بودېن كۆلى
كونىستانتىس كۆلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ كۆل غەربىي ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ چېگرا كۆللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، شۋېتسارىيىنىڭ غەربىي شىمالىغا، ئاۋىسترىيىنىڭ غەربىي شىمالىغا، گېرمانىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان.
ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
[تەھرىر]نامى :بودېن كۆلى
يەر مەيدانى :536 كۋادرات كىلومېتر
باشقا نامى :كونىستانتىس كۆلى
چەتئەلچە نامى :Lake Constance
ئۇزۇنلۇقى :66 كىلومېتر
كەڭلىكى :14 كىلومېتر
جۇغراپىيىلىك ئورنى
[تەھرىر]بودېن كۆلىكونىستانتىس كۆلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ كۆل غەربىي ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ چېگرا كۆللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، شۋېتسارىيىنىڭ غەربىي شىمالىغا، ئاۋىسترىيىنىڭ غەربىي شىمالىغا، گېرمانىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان. كۆل دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 396 مېتر كېلىدۇ، ئەڭ چوڭقۇر يېرى 252 مېترغا يېتىدۇ، ئۇزۇنلۇقى 66 كىلومېتر، كەڭلىكى 14 كىلومېترغا يېتىدۇ، مەيدانى 536 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. كۆلنىڭ قىرغاقلىرى تۈز، شەرقىي جەنۇبى تىك ھەم ئېگىز كېلىدۇ.
مۇندەرىجە
[تەھرىر]- قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
- ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
- جۇغراپىيىلىك ئورنى
- ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى
- سۈرەتلەر
- قامۇس باشبېتى
ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى
[تەھرىر]بودېن كۆلى بودېن كۆلى رېيىن دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى تەبىئىي سۇ ئامبىرى ھېسابلىنىدۇ. قىش پەسلىدە سۈيى سەل توڭلايدۇ. كۆلدە ھەرخىل قىممەت باھالىق بېلىقلار ياشايدۇ. كۆل ئارقىلىق شۋېتسارىيە، ئاۋسترىيە، گېرمانىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتكە بارغىلى بولىدۇ.