بىئونىكا

ئورنى Wikipedia


بىئونىكا − جانلىقلار سىستېمىسىنىڭ تۈزۈلۈش خۇسۇسىيىتى، ئېنېرگىيە ئالماشتۇرۇشى ۋە ئۇچۇر جەريانلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان، شۇنىڭدەك ئېرىشكەن بىلىملەر ئاساسىدا ھازىر بار بولغان ماشىنا-ئۈسكۈنە، قۇرۇلۇش قۇرۇلمىلىرى ۋە تېخنولوگىيىلىك جەريانلارنى ياخشىلاشقا ياكى يېڭى ماشىنا-ئۈسكۈنە، قۇرۇلۇش قۇرۇلمىلىرى ۋە تېخنولوگىيىلىك جەريانلارنى ئىجاد قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان ئۇنىۋېرسال پەن. ئۇ تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا زور تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە بىئولوگىيە پېنىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىمۇ غايەت زور تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

 

بىئونىكا ھەققىدە[تەھرىرلەش]

بىئونىكا − جانلىقلار سىستېمىسىنىڭ تۈزۈلۈش خۇسۇسىيىتى، ئېنېرگىيە ئالماشتۇرۇشى ۋە ئۇچۇر جەريانلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان، شۇنىڭدەك ئېرىشكەن بىلىملەر ئاساسىدا ھازىر بار بولغان ماشىنا-ئۈسكۈنە، قۇرۇلۇش قۇرۇلمىلىرى ۋە تېخنولوگىيىلىك جەريانلارنى ياخشىلاشقا ياكى يېڭى ماشىنا-ئۈسكۈنە، قۇرۇلۇش قۇرۇلمىلىرى ۋە تېخنولوگىيىلىك جەريانلارنى ئىجاد قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان ئۇنىۋېرسال پەن. ئۇ تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا زور تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە بىئولوگىيە پېنىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىمۇ غايەت زور تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

ھازىر جانلىقلار نېرۋا سىستېمىسى بىلەن سەزگۈ ئەزالىرى ھەققىدىكى تەتقىقات ۋە تەقلىدلەر پۈتكۈل بىئونىكا تەتقىقاتىنىڭ تەخمىنەن %80 ىنى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ مۇكەممەل «ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا» لار ئىجاد قىلىنىپ، ئۇلارنى ئادەم ۋە ھايۋان نېرۋا سىستېمىسىنىڭ مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارىنى دورىيالايدىغان قىلىپ، مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، «ئۆگىنىش» ئارقىلىق ماشىنىنىڭ ھەرىكىتىنى ئۆزگەرتىپ، مۇناسىپ ئىشلار ئورۇندىلىدۇ.  

ھايۋانلارنىڭ يۆنىلىشنى بەلگىلىشى ھەم يول باشلىشىنىڭ ھاۋا قاتنىشى ۋە دېڭىز قاتنىشىدا ئىشلىتىلىدىغان يېڭى يول باشلىغۇچى ئەسۋابلارنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىشتا ناھايىتى چوڭ ياردىمى بولىدۇ. مەسىلەن، دېڭىز تاشپاقىسى نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىققا ئۈزۈپ كەتسىمۇ، ئۈچ يىلدىن كېيىن يەنە ئەسلىدىكى تۇخۇم تۇغىدىغان يېرىگە قايتىپ كېلەلەيدۇ. دېڭىز تاشپاقىسىنىڭ يول باشلاش سىستېمىسى ئالەم قاتنىشى، ھاۋا قاتنىشى، دېڭىز قاتنىشى تەتقىقات خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىغا ئايلانماقتا.

ئېنزىمشۇناسلىق بىئونىكىسىمۇ كىشىلەر تەتقىق قىلىدىغان مۇھىم نۇقتا. بەزى كۆك يۈسۈنلەردە بىرخىل تولۇق بولمىغان فوتوسىنتېز ئاپپاراتىنىڭ بارلىقى، ئۇنىڭ مۇئەييەن شارائىتتا ھىدروگېننى ھاسىل قىلىدىغانلىقى بايقالدى. كۆك يۈسۈندىكى تولۇق بولمىغان فوتوسېنتىز ئاپپاراتىغا تەقلىد قىلىپ، سۇنى بىئونىك فوتولىزلايدىغان(نۇر بىلەن پارچىلايدىغان) قۇرۇلمىنى لايىھىلەپ چىققاندا، كۆپ مىقداردىكى ھىدروگېنغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. ھىدروگېن پاكىز ئېنېرگىيە مەنبەسى بولۇپ، فوتوسېنتىزدىن پايدىلىنىپ ھىدروگېن ئېنېرگىيە مەنبەسىگە ئېرىشىش ئېنېرگىيە سانائىتىدىكى ئىنقىلابنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئىشلەپچىقىرىش ۋە پەن-تېخنىكىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ بەزى خەتەرلىك مۇھىتلاردا ئىشلىشىگە توغرا كەلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار خەتەرلىك ئىشلارغا سېلىش ئۈچۈن، ئادەم ۋە جانلىقلارنىڭ قىسمەن ئىقتىدارىغا تەقلىد قىلىنغان «ماشىنا ئادەم» لەرنى ئىجاد قىلىشقا باشلىدى.

«ماشىنا ئادەم» لەردە بىئوئېلېكترىك توكقا تەتبىقلانغان تېخنىكىلىق قۇرۇلما − سۈنئىي قول بولىدۇ. سۈنئىي قول ھەرىكەتلىنىپلا قالماي، مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ھەرىكەتلىرىنى ئۆزلۈكىدىن تەڭشىيەلەيدۇ.

ئادەم ئىسكىلىتلىرىدىكى مۇسكۇللار سىستېمىسى ۋە بىئولوگىيىلىك توكنى كونترول قىلىشى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار بويىچە، ئادەم كۈچىنى كۈچەيتىدىغان ماشىنا − مېڭىش ماشىنىسى تەقلىدىي ياساپ چىقىلدى. مېڭىش ماشىنىسىنىڭ ئۇزۇن ئىككى پۇتى ۋە كۈچلۈك ئىككى بىلىكى بولۇپ، «باش» قىسمى بولغان «مېڭىسى» ئۇنىڭ باشقۇرغۇچىسىدۇر. ئادەتتە ئۇ تۈزۈلۈشى مۇرەككەپرەك بولغان جايلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇپ، سائەتلىك مېڭىش سۈرئىتى 56 مېتىرغا يېتىدۇ. ئېغىرراق نەرسىلەرنىمۇ كۆتۈرەلەيدۇ. مېڭىش ماشىنىسى بىلەن قوراللانغان ھەربىي قىسىم ئۇنى نوسىلكا كۆتۈرۈشكە، جەڭ قىلىشقا ياكى ئەگرى-بۈگرى تاغلىق رايونلاردا ئايروپىلاندىن تاشلانغان ئەشيالارنى توشۇشقا سېلىشنى ئارزۇ قىلماقتا. شۇنداقلا ئۇنى ئېغىر كەلگەن نەرسىلەرنى كۆتۈرۈۋېلىشقا ياكى ئادەم ئاياغ باسمىغان ئىپتىدائىي ئورمانلاردا يول باشلاشقا، ياغاچلارنى يۆتكەشكە سالسىمۇ بولىدۇ.