغان ئىشلار ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ.  ئىنىسى ياكى سىڭلىسى يوق بالىلارغىمۇ يەھۇدى دىنى تەلەپلىرى بويىچە باشقا بىر قىسىم مەسئۇلىيەتلەر بېرىلىدىغان بولۇپ، شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ بالىلار ئۆزلىرىنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىگە قانۇنىي جەھەتتىنمۇ مەسئۇل بولىدۇ.

يەھۇدى بالىلىرىغا ئاتا-ئانىلارنى ھۆرمەتلەش ۋە قەدىرلەش جەھەتتىمۇ بىر قىسىم ئالاھىدە مەسئۇلىيەتلەر يۈكلەنگەن.  بۇ ھەقتە يەھۇدى قانۇنلىرى توپلىمى (Talmud) تىمۇ مەخسۇس بەلگىلىمىلەر بار بولۇپ، ئۇلار ئاتا-ئانىلارغا ماددىي ياردەم قىلىش، ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن ھەر خىل ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ بېرىش، دادىسىنىڭ ئورۇندۇقىدا ئولتۇرۇۋالماسلىق، ۋە ئاپىسىنىڭ سۆزىنى باشقىلار ئالدىدا تۈزەتمەسلىك قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  يەھۇدىلارنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە بالىلار ئاتا-ئانىسىنى ئەركىلىتىپ، ئاتا-ئانىلار بالىسىنى ئەركىلەتمەيدۇ.  يەھۇدىي قانۇنىدا ئەنە شۇنداق بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى مەلۇم دەرىجىدە ئەركىلىتىدۇ.  شۇڭلاشقا بۇ قانۇن بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلارنى ئەركىلىتىشى بىلەن ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنى ئەركىلىتىشى ئوتتۇرىسىدا بىر خىل تەڭپۇڭلۇقنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

يەھۇدىي مەدەنىيىتى ھوقۇق ياكى ئالاھىدە ئىمتىياز ئاساسىغا ئەمەس، مەجبۇرىيەت ئاساسىغا قۇرۇلغان.  كېسەل يوقلاش، ماتەم مۇراسىمىغا قاتنىشىش، ئۆلۈملۈك بولغانلارغا تەسەللىي بېرىش، ۋە تويلاردا ئۇسۇل ئويناش قاتارلىق ئىشلار يەھۇدىي بالىلىرى ئۈچۈن ئادەتكە ئايلانغان بولۇپ، بالىلاردىن ئاشۇنداق ئاممىۋىي مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ.  بالىلار ئەنە شۇنداق ئىش-پائالىيەتلەر ئارقىلىق كىشىلەر تۇرمۇشتا بەزىدە ياخشىلىققا ۋە بەزىدە يامانلىققا يولۇقىدىغانلىقىنى، ھەمدە بارلىق كىشىلەر ئۆز-ئارا ياردەمگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ.  بالىلارغا بۇنداق ئىشلارنى دەرسخانىدا ئۆگەتكىلى بولمايدۇ. بالىلار ئۇلارنى چوقۇم ئەمەلىيەتتىن ئۆگىنىشى كېرەك.

قىسقىسى، يەھۇدىلار بالىلىرىنى پارنىكتا ئۆستۈرگەن ئۆسۈملۈكتەك چوڭ قىلمايدۇ.  ئۇلار بالىلىرىنى مەقسەتلىك ھالدا ھاياتتىكى ياخشى ئىشلار بىلەن يامان ئىشلارنىڭ ھەر ئىككىسى بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ، بالىلاردا ھاياتتا دۇچ كېلىدىغان ھەر خىل ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ماھارەتلىرىنى يېتىلدۈرىدۇ.  ئاشۇنداق ماھارەتلەر ئىچىدىكى بىر ئەڭ مۇھىم ماھارەت باشقىلارغا ئىشىنىش قابىلىيىتى بولۇپ، يەھۇدىي بالىلىرى زۆرۈر بولغاندا باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىگە ياردەم قولىنى سۇنىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

بىر ساغلام جەمئىيەتنى باشقا جەمئىيەتلەردىن ئايرىپ تۇرىدىغان نەرسە شۇكى، ساغلام جەمئىيەتتە بالىلارغا يۇقىرى دەرىجىدىكى ئەركىنلىك، مەسئۇلىيەت ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلىنغان بولىدۇ.  بالىلارنى ئاشۇنداق نەرسىلەرگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن بىز بالىلار ئۈچۈن بىخەتەر مۇھىت بەرپا قىلىپ بېرىشىمىز، خىزمەتچىلەرگە ئائىلىسىدىكىلەردىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن يېتەرلىك دەرىجىدىكى ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشىمىز، ھەمدە مائارىپنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇشىمىز كېرەك.

مەنبە: باغداش مۇنبىرى

2016-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى