بوسات تېكىن

ئورنى Wikipedia

ھەربىي ئالىم،سىتراتىگىيچى __ بوسات تېكىن

تېكىن ئېركىننىڭ ئوغلى بوسات دادىسىنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ مىلادى 627-يىلى ئىچكى موڭغۇلنىڭ داچىڭشەن تېغى ئەتىراپىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ،تۇرالارنى سىياسىي،ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن دەۋر بۆلگۈچ تەرەققىياتلارغا ئېرىشتۈردى.

مىلادى 630-يىلى بوسات تېكىن سىرتاردۇشلار بىلەن بىرلىشىپ، شەرقىي تۈكلەرنىڭ شىمالىي قىسمىغا ھۇجۇم قىلىدۇ.شۇنىڭدىن كېيىن تۈركلەرنىڭ خاقانى ئۆز ئوغلى يوقۇق شادنىڭ قوماندانلىقىدا 100مىڭ كىشلىك قوشۇن ئەۋەتىپ ئۇيغۇرلارغا قايتۇرما ھوجۇم قىلىدۇ.بوسات تېكىن 5000 كىشلىك ئاتلىق چەۋەنداز قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ ئاز كۈچ بىلەن زور قوشۇننى يېڭىپ تۈركلەر ئۈستىدىن غەلىبە قازىنىدۇ. مازۇڭشەن (بەزى مەنبەلەردە مالىشەن دەپ ئېلىنغان ئا) تېغى ئەتىراپىدا تۈرك ئەسكەرلىرىنى تېرى-پىرەن قىلىپ،شەرقىي تۈركلەرنى مۇنقەرز قىلىدۇ.بۇ قېتىمقى غەلىبە ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەيۋىسى شىمالنى زىل-زىلىگە كەلتۈرۈپ،ئۇيغۇرلار شىمالدىكى غايەت زور كۈچكە ئايلىنىدۇ.نەتىجىدە بوسات تېكىن ئۆزىنى «ئالىپ ئىلتەبىر» دەپ جاكارلاپ،تۇغلا(تۇرا) دەرياسى بويىدا ھۆكۈمرانلىق مەركىزىنى قۇرىدۇ.بوسات تېكىن قۇرغان بۇ ھاكىمىيەت ئۇيغۇر ئۇرخۇن خانلىقىنىڭ قۇرىلىشى ئۈچۈن سىياسىي،ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتتىن كۈچلۈك ئۇل سالىدۇ.

بوسات تېكىن ئۆز دەۋرىنىڭ كۈچلۈك ھەبىي ئالىمى ۋە سىتىراتىگىيىچىسى بولۇپلا قالماي،بەلكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە كەم تېپىلىدىغان دېپلۇمات ئىدى.ئۇ مىلادى 629-يىلى تاڭ سۇلالىسى بىلەن تۇنجى قېتىم سىياسىي ،ئىقتىسادىي ئالاقىسىنى ئورناتقان.[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]