بىر كۆزلۈك ئادەملەر

ئورنى Wikipedia

مەمەت ئىمىن

نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى مۇنداق بىر ھىكايىنى ئوقۇغىنىم ئىسىمدە. بۇرۇنقى زاماندا، ئولتۇرسا قوپسا باي بولۇشنى خىيال قىلىدىغان، بىراق پەقەت جاپالىق ئىشلەشنى خالىمايدىغان بىر ئادەم بار ئىكەن. بىر كۈنى مۇنداق بىر خەۋەرنى ئاڭلاپتۇ، قۇرۇقلۇقتىن ناھايتتى يىراق بولغان كىچىك بىر ئارالدا بىر توپ ئادەملەر بارمىش، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پىشانىسىنىڭ قاپ ئوتتۇرىدا بىر تاللا كۆزى بارمىش. بۇ ئادەم بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، باي بولۇشنىڭ پۇرسىتى كەپتۇ دەپ بەك ھاجانلىنىپ كىتىپتۇ. ئۇ ئادەم ئۆز ئۆزىگە دەپتۇكى ، ئەگەر مەن ئۇ ئارالغا بارسام، ئۇ بىر كۆزلۈك ئادەملەردىن بىر نەچچىنى تۇتۇپ كىلىپ، دۇنيانى ئايلىنىپ كۆرگەزمە قىلسام، بىر ئايدا مانچە پۇل تاپسام، بىر نەچچە يىلغا بارماي مىليونىر بولىدىكەنمەن. ئۇ ئادەم شۇ خىياللار ئىچىدە ھاجانلىنىپ، دەرھال ھەركەتكە كىلىپ بىر كېمە ئىجارىگە ئىلىپ ، شۇ ئارالغا قاراپ يولغا چىقىپتۇ. بىر نەچچە ئايدىن كىيىن ئۇ ئارالغا يېتىپ بېرىپتۇ. قىرغاققا يىقىنلىشىپ قارىسا، ئۇ ئارالدا ياشايدىغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنىڭ راس دىگەندە پىشانىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر تاللا كۆزى بار ئىكەن. ئۇ ئادەم ئۇلارنى كۆرۈپ، خۇشاللىقىدىن ئۆزىنى تۇتىۋالالماي، قىرغاققا شۇنداق چىقىشىغا، ئۇ ئارالدىكى ئىنسانلار ئىچىدىمۇ ئۇزۇندىن بىرى باي بولۇش پۇرسىتى ئىزدەپ يۈرگەن شۇنداق بىر ئادەم باركەندۇق. ئۇ ئادەم شۇنداق قارىغىدەك بولسا، ئىككى كۆزلۈك غەلىتە ئادەمدىن بىرسى تۇرغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر كۆزلۈك ئادەم، ئەمدى باي بولۇشنىڭ پۇرسىتى كەپتۇ دەپ ، ئۇ ئىككى كۆزلۈك ئادەمنى تۇتۇپ، ئۇ ئارالنى ئايلاندۇرۇپ كۆرگەزمە قىلىپ پۇل تىپىش ئۈچۈن ئىلىپ كىتىپتۇ.

مەن ھازىر ئۆزۈمنى شۇ بىر كۆزلۈكلە ياشايدىغان ئارالغا كىلىپ قالغاندەك ھىس قىلىۋاتىمەن. يەنە قانچىلىك ئىككى كۆزلۈك ئادەملەر شۇ بىر كۆزلۈك ئادەملەر تەرىپىدىن غەلىتە ئادەم قاتارىدا تۇتۇلۇپ كېتىلىپ سازايى قىلىنار؟

مەنبە: ئۇيغۇر جەمئىيىتى (http://uyghur-jemiyiti.blogspot.com/2018/07/blog-post_3.html)

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى