Jump to content

بايقال كۆلى

ئورنى Wikipedia

بايقال كۆلى (رۇسچە : озеро Байкал - ozero baykal ) دۇنيادىكى ئەڭ چوڭقۇر كۆل دەپ ئاتالغان. ئۇ سىبىرىيەنىڭ جەنۇبىغا ، ئىركۇتسك ئوبلاستى بىلەن بۇرياتيا ئارىلىقىغا جايلاشقان. بۇ كۆل ئىركۇتسك شەھىرىگە يېقىن بولۇپ ، «سىبىرىيەنىڭ كۆك كۆزى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ يەر يۈزى تەخمىنەن 31722 كىلومىتىر (ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ). ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 636 كىلومېتىر ، ئەڭ كەڭ يېرىدە 79.5 كىلومېتىر (ئونۇرېن ۋە ئۇست-بارگۇزىن يېزىلىرى ئوتتۇرىسىدا). كۆلنىڭ ئاستى دېڭىز يۈزىدىن تەخمىنەن 1285 مېتىر كېلىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە ، كۆلنىڭ ئاستىدىكى چۆكمە تاشلارنىڭ قېلىنلىقى تەخمىنەن 7 كىلومېتىر. بۇ كۆلنىڭ يەرشارىدىكى ئەڭ چوڭقۇر يېرىقلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.