باي يېزىسىدىكى ‹‹ بۇلاق تازىلاش بايرىمى ››

ئورنى Wikipedia

      قۇمۇلنىڭ ئارا تۈرك ناھىيىسىدە باي دەيدىغان بىر يېزا بار. بۇ يېزىنىڭ سۇ ئاستى زاپىسى مىقدارى سەككىز مىليون كۇب مېتىر بولۇپ، نۆۋەتتە باي يېزىسىدا 80 كۇب مېتىرلىق، كىچىك تىپتىكى سۇ ئامبىرى بار. يېزىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنى ئاساسەن بۇلاق ۋە كارىز سۇ بىلەن تەمىنلەپ تۇرىدۇ. بۇلدۇقلاپ تۇرغان بۇلاق كۆزىدىن جەمئىي 0.096 كۋادرات مېتىر/سائەت سۇ چىقىدىغان بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 18.387 كىلومېتىر كېلىدۇ. 100 يىلدىن بۇيان بۇ يېزىدا ھەريىلى ئىيۇننىڭ تۇنجى دۈشەنبە ياكى جۈمە كۈنلىرى داغدۇغىلىق ‹‹بۇلاق تازىلاش بايرىمى›› ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە.

     ‹‹ بۇلاق تازىلاش بايرىمى ›› نىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە توختىلىشتىن بۇرۇن باي يېزىسىنىڭ يۇرت بولۇپ شەكىللىنىشى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز.

     بۇنىڭدىن 350 يىل بۇرۇن، ھازىرقى ئاقسۇ ناھىيىسىنىڭ باي يېزىسىدىن نورۇز قاتارلىق ئۈچ ئادەم سودا ئىشلىرى بىلەن سەپەر قىلىپ، ھازىرقى باي يېزىسىغا كېلىپ قالغان. ئۇلار بۇ يەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى، ئىللىق ۋە ساپ ھاۋاسى، بۇلدۇقلاپ تۇرغان سۈزۈك بۇلاقلىرىنى كۆرۈپ بۇيەرگە قىزىقىپ قالغان. ئۇلار ئەتىسى ئەتتىگەندە ئويغانغاندا تۆگە كارۋىنىغا يېڭى ‹‹مېھمانلار››قوشۇلۇپ قالغان. بۇ ‹‹مېھمانلار›› دەل ياۋا تۆگىلەر بولۇپ، شۇ مەزگىللەردە بۇ جايلاردا ياۋا ئېشەك، جەرەن قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار توپ – توپى بىلەن يۈرەتتى. ئۇلار كېيىن مۇشۇ يەردە تىرىكچىلىك قىلىشنى مەسلىھەتلىشىپ، بۇلاق بويلىرىغا ئۆي سېلىپ تېرىقچىلىق، ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق، ھاياتىنى باشلىغان. بۇ جاي بارا –بارا يۇرت بولۇپ شەكىللەنگەن. شۇنداقلا ئۇلار كېيىنكى ئەۋلاتلىرىنىڭ ئىلگىرىكى يۇرتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، بۇ يۇرتنى ‹‹ باي ››دەپ ئاتىغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، 100يىلدىن كېيىن بىر قىسىملار ئاقسۇنىڭ بايغا قايتىپ كەتكەنمىش. يەنە بىر قىسىم تارىخىي ماتېرىياللارغا قارىغاندا، باي يېزىسىغا ئەڭ دەسلەپتە كەلگەنلەر قۇمۇلنىڭ تاشبېلىق، شوپۇل قاتارلىق جايلىرىدىن كەلگەن بولۇپ، بۇ يەرنىڭ سۇ، يەر زېمىنلىرىنى كۆرۈپ يۇرت قىلپ تۇتۇش ئويىغا كېلىپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ئېغىز سوقما تاملىق ئۆي سېلىپ، ئىچىگە مورا باغلاپ قويۇپ كېتىپ قالغان، بۇلارنىڭ كەينىدىن بارىكۆلنىڭ تۆگە كارۋانلىرى كېلىپ بىر ئېغىزلىق تاملىق ئۆي سېلىپ، ئىچىنى ئىسلاپ قويۇپ كېتىپ قالغان. كېيىنكى يىللىرى ئوخشاشلا باينى يۇرت قىلىش ھەققىدە قۇمۇل ۋاڭىغا ئىلتىماس قىلنغان. قۇمۇل ۋاڭى ئادەم چىقىرىپ ئىككى تەرەپنىڭ سېلىپ قويغان ئۆيلىرىنى كۆرۈپ سېلىشتۇرۇش نەتىجىسىدە، شوپۇللۇقلار سالغان ئۆينىڭ بالدۇر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. شۇنىڭ بىلەن باي شۇلارنىڭ يۇرت تۇتۇپ ماكانلىشىشىغا بېرىلگەن. بايغا تۇنجى بولۇپ شوپۇلدىن نورۇز ھىممەت دېگەن كىشى كۆچۈپ كېلىپ ماكانلاشقان. بۇ ئادەمنىڭ ئەسلىدىكى يۇرتى ئاقسۇنىڭ باي ناھىيىسى بولغاچقا، يېڭى يۇرتغىمۇ باي دەپ نام قويغان. ئاندىن قەشقەر كونىشەھەر ئاللەي سوپىنىياز دىگەن كىشى بايغا كىېلىپ يەرلەشكەن، ئارقىدىن ئۈچتۇرپانلىق پاراڭ روزىمەت دېگەن كىشى تۆگە بىلەن يىپەك يوللىرىنى بويلاپ، ئىچكى ئۆلكىلەرگە سودىگەرچىلىك قىلىپ، قاتناپ يۈرۈپ بايغا ماكانلاشقان. كېيىن قۇمۇلنىڭ شۇپۇل، تاشبېلىق قاتارلىق يېزىلىرىدىكى باشقا كىشىلەرمۇ ئارقا – ئارقىدىن بايغا كۆچۈپ كېلىپ ھازىرقى باي يېزىسىنى شەكىللەندۈرگەن.

    ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بۇ جايدا نوپۇس كۆپىيىپ كىشىلەرنىڭ سۇغا بولغان ئېھتىياجىمۇ بارغانسېرى ئاشقان. ئەينى ۋاقىتتىكى سۇ مىقدارى ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجى ۋە يەرنىڭ سۇغا بولغان تەلىپىنى قاندۇرالمىغان. كېيىن ئۇلار يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش ئويىغا كېلىپ ھەم ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ بۇلاق كۆزلىرىنى ئېچىپ، ئىلگىرىكى بار بولغان بۇلاقلارنىڭ كۆزىنى ھەم يوللىرىنى راۋانلاشتۇرغان. بۇ خىل ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ بۇلاق كۆزى ئېچىش ۋە تازىلاش مەخسۇس مۇراسىمغا ئايلىنىپ ئەنئەنىۋى بايرام تۈسىنى ئالغان.

    پىشقەدەملەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى بىر يىلى باي يېزىسىدا ئېقىنلار قۇرۇلۇپ، بىر تامچىمۇ يامغۇر ياغمىغان. شۇنىڭ بىلەن بارلىق زىرائەت قۇرۇپ، چارۋىلار ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن. باي خەلقى قۇرغاقچىلىق مەسلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ماددىي ۋە ئەمگەك كۈچىنى چىقىرىپ زور كۆلەمدە بۇلاق، كارىز تازىلاش پائالىيتى ئېلىپ بارغان. كىشىلەر سۇ يوللىرىنى راۋانلاشتۇرغان، دەرۋەقە بۇنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلگەن. باي خەلقىنىڭ يېزا ئىگىلكى ئەسلىگە كېلىپ، يۇرت قۇرغاقچىلىق ئاپىتىدىن قۇتۇلۇپ، شۇ يىلى دېھقانچىلىق مول ھوسۇلى ئېلنغان. باي خەلقى بۇ چاغدا يىغىلىپ، قۇمۇلنىڭ ئەنئەنىۋى مەشرەپلىرى بىلەن مول ھوسۇل شادلىقىنى تەبرىكلىگەن. بۇ خىل تەبرىكلەش بۈگۈنكى كۈندە مۇنتىزىملاشقان يەرلىك بايرام تۈسىگە كىرگەن.

   باي خەلقى ‹‹بۇلاق تازىلاش بايرىمى››ئارقىلىق، سۇ بولسا ھاياتلىقنىڭ جان تومۇرى، بىر تامچى سۇنىمۇ قەدىرلەش كېرەك. كۆپچىلىك جاپادىن قورقماي، ئورتاق تىرىشقاندىلا، قىيىن كۈنلەردىن ئۆتۈپ كەتكىلى بولىدۇ، دېگەن تۇرمۇش ھەقىقىتىنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا بىلدۈرۈپ، ئۇنى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرغان.[1]

  1. مۇھەررىر : قەيـسەر ؛مەنبە:ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى ؛ۋاقىت:2008- 09- 04 15:32؛ تور ئادىرسى:http://uy.ts.cn/wenhua/content/2008-09/04/content_109305.htm؛