باھاسى ئەڭ قىممەت يەر

ئورنى Wikipedia

ئەنگلىيىنىڭ لوندون شەھىرى-دۇنيا بويىچە شەكسىز ھالدا يەر ھايانكەشلىكىنىڭ مەركىزىي بولۇپ قالغان. 1973-يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئەركىن سېتىلىۋاتقان ھەر بىر كۇۋادىرات مېتىر يەرنىڭ باھاسى 275 مىڭ فرانكقا يەتكەن. مۇشۇ باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، ۋىس مىست دۆلەت بانكىسىنى دۇنيا بويىچە باھاسى ئەڭ قىممەت بىر كورپۇس بىنا دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. بانكا بىناسىنىڭ ئىگەللىگەن ئورنى بىر گېكتار، ئېگىزلىكى 183 مېتىر بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 46 مىڭ 450 كۇۋادىرات مېتىر كېلىدۇ. ھەر بىر كۇۋادىرات مېتىر يەرنىڭ ئىجارىسىنى 12 مىڭ فرانكتىن ھېسابلاپ، 18 يىللىق ئىجارىگە توختام تۈزگەن، 1972-يىلىدىكى ئىجارە ھەققى بىر مىليارد 80 مىليون فرانك بولغان، بۇ بانكىنىڭ ئومۇمىي ئىگەللىگەن يېرى 2.6 گېكتار بولۇپ، تەخمىنەن ئىككى مىليارد 900 مىليون فرانكقا يارايدۇ.

1926-يىل 2-ئاينىڭ 1-كۈنى 118.5 كۇۋادىرات مېتىر كېلىدىغان بىر پارچە يەر ھەر بىر كۇۋادىرات مېتىرنى 5000 فرانك باھا بىلەن ۋائېر كوچىسىدىكى «رىئاللىق» شىركىتىگە سېتىپ بېرىلگەن.

1964-يىلى 2-ئايدا ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ شىمالىدىكى ھوللېۋودتا سېتىلغاندا، بىر خانىم 510 ئامېرىكا دوللىرى خەجلەپ(2,850 فرانك) 7.6 × 16.5 سانتىمېتىر كېلىدىغان ئۈچ بۇرجەڭ يەرنى سېتىۋالغان. دېمەك، بىر گېكتار يەرنىڭ باھاسى 730 مىليون 364 مىڭ 940 ئامېرىكا دوللىرىدىن توختىغان.