برىتانىيە ئىمپېرىيەسى

ئورنى Wikipedia

برىتانىيە ئىمپېرىيەسى(ئىنگ: British Empire, خەنزۇچە: 大英帝國) بولسا ئەنگىلىيەنىڭ ھوكۈمرانلىقىدىكى دۇنياۋى ئىمپىرىيە. برىتانىيە ئىمپېرىيەسى بولسا بىرلەشمە پادىشاھلىق (ئەنگىلىيە) تەرپىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىنغان يەرشارى خاراكتېرلىك ئىمپېرىيە بولۇپ يەر مەيدانى 33 مىليون670 مىڭ كۋادرت كلومېتېرغا يېتىدۇ.

ئىمپېرىيە[تەھرىرلەش]

برىتانىيە ئېمپىريىسى بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى 1920 - يىلى پارىژ تىنىچلىق سۆھبىتىدە گېرمانىيەنىڭ مۇستەمىلىكىلىرنى ئۆتكۈزۋالغاندىن كېيىن تولۇق گۈللىنىش مەزگىلىگە يەتكەن،يەرشارى زېمىنى ۋە يەرشارى نوپۇسىنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىگەللەپ دۇنيا تارىخىدىكى يەر مەيدانى ئەڭ كەڭ ،ھالقىش دائىرسى ئەڭ چوڭ يەرشارى خاراكتېرلىك ئىمپېرىيەگە ئايلانغان. 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە،بولۇپمۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياقلاشقاندىن كېيىن دۇنيا مىللەتپەرۋەرلىك ھەركىتىنىڭ كۆتۈرۈلىشى ،بىرلەشمە پادىشاھلىق دۆلەت كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا ئەگىشىپ برىتانىيە ئېمپىريىسى تەدىرىجى يىمىرىلىدى.

نۆۋەتتە، بىرلەشمە پادىشاھلىق ۋە ئۇنىڭ ئىلگىركى كۆپ قىسىم مۇستەملىكە دۆلەتلىرى برىتانىيە فېدېراتسىيسىى دەيدىغان خەلقئارالىق تەشكىلاتنى قۇرۇپ چىقتى،بۇنىڭ برىتانىيە ئېمپىريىسى بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى،بىرلەشمە پادىشاھلىق سىياسىي،تاشقى ئىشلار،ئىقتىساد جەھەتلەردە برىتانىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ باشقا ئەزالىرىغا قايتا تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغان بولدى.برىتانىيە ئېمپىريىسنىڭ گۈللەنگەن مەزگىلىدە،ئېمپىريىنىڭ زېمىنى ۋە تەۋە جايلىرى ئانتاركتىكا قىتئەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە قىتئە،بەش ئوكيانغا تارقالغان.‹برىتانىيەنىڭ قۇياشى مەڭگۈ پاتمايدۇ›دەيدىغان سۆزلەر پەيدا بولغان،شۇڭلاشقا برىتانىيە ئېمپىريىسى ئىسپانىيە ئېمپىريىسىدىن كېيىنكى ئىككىنچى ‹كۈن پاتماس ئىمپېرىيە›دەپ ئاتالغان.

برىتانىيە ئېمپىريىسنىڭ شەكىللىنىشى برىتانىيەلىكلارنىڭ 300 نەچچە يىللىق سودا،ئاھالە كۆچۈرۈش،قوراللىق بويسۇندۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ مەھسۇلى، شۇ مەزگىلدە يەنە تىنىچ سودا پائالىيەتلىرى ۋە تاشقىي پائالىيەتلەرمۇ ئېلىپ بېرلىغان.برىتانىيە ئېمپىريىسى پۈتۈن دۇنيا دائىرسىدە بىرلەشمە پادىشاھلىقنىڭ دىنى،ئېتىقاد،قانۇن،تۈزۈم،ئادىمىيەت،ئىلىم-پەن،تېخنىكا،سودا،تىل ۋە باشقۇرۇش ئەندىزىلىرنى تارقىتىشقا ياردەمدە بولغان.ئېمپىرىينىڭ زومىگەرلىكى بىرلەشمە پادىشاھلىق ئۆز زېمىننىدىكى ئىقتىسادنىڭ ئادەمنى ھەيران قالدۇردىغان دەرىجىدە ئېشىشىگە،خەلقئارا سىياسيىدا تېخىمۇ زور سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشىغا ياردەمدە بولغان.بىرلەشمە پادىشاھلىق ئۆز زېمىنىدىكى دېموكراتىينىڭ ئۈزۈلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ ھەر قايسى مۇستەملىكىلەردىكى خەلقلەر ئاساسىي جەھەتتىن ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى ۋە كەلگۈسىنى قارار قىلالايدىغان بولدى،قانۇن تۇرغۇزۇش ئىدارىسى ئومۇميۈزلۈك سايلام ئېلىپ بېرىش ۋە سىياسەت يۈرگۈزۈش مەھكىمىسى(ھۆكۈمەت)نى بىۋاستە سايلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.ئەلۋەتتە بىرلەشمە پادىشاھلىقنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇقلۇق ۋالىيلىرى بىرلەشمە پادىشاھلىق تەرپىدىن ئەۋەتىلىپ ،مۇستەملىكىلەرنىڭ تاشقى ئشلار ۋە مۇداپىئە ھوقۇقىنى بىۋاستە تىزگىلەيتى.

مۇستەملىكىلەرنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ برىتانىيە ئېمپىريىسىگە نەزەر سالدىغان بولساق،ياخشى،يامان پىكىرلەرھەر قايسىسى يېرىمدىن ئىگەللەيدۇ.ھەرقايسى مۇستەملىكىلەر بىرلەشمە پادىشاھلىقتىن ئىلغار مەدەنيەتنىڭ پەن-تېخنىكىسىغا ۋە مەبلەغ سېلىپ ئېچىشىغا ئېرىشىپ ئىقتسادنىڭ تەرەقىياتى ۋە تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىنى ئىلگىرى سۈرلۈشىگە،يەنە بىرلەشمە پادىشاھلىقنىڭ قانۇنلىرى ۋە سىياسىي رامىكىسى،خەلقئارالىق تىل ئېنگلىز تىلىغا ئېرىشتى.ھەرقايسى مۇستەملىكىلەر ئىمپېرىيەدىن ئايرلىپ مۇستەقىل بولۇشنىڭ ئالدىدا بىرلەشمە پادىشاھلىق ئۆزىنىڭ پارلامېنتلىق دېموكراتىيە تۈزۈمىنى مۇستەمىلىكە خەلقىگە قالدۇرۇپ كېتىشنى ئويلىغان بولسىمۇ،نەتىجىدە ھەممىسى مۇۋاپىقىيەتلىك بولۇپ كىتەلمىدى.كۆپ قىسىم مۇستەملىكىلەر مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن يەنىلا برىتانىيە فېدېراتسىيسىدە قېلىشنى تاللىدى.

بىرلەشمە پادىشاھلىقنىڭ مۇستەملىكە قىلىشى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى ئەۋزەل ئورۇنغا قويغان ئەلۋەتتە.بىرلەشمە پادىشاھلىق گەرچە مۇستەملىكىلەر ئۈچۈن ياخشى بولغان ئۇل-مۇئەسسەلەرنى قالدۇرغان بولسىمۇ،بىراق ئۇلار ئاساسلىقى مۇشۇ مۇستەملىكىلەر ماللىرنىڭ تېخىمۇ قولايلىق ھالدا توشۇلۇپ بىرلەشمە پادىشاھلىقنىڭ ئۆز زېمىننىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ياكى بىرلەشمە پادىشاھلىقنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرنىڭ تېخىمۇ قولايلىق ھالدا مۇستەملىكە بازارلىرىغا توشۇلۇشى ئۈچۈن ياسالغان.ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئاپتونۇم يەرلىرىنىڭ كۆپ قىسمى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئۇل-مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىپ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى نىسپىي تەڭپۇڭلىققا ئېرىشكەن.بىراق ئېمپىريىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسى،ئافرىقا،ئاسىيادىكى مۇستەملىكىلىرى كۆپ ھاللاردا سانائەتكە كېرەكلىك خام-ئەشيالارلنىڭ (ياكى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرنىڭ) تەمىنلىگۈچىسىلا بولۇپ قالغان.ئۇندىن باشقا،برىتانىيە ئېمىريىسى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ھەرقايسى مۇستەملىكىلەردىكى مىللەتلەرنىڭ مۇرەككەپلىكى تۈپەيلىدىن،ھەرقايسى مۇستەملىكەلەردە ‹بۆلۈپ باشقۇرۇش›، ‹قابىللار تۈزۈمى›، ‹ياتلارنىڭ قولى بىلەن ياتلارنى باشقۇرۇش› قاتارلىق سىياسەتلەرنى يۈرۈگۈزۈگەنلىكى مۇستەملىكەلەردىكى مىللىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىن بىۋاستە ۋاز كېچىپ كېتىپ قالغانلىقى تۈپەيلىدىن ئىرېلاندىيە، ھىندىستان، پاكىستان، زىمبابۋى، كېنىيە، سۇدان، ئۇگاندا، ئىراق، گۋىنا، فىجى قاتارلىق دۆلەتلەر مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ئوخشاش بولىمغان مىللىي توقۇنۇشلارغا دۇچ كېلىشىگە سەۋەپچى بولدى.

برىتانىيە سۆز مەنبەسى[تەھرىرلەش]

برىتانىيە ئېمپىرىيسى دېگەن سۆزنىڭ ئەڭ دەسلەپكى قوللانغۇچىسى ئېلزابىتIنىڭ ئاسترولوگى ۋە ماتېماتىك جون دى (ئىنگ:John Dee) . ئەمەلىيەتتە بىرلەشمە پادىشاھلىق ئۆزىنىڭ بىرلەشمە پادىشاھلىق (United Kingdom) دېگەن نامىنى ئىشىلتىشنى ئەزەلدىن ۋاز كېچىپ باقمىغان، بىرلەشمە پادىشاھلىقنىڭ پادىشاھىمۇ ئۆز زېمىنىدا ئېمپراتۇر ئاتالمىغان (ھىندىستان پادىشاھى دېگەن نامىدىن باشقا) . شۇڭلاشقا برىتانيە ئېمپىريىسى دېگەن پەقەت بىرلەشمە پادىشاھلىقنىڭ گۈللەنگەن مەزگىلدىكى غەيرى ھۆكۈمەت ئاتالمىسى بولۇپ بىرلەشمە پادىشاھلىقنىڭ ئۆز زېمىنى ۋە تاشقى مۇستەملىكىلىرنىىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىنى ئىپادىلەشتە ئىشىلتىدۇ.

كېڭەيمىچىلىكى[تەھرىرلەش]

مىلادىيە 1066 - يىلى نورماندىدىن كەلگەن ۋىليام I نىڭ ئەنگىلىيە (England) نى بويسۇندۇرۇشى، ياۋورپانىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى سىياسىي، دىنىي مۇناسىۋىتى تۈپەيلىدىن ئەنگىلىيە ياۋروپا قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىشلىرىغا چېتىلدى. نورمان سۇلالىسى، ئانجۇ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھلىرى فرانسىيەدىن كەلگەن بولغاچقا ، پادىشاھلار ئۆزنىڭ كۆپ قىسم زېھنىنى فرانسىيەدىكى زېمىنىغا سەرپ قىلىدى. 14-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ياۋروپاغا بولغان قوي يۇڭى سودىسدىن تەرەقىي قىلغان تاشقى سودا ئەنگىلىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم دۆلەت سىياسىتىگە ئايلاندى. بۇ مەزگىل دەل ئەنگىلىيەنىڭ تاشقى بويسۇندۇرۇشلىرنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ، 1282-يىلىدىكى ۋالېس (Wales)قا بولغان كېڭىيىشىنى،1169 - يىلدىكى ئىرېلاندىيەگە بولغان بويسۇندۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 1296-يىلى ئەنگىلىيەنىڭ شوتلاندىيەگە بولغان قىسقا تىزگىنلىشىشى 1314-يىلى ئۈزۈلۈپ قالغان بولسىمۇ ، بۇ ئىككى رايوننىڭ ھەقىقىي بىرلىككە كېلىشى 1603 - يىلدىكى ‹بىرلەشمە پادىشاھلىقنىڭ تەختىگە ۋارسلىق قىلىش قانۇنى› ئارقىلىق تىنىچ ئەمەلگە ئاشقان. 1204 - يىلى ئەنگىلىيە پادىشاھلىرى نورماندىدىكى زېمىندىن ئايرىلىپ قالغان بولسىمۇ ، بىراق ئۇلار نىكاھ ۋە ئەنگىلىيە ھۆكۈمرانلىرىنىڭ زېمىنلىرغا ۋارسلىق قىلىش ئارقىلىق فرانسىيەدە كۆپ قسىم زېمىنلىرغا ئىگە بولدى، بۇ زېمىنلارنى 1453-يىلىغا كەلگەندە قولدىن بېرىپ قويدى.شۇنىڭدىن كېيىن تاكى 1563-يىلىغىچە ئەنگىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ قولىدا پەقەت فرانسىيەنىڭ شىمالىيدىكى ئىستراتېگىيلىك مۇھىم پورت گالايسلا قالدى، 1563-يىلىغا كەلگەندە گالايستىنمۇ ئايرىلدى.

برىتانىيەنىڭ چەتئەلدىكى كېڭەيمىچىلىكى[تەھرىرلەش]

ئېمپىريىنىڭ چەتئەلدىكى كېڭەيمىچىلىكى بولسا ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ دېڭىزدىكى ئېكىسپىدىتسىيىسى، برىتانىيە ئارىلى ۋە ياۋروپا قۇرۇقلۇقى سىرتىدىكى جايلارنى مۇستەملىكە قىلىپ ئاھالە كۆچۈرۈشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ 1485-يىلىدىن 1509-يىللارغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان ھېنرى (Henry VII) نىڭ قوللانغان ئاكتىپ دېڭىز سىياسىتىدىن باشلانغان . رىچارد (Richard III) قۇرۇپ چىققان قوي يۇڭى سودىسى ئاساسىدا ھېنرى بىرلەشمە پادىشاھلىقنىڭ يېقىنقى زاماندىكى دېڭىز-ئوكيان سودا سىستېمىسنى قۇرۇپ چىقتى ھەم بىرلەشمە پادشاھلىقنىڭ كېمىسازلىق سانائىتى ۋە يول باشلاش تېخنىكىسنى تەرەقىي قىلدۇردى. بۇ سىستېما كېيىنكى سودا ئورگانلارنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن شەرت-شارائىت ھارزىرلىدى.ماسسا چۇستېس قولتۇقى شىركىتى، بىرلەشمە پادىشاھلىق شەرقىي ھىندىستان شىركىتى قاتارلىق سودا شىركەتلىرى برىتانىيە ئېمپىريىسنىڭ چەتئەللەردىكى كىڭەيمىچىلىكى ئۈچۈن مۇھىم زور تۆھپە قوشتى. ھېنرى ئەينى ۋاقىتتىكى كۆلىمى ناھايىتى كىچىك بولغان بىرلەشمە پادىشاھلىق خانلىق دېڭىز ئارمىيسى قۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن پورتمائۇستا بىرلەشمە پادىشاھلىقتىكى تۇنجى قۇرغاق پرىستان قۇرۇشقا بۇيرۇق چۈشۈردى. 1587-يىلى ۋالتېر رالېي سىر (Sir Walter Raleigh) روئانوكتا ۋىرگىنىيەنىڭ بىرلەشمە پادىشاھلىق مۇستەملىكىسى ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى، بىراق بۇ مۇستەملىكىنىڭ ئۆمىرى ناھايىتى قىسقا بولۇپ ،ئوزۇقلۇقنىڭ كەمچىللىكى،ناچار ھاۋارايى ،دېڭزى ساھىلى ۋە يەرلىكتىكى خەلقلەرنىڭ قارشىلىقى تۈپەيلىدىن ئەنگىلىيە بۇ مۇستەملىكىدن ئامالسىز ۋاز كەچتى.

1588 - يىلى تۇدور سۇلالىسى ئىلزابېت (Elizabeth I) مەزگىلىدە ئىسپانىيەنىڭ تەڭداششىز فىلوتىغا بولغان جەڭدە غەلبە قازىنىش ئەنگىلىيەنىڭ دېڭىزدىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى رەسمىي بېكىتتى. 1604 - يىلى ستۇئارت سۇلاسىىنىڭ پادىشاھى جامېس (James I) ئىسپانىيە بىلەن‹لوندون شەرتنامىسى› ئىمزالاپ ئىككى دۆلەتنىڭ دۈشمەنلىشىش ھالىتىنى ئاخىرلاشتۇردى. 1607 - يىلى ئەنگىلىيە ۋىرگىنىيەنىڭ جامېس بازىرى (Jamestown) دا چەتئەلدىكى تۇنجى مەڭگۈلۈك مۇستەملىكىسنى قۇردى. شۇندىن كېينكى ئۈچ ئەسىر مابەينىدە ئەنگىلىيە چەتئەللەردە ئۈزلۈكسىز كۈچىنى كېڭەيتتى ھەمدە دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي تەرەقىياتىنى مۇستەھكەملىدى. 1707 - يىلى ئەنگلىيە بىلەن شوتلاندىيە پارلامېنتى لوندوندا بىرلەشتۈرۈلۈپ برىتانىيە پارلامېنتى ھاسىل قىلىندى.

ئامېرىكا قىتئەسى ۋە ئوكيانىيە قىتئەسىنى مۇستەملىكە قىلىش[تەھرىرلەش]

برىتانىيە ئېمپىريىسىنىڭ دەسلەپكى شەكلى 17-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە شەكىللەنگەن،ئۇ ۋاقىتتا ئەنگلىيە ئامېرىكا قىتئەسىدە كۆپ پارچە مۇستەملىكە قۇرۇپ چىققان، بۇ مۇستەملىكەلەر بۈگۈنكى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدىكى ئەسلىي 13 شتاتىنى،كانادانىڭ ئاتلانتىك ئوكيان ۋە تىنىچ ئوكيان ئۆلكىلىرى،كارب دېڭىزدىكى بەزى ئاراللار (مەسلەن يامايكا ، باربادوس قاتارلىق) نى ئۆزئىچىگە ئالغان.

شىكەر قومۇش كۆپ چىقىدىغان كارب رايونى قۇللارنىڭ ئىشلىشىگە بەكلا تايىنىپ قالغان بولۇپ، ئەنگليەنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئەڭ مۇھىم،ئەڭ كۆپ پايدا چىقىدىغان مۇستەملىكىسى ھېسابلىناتتى. شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىدىكى مۇستەملىكىلەر ئەنگلىيەنى تاماكا، پاختا، گۈرۈچ بىلەن تەمىنلەيتى، شىمالىي قىسمىدىن بولسا يۇڭ-تېرەلەر كۆپ چىقاتتى، شىمال تەرەپ ئىقتىسادى نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا كارب ئاراللىرىغا ئوخشاش ئەنگلىيەگە كۆپ پايدا ئېلىپ كەلمىگەن بولسىمۇ، بىراق شىمالدىكى كۆپلىگەن تېرىلغۇ يەرلەر نۇرغۇنلىغان ئەنگلىيە كۆچمەنلىرىنى ئۆزىگە جەلىب قىلدى. ئەنگلىيەنىڭ ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىدىكى ئىمپېرىيەسى ئۇرۇش ۋە مۇسىتەملىكە قىلىش ئارقىلىق تەدىرجى كېڭەيدى، مەسىلەن: ئەنگلىيە-نېدېرلاندىيە ئۇرۇشى ئارقىلىق ئەنگلىيە يېڭى ئامېستېردام (بۈگۈنكى نيۇيورك) قا ئېرشتى. ئەنگلىيەنىڭ توختىماسىتىن تەرەقىي قىلغان ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇستەملىكىلىرى ئۈزلۈكسىز غەربكە قاراپ كېڭىيىپ تېخىمۇ كۆپ تېرىلغۇ يەر ئىزدىدى. ‹يەتتە يىللىق ئۇرۇش› تا ئەنگلىيە فرانسىيەنى مەغلۇب قىلدى،ھەم 1760-يىلى يېڭى فرانسىيەنىڭ ھەممە زېمىنىنى بېسىۋېلىپ ئەنگليەنى شىمالىي ئامېركىدىكى ئەڭ چوڭ رايوننىڭ تىزگىنلەش ھوقۇقىغا ئېرىشتۈردى. ئۇنىڭغا ئۇلاپلا، ئاۋسترالىيە (1788-يىلى ئەنگلىيەنىڭ مۇستەملىكىسگە ئايلانغان، دەسلىپىدە جىنايەتچىلەرنى سۈرگۈن قىلىندىغان جايى بولغان) ۋە يېڭى زىلاندىيە (1840-يىلى ئەنگلىيەنىڭ مۇستەملىكىسگە ئايلانغان) لەر ئەنگلىيەنىڭ باشقا بىر مۇستەملىكە قىلىش نىشانى بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زىلاندىيەدىكى يەرلىكلەر ئۇرۇش ۋە كېسەل تۈپەيلىدىن بىر ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتنىڭ ئىچىدە نوپۇسى %60-%70 غىچە كامىيىپ كەتتى. بۇ مۇستەملىكىلەر كېيىن ھەممىسى ئاپتومىيەنى ئەمەلگە ئاشۇردى، ھەم قوي يۇڭى ۋە ئالتۇن ئېكسپورت قىلدىغان جايغا ئايلاندى.