باي بالىق

ئورنى Wikipedia

باي بالىق (bay balïq)، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ مۇھىم شەھەرلىرىدىن بىرى، بۇگۈنكى موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتى بۇرغان ۋىلايىتى ئىچىگە جايلاشقان. قەدىمىي تۈرك تىلىدىكى "باي"، بۇگۈنكى ئۇيغۇرچىدا بولغىنىدەك باي - باياشات دېگەن مەنىدە بولۇپ، بالىق بولسا "مەركىزى شەھەر" دېگەن مەنىگە كېلىدۇ، شۇڭا جۇڭگو قەدىمىي زامان مەنبەئەلرىدە "باياشات شەھەر" (富贵城) دەپ ئاتالغان.

ھەققىدە[تەھرىرلەش]

«مويۇنچۇر قاغان مەڭگۈ تېشى» دا خاتىرلەنگەنلەرگە ئاساسەن، 758- يىلى، ئۇيغۇر قاغانلىقى قىرغىزلارنى مەغلۇب قىلىپ، سېلېنگا دەرياسى ۋادىسىنى كونترول ئاستىغا ئالدى، شەھەر قۇرلۇشىغا تاڭ ۋە سوغدىيان ئۇستالارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن قۇرۇلغان. شۇندىن كېيىن، بۇ شەھەر ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ مۇھىم ئەسكەرى قارارگاھىغا ئايلانغان، قىرغىزلارغا قارشى مۇداپىئەدە قوللىنىلغان. ئۇيغۇرلار قىرغىزلار تامانىدىن مەغلۇب قىلىنغاندىن كېيىن بۇ شەھەر خارابلىشىپ تاشلىنىپ قالغان.

«يېڭى تاڭنامە.جۇغراپىيە قىسمى» دا قەيت قىلىنىشچە، باياشات شەھەر "شيەنئېچۈەننىڭ شىمالىي قىرغاقى" (“仙娥川北岸”) غا جايلاشقان. كۈنىمىز ئالىملىرى «مويۇنچۇر قاغان مەڭگۈ تېشى» نى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، 仙娥川 بۇگۈنكى سېلېنگا دەرياسىنى كۆرسىتىدۇ.

باي بالىق قەدىمىي شەھەر خارابىسى ئاللىبۇرۇن ئېنىقلاپ چىقىلىدى.

قاراڭ[تەھرىرلەش]

ئوردۇ بالىق

مەنبە[تەھرىرلەش]